نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دۇنيانى چاقرىق قىلدى

7- ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش، تۈركىستان جەمئىيەتلىرى مۇنبىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

مىنستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەر توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋە دۇنيادىكى  پۈتۈن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنى ۋەزىپلىرىنى ئورۇنلاشقا چاقرىق قىلىمەن، دېدى.

تۈركىستان جەمئىيەتلەر مۇنبىرى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى ئەمىرگان باغچىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئىپتار پروگراممىغا تۈركىيە مۇئاۋىن مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش. بىر قانچە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ 350 كىشى قاتناشتى.

ئىپتاردىن كېيىن سۆز قىلغان مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش، يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە دىققەت تارتىپ، ئىنسانلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكلىرىگە چەكلىمە قويۇلۇشى ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ. دېدى.

مىنىستىر قۇرتۇلمۇش: بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ رامىزاندا بۇ خىل ۋەزىيەتكە دۈچ كېلىش چۈشىنىشلىك ئەمەس. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 3 تۈرلۈك چاقرىقنى بۇ ئىپتار زىياپىتىدە ئېلان قىلىمەن. بۇلاردىن بىرىنچىسى: خىتاي دائىرلىرىگە قارىتا بولۇپ، تارىخ بويىچىمۇ زامانىۋىي دۇنيادىمۇ ھېچ بىر بېسىم ۋە زۇلۇم ياخشى نەتىجە بەرمىدى. بېسىم ۋە زۇلۇم خەلق ئارىسىدا، ھۇزۇر ئىچىدە، ئاممىۋىي دىئالوگ ئىچىدە بىرلىكتە بىر يەردە ياشاش مەدەنىيەتكە خىزمەت قىلمىدى. بۇ مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۈرمىدى.

مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا خىتاپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاقىدار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىشقا چاقرىق قىلىمەن، دېدى.

ئۈچۈنچى چاقرىق بولسا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان چاقرىق بولۇپ، ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا تەۋسىيە قىلىمەن، دېدى.

ئىستىقلال خەۋەر تورى - مۇسا بايتاش