تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان ئۇيغۇرلاردىن 11 نەپىرى مالايسىيادا تۇتۇلۇپ قالدى، خىتاي قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 8- فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى تايلاندتىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئىز - دېرىكى بولمىغان 11 نەپەر ئۇيغۇر مالايسىيادا قولغا ئېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.  
مەزكۇر ئاگېنتلىق بۇ ئۇچۇرلارنى ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.  
ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا، تايلاندنىڭ مالايسىيا چېگرىسىغا يېقىن بىر جايدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇرۇۋاتقان 20 ئۇيغۇر تۈرمە تېمىنى تىشىپ، يوتقانلىرىنى ئارغامچا ئورنىدا ئىشلىتىپ قېچىپ كەتكەن.  
بۇ ئۇيغۇرلار 2014- يىلىدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى ئىدى.  
بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، مالايسىيا دائىرىلىرى چېگرىدىن ئۆتۈپ مالايسىيانىڭ شىمالىدكى كەداھ شىتاتىغا كىرگەن بىر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئۇنى تايلاندقا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.  
لېكىن، مالايسىيا ئۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالغانلىقىغا دائىر بىرەر ئۇچۇر ئاشكارىلىمىغان.  
ۋەقەنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبلىك سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۈچ مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مالايسىيا يېقىنقى ھەپتىلەردە دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا 11 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان.  
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن مالايسىيا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.  
مەلۇمات يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم غەرب دىپلوماتىيە ئۆمەكلىرى مالايسىيانىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى توسۇپ قېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىكەن.  
ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مالايسىيا خىتاينىڭ زور بېسىمى ئاستىدا، ئۇلارنىڭ تايلاندقا ئەمەس خىتايغا قايتۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنماقتا.» 
ئىگىلىنىشىچە، مالايسىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە باش مىنىستىرلىقى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا ئىنكاس قايتۇرمىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقە ھەققىدە يوللانغان فاكسقا تېخى جاۋاب بەرمىگەن.  

خىتاي ئەينى ۋاقتتا تايلاندنى بۇ 20 ئۇيغۇرنى «تېزدىن قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىشقا» دەۋەت قىلغان.  
گەرچە مالايسىيا ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا قولغا ئالغان بىر ئۇيغۇر قاچقۇننى تايلاندقا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇندىن بۇرۇن بىر قىسىم ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.  
ئۆتكەن يىلى سىنتەبىردە، مالايسىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەھمەد ھامىدى مالايسىيانىڭ 2011- يىلىدىن بۇيان 29 ئۇيغۇر «جەڭچى»نى قولغا ئالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.  
2014- يىلى، مالايسىيا 155 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى بالىلار بولۇپ، كۇئالالامپۇردىكى ئىككى بىنادا تىقما - تىقماق بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەردىن بايقالغان. ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان ياكى قايتۇرۇلمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.  
ئۇچۇر يەتكۈزگەن مەنبەلەردىن ئىككىسى مالايسىيانىڭ بۇ 11 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش - قايتۇرماسلىق ھەققىدە تېخى قارار چىقارمىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ئۈچىنچى مەنبە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.  
بىر مەنبەنىڭ ئېيتىشىچە، مالايسىيا بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى ئىلگىرى قايتۇرۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خىتاينىڭ «ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن» ئىكەن.  
ئىگىلىنىشىچە، سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر تايلاندنى ۋە باشقا ھەر قانداق بىر دۆلەتنى بۇ ئۇيغۇرلارنى بايقىغاندا خەلقئارا قانۇنلار بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا ۋە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرغان.