ئاسماندا تور يەردە قاپقان: مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى (1)

نيۇيورك ۋاقت گېزىتى، 03-02-2018 
جېيمېس مىلۋارد (JAMES A. MILLWARD، 米华健)

شۇنداق بىر كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ: ئىشقا كېتىۋاتقاندا ياكى يو يۈرۈۋاتقاندا ھەر 100 مېتىردا بىر ساقچى قاراۋۇلخانىسىدىن ئۆتىسىز. كوچا بۇلۇڭىغا ۋە يول چىراقلىرى ستولبىسىغا ئورنىتىلغان كامېرالار يۈزىڭىزنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ۋە ھەرىكەتلىرىڭىزنى ئىز قوغلايدۇ. نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا، ساقچىلار سالاھىيىتىڭىزنى بېكىتىش ئۈچۈن يۈز ۋە كۆز پەردىڭىزنىڭ تەسۋىرىنى ئالىدۇ ۋە يانفۇنىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرىدۇ. سودا - ساراي ۋە بانكىلاردىمۇ، سىزنىڭ يەنە تەسۋىرىڭىز ئېلىنىدۇ، سومكىلىرىڭىز ئېكس نۇردىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىر ساقچى بىر كالتەكنى پۈتۈن بەدىنىڭىزدە ئايلاندۇرۇپ چىقىدۇ - بۇلار ئۈچۈن سىزنىڭ خاتا بىر مىللەتكە تەۋە بولۇشىڭىزلا يېتەرلىك. ئاساسلىق مىللەتكە تەۋە كىشىلەر ئادەتتە قول پۇلاڭلىتىپلا ئۆتكۈزۈۋېتىلىدۇ. 

Imagine that this is your daily life: While on your way to work or on an errand, every 100 meters you pass a police blockhouse. Video cameras on street corners and lamp posts recognize your face and track your movements. At multiple checkpoints, police officers scan your ID card, your irises and the contents of your phone. At the supermarket or the bank, you are scanned again, your bags are X-rayed and an officer runs a wand over your body — at least if you are from the wrong ethnic group. Members of the main group are usually waved through.
想像一下,你的日常生活是这样的:上班或办事路上,每走100米就经过一个警察岗哨。街角和路灯柱上的摄像头可以识别你的面部并跟踪你的动作。在多个检查点,警务人员扫描你的身份证、你的虹膜和手机内容。在超市或银行,你再次接受扫描,你的包被X光透视,一个警官在你身上挥舞一支扫描棒——至少如果你属于错误的族群,情况就会是这样的。主要族群的成员通常会被挥手放过。
 
سىز چوقۇم تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك، تەكشۈرۈش مەزمۇنى مىللىتىڭىز، دىنىي ئادەتلىرىڭىز ۋە «مەدەنىيەت سەۋىيىڭىز»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ پاسپورتىڭىز بار - يوقلۇقى، چەتئەلدە تۇغقانلىرىڭىز ياكى تونۇشلىرىڭىزنىڭ بار - يوقلۇقى، ھەتتا بۇرۇن قولغا ئېلىنغان ياكى دۆلەت تەرىپىدىن «ئالاھىدە كىشىلەر» دەپ بېكىتىلگەن كىشىلەرنى تونۇش - تونۇماسلىقىڭىز قاتارلىقلارمۇ  تەكشۈرۈلىدۇ.  
 You have had to complete a survey about your ethnicity, your religious practices and your “cultural level”; about whether you have a passport, relatives or acquaintances abroad, and whether you know anyone who has ever been arrested or is a member of what the state calls a “special population.”
你必须接受调查,内容包括你的种族、宗教习俗和“文化水平”;还有你是否拥有护照,是否有亲戚或熟人在国外,以及是否认识任何曾经被捕的人,或者被国家称为“特殊人群”者。


سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ۋە ۋە بىئولوگىيەلىك مەلۇماتلىرىڭىز سىزنىڭ كىملىك نومۇرىڭىزغا باغلانغان بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ساقلىنىدۇ. بۇ سىستىما بارلىق ئۇچۇرلارنى يغىپ ئومۇمىي نومۇر قويىدۇ ۋە سىزنى «بىخەتەر، نورمال، ياكى بىخەتەر ئەمەس» دەپ دەرىجىگە ئايرىيدۇ. بۇ دەرىجىگە ئاساسەن، سىزنىڭ مۇزېينى زىيارەت قىلىش - قىلماسلىقىڭىز، مەلۇم رايوندىن ئۆتۈش - ئۆتمەسلىكىڭىز، سودا سارايغا بېرىش - بارماسلىقىڭىز، مېھمانخانىدا تۇرۇش - تۇرماسلىقىڭىز، ئۆي ئىجارە ئېلىش - ئالماسلىقىڭىز، خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىشىڭىز ياكى پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشىڭىز قاتارلىقلار قارار قىلىنىدۇ. بەلكىم سىز باشقا مىليونلىغان كىشىلەرگە ئوخشاش قولغا ئېلىنىشىڭىز ۋە قايتا تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىشىڭىز مۇمكىن. 

 This personal information, along with your biometric data, resides in a database tied to your ID number. The system crunches all of this into a composite score that ranks you as “safe,” “normal” or “unsafe.”Based on those categories, you may or may not be allowed to visit a museum, pass through certain neighborhoods, go to the mall, check into a hotel, rent an apartment, apply for a job or buy a train ticket. Or you may be detained to undergo re-education, like many thousands of other people.
这些个人信息以及你的生物识别数据存储在绑定你的身份证号码的数据库中。这个系统把所有这一切总结为一个综合得分,把你评为“安全”、“正常”或者“不安全”。基于这些类别,你将被允许或不被允许参观博物馆、经过某些街区、去商场、入住酒店、租住公寓、申请工作或购买火车票。或者你可能被拘留,接受再教育,就像成千上万其他人一样。


بۇ بىر ئىلمىي فانتازىيەمۇ؟ ياق. بۇ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى.  
 A science-fiction dystopia? No. This is life in northwestern China today if you are Uighur.
科幻反乌托邦?不,如果你是维吾尔人,这就是如今中国西北部的生活。


خىتاي قايتىدىن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ماۋچە فورما كىيىدىغان، ئاشكارا ئۆزىنى تەنقىد قىلىدىغان، يۇقىرى ئاۋازلىق كانايلاردا كوممۇنىزم شوئارلىرى توۋلايدىغان قاراڭغۇ دەۋرگە قايتماسلىقى مۇمكىن. ئۇ ئوق باشلىق پويىزلار، ھەشەمەتلىك سودا - سارايلار ۋە يانفۇنلارنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى قولايلاشتۇرغانلىقى بىلەن ئۆزىنى داڭلىماقتا. لېكىن، بىپايان غەربىي دىياردىكى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتاي كومپارتىيىسى ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن ئۆزىنىڭ كونا ھاكىممۇتلەقچىلىك ۋاستىلىرىنى يېڭىلاپ چىقتى.  
 China may no longer be the bleak land of Mao suits, self-criticism sessions and loudspeakers blaring communist slogans. It boasts gleaming bullet trains, luxury malls and cellphone-facilitated consumer life. But when it comes to indigenous Uighurs in the vast western region of Xinjiang, the Chinese Communist Party (C.C.P.) has updated its old totalitarian methods with cutting-edge technology.
中国可能不再是人人身穿中山装、开展自我批评、用扩音器高声播放共产主义口号的阴郁国度。它拥有闪亮的子弹头高铁和豪华商场,手机令消费生活更加便利。但是在位于广大西部地区的新疆,对于维吾尔族人来说,中国共产党用先进的技术更新了旧式的极权主义手法。


ئۇيغۇرلار نامدا ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولۇپ، تۈركىي خەلقلەرگە تەۋە، كومپارتىيە ئۇلارنى خەتەرلىك بۆلگۈنچىلەر دەپ قارايدۇ. چىڭ سۇلالىسى 18- ئەسىردە شىنجاڭنى ئىستىلا قىلدى. كېيىن بۇ زېمىن بېيجىڭنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقتى، 1949- يىلىغا كەلگەندە كومپارتىيە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ئاستىدىن قايتىدىن بۇ يەرنى ئىشغال قىلدى. بۈگۈن، ئۇيغۇر، قازاق، ۋە قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى رايون نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. نوپۇسنىڭ قالغان قسىمى 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ غەربىدىن كۆچۈپ كەلگەن خىتاي ۋە تۇڭگانلاردۇر. 

 The party considers Uighurs, the Turkic-speaking ethnic group native to the nominally autonomous region of Xinjiang, to be dangerous separatists. The Qing Empire conquered Xinjiang in the 18th century. The territory then slipped from Beijing’s control, until the Communists reoccupied it with Soviet help in 1949. Today, several Central Asian peoples, including Uighurs, Kazakhs and Kyrghyz, make up about half of the region’s population; the remainder are Han and Hui, who arrived from eastern China starting in the mid-20th century.
维吾尔族是名义上实行自治的新疆的本土居民,属于突厥语族,共产党认为他们是危险的分裂分子。大清帝国在18世纪征服了新疆。后来这片领土脱离了北京的控制,直到1949年共产党在苏联的帮助下重新占领了它。今天,包括维吾尔人、哈萨克人和吉尔吉斯人在内的若干中亚民族占该地区人口的一半。其余人口是从20世纪中叶开始从中国东部到来的汉族和回族。


يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، بولۇپمۇ 2009- يىلىدىكى ئىسيان جەريانىدا، ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دائىرلەرگە شىددەتلىك ئېتىراز بىلدۈردى ياكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى. لېكىن، شۇنىڭدىن باشلاپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 11 مىليون نوپۇسلۇق پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى خالىغانچە قولغا ئېلىش، قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە سىستېمىلىق كەمسىتىش ئوبېيكتى قىلدى. ئۇيغۇرلار ئىسلام مەدەنىيىتىگە تەۋە بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىم چەتئەلدىن كېلىدىغان ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى تەھدىتىنى باھانە قىلىپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىنى ئاقلايدۇ.  

 Over the past several years, small numbers of Uighurs have violently challenged the authorities, notably during riots in 2009, or committed terrorist acts. But the C.C.P. has since subjected the entire Uighur population of some 11 million to arbitrary arrest, draconian surveillance or systemic discrimination. Uighurs are culturally Muslim, and the government often cites the threat of foreign Islamist ideology to justify its security policies.
过去几年里,少数维吾尔族人对当局发起了猛烈的挑战,特别是在2009年的暴乱期间,一些维吾尔人实施了恐怖主义行为。但是从那以后,共产党对约有1100万人口的维吾尔族人大量实施任意逮捕、严厉监视或系统性的歧视。维吾尔人在文化上属于穆斯林,政府经常引用外国伊斯兰教意识形态的威胁来为其安全政策辩护。


مەن شىنجاڭنى 30 يىل تەتقىق قىلدىم. بۇ يىللارنىڭ ھەممىسىدە مىللىي مۇناسىۋەتتىكى جىددىيچىلىك ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى، 11- سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي دائىرىلىرى «بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قارا كۆلەڭگىسىنى ئۇيغۇلارنى باستۇرۇشقا باھانە قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. لېكىن، 2017- يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى زۇلۇم تارىخا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىر دەرىجىگە يەتتى، خ ك پ نىڭ بۇ رايوندىكى يېڭى رەھبىرى چېن چۈەنگو كەڭ كۆلەملىك تىنجىتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.  

 I have researched Xinjiang for three decades. Ethnic tensions have been common during all those years, and soon after 9/11, Chinese authorities started invoking the specter of “the three evil forces of separatism, extremism and terrorism” as a pretense to crack down on Uighurs. But state repression in Xinjiang has never been as severe as it has become since early 2017, when Chen Quanguo, the C.C.P.’s new leader in the region, began an intensive securitization program.
我对新疆进行了三十年的研究。这些年来,民族关系紧张变得司空见惯,911事件发生后不久,中国当局就开始利用“分裂主义、极端主义、恐怖主义这三股势力”的可怕阴影,作为镇压维吾尔人的借口。但是,自从2017年初,国家对新疆的压制到了前所未有的严重地步,共产党在该地区的新领导人陈全国开始了一个强化维稳项目。


(داۋامى بار)