مالايسىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: 11 ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز، نەتىجىسىگە قارىتا قارار چىقىرىمىز

مالايسىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى زاھىدى، نۆۋەتتە مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينىڭ تەلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار - يوقلۇقىغا ئاساسەن قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  
مالايسىيا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايسىيا مۇئاۋىن مىنىستىرى قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى زاھىدى، 10- فېۋرال مالايسىيا تۇن ھۈسەيىن ئون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، 11 ئۇيغۇر ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.  
 زاھىدى، «دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى قانۇنىي جەھەتتىن ئۆز - ئارا ياردەم بېرىش كېلىشىمىگە ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى باشقا كېلىشىملەرگە ئاساسەن، دۆلىتىمىزدە قولغا ئېلىنغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش - بەرمەسلىك مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن  كېڭەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.» دېدى.  
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ "ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى" بىلەن ئالاقىسى بار - يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن دۆلىتىمىز ساقچىلىرى نۆۋەتتە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەگەر تەكشۈرۈشتىن كېيىن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى بېكىتىلسە، سۆھبەتلىششىكە كېرەك قالمايدۇ.» 
ئۇ، مالايسىيا بىلەن خىتاي ئارىسىدا كېلىشىم بارلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىنىڭ كېلىشىم ماددىلىرىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ساقچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز يۇقىرىدىكى كېلىشىملەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قويۇپ بېرىش ۋاقتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قارار قىلىدۇ،» دېدى.  
 
بۇ 11 ئۇيغۇر ئۆتكەن يىلى نويابىردا تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ كەتكەن 20 ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشىغا قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلماقتا.