دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىر ھەيئەت ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇچرىشىشلاردا بولدى. پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم قارارلار ئېلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، 9- فېۋرال ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن ئىچكى كابىنىت ئىشخانىسى باشلىقى كېيجى فۇرايا ۋە باش مىنىستىر شىنزو ئابىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىقلار بولۇپ 12 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قاتقاشقان.
يىغىندا ئۇيغۇلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مۇنداق ئۈچ خىل قارار چىقىرىلغان.
1- ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا ئەزا 30 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى «يىغىۋېلىش ئورۇنلىرى»نى تاقىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىش.
2- خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل نازارەت قىلىش ھەيئىتى ئەۋەتىش.
3- ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش.
رابىيە قادىرنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىگە تۈركىيەدىن سېيىت تۈمتۈرك، گېرمانىيەدىن ئەسقەرجان ۋە ئۈمىد خەمىت، ئاۋسترالىيەدىن مەمتىمىن ئەلا قاتارلىقلار ھەمراھ بولماقتا. ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكىمۇ ھەيئەت بىلەن بىرگە يىغىن ۋە ئۇچرىشىشلارغا قاتناشماقتا.