تەرببىيەلەش مەركىزى دېگەن

ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018-يىلى 14-فېۋرال كۈنى فېيىسبۇك سەھىپىلىرىدە ئىككى موھىم سىن تارقالدى. ئۇنىڭ بىرى ياش ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنىشى يەنە بىرى بىر توپ كىشىنىڭ بىر ئايال خادىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەنشى خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگىنىۋاتقان كۆرۈنىش. 
بىرىنجى سىن ھەققىدە بىر ئاكىمىز تەربىيەلەش مەركەزلىرى دېگەن مەزمۇننى يورۇتۇپپتۇ. ئىككىنجى سىن ھەققىدە گەپ يوق. مەن بۇ ئىككى سىننى ئورتاقلىشىپ قويدۇم ۋە چۈشەنچە بەردىم. بۇ جەرياندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا تەربىيەلەش مەركەزلىرى ھەققىدە چۈشەنچە ئايدىڭ ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
قوللىرىغا ئىشكەل سېلىنغان ياشلار چىقىدىغان سىن تەربىيەلەش مەركىزى ئەمەس، تۈرمىمۇ ئەمەس، بەلكى قاماقخانا. قاماقخانا دېگەن سوت ھۆكۈم قىلىشتىن بۇرۇنقى قولغان ئېلىش، تەپتىش قىلىش ۋە سوتقا چىقىش قاتارلىق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان قامالغۇچى تۇتۇپ تۇرىلىدىغان يەر. خىتايچىسى(看守所)، بۇ قاماقخانا تۈرمىدىنمۇ خەتەرلىك. سەۋەبى 24 سائەت بىر يەردە يەپ ئىچىپ چىقىرىپ ئۇخلاپ ئايلار ھەتتا يىللارنى شۇنداق ئۆتكۈزىدىغان گەپ. تۈرمە بۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە ياخشى، ئاپتاپ بار، ئەمگەك بار، تالا تۈزگە چىقىش ھەرىكەت قىلىش بار. مەن ئۇ قاتار تۇرغان ياشلارغا ئوخشاش 15 ئاي ئولتۇرۇپ باققانلىقىم ئۈچۈن بىلىمەن، بۇ ئىشلارغا مەن شاھىت بۇ ھەقتە مۇنازىرىگە ۋاقتىم يوق.

يەنە بىر سىن تەربىيەلەش مەركىزى بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە تەربىيەلەش مەركىزى ئىككى. بىرى ئوچۇق تەربىيەلەش، يەنە بىرى يېپىق تەربىيەلەش. ئوچۇق تەربىيەلەش 2014-يىلى باشلانغان بولۇپ ناخشا، ئۇسۇل ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاتالمىش دىنى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش دېگەن مەقسەت بىلەن قۇرۇلغان. ھەر بىر كەنتلەردە، شۇنداقلا شەھەرلەردىكى كوچىلاردا بۇنداق تەربىيەلەش ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا يېتىپ قوپۇش يوق، ئۆيلەرگە قاماش يوق، بىر تۇتاش تاماق يوق، سوراق قىلىشلار يوق. پەقەت سىياسىي ئۆگىنىش، ناخشا، ئۇسۇل، پائالىيەتلەر بار. سىندىكى دەل شۇ ئوچۇق تەربىيەلەش مەركىزى بولۇپ بەلكى بىر شەھەردىكى كوچا باشقارما زالى، ياكى بىرەر كەنتنىڭ زالى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار قارىغنادا بىر پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. 

قەشقەردىن 2017-يىل كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى 2016-يىلى 10-ئايلاردا قۇرۇلغان بولۇپ كەنتلەر ۋە ئىجتىمائى رايۇنلاردا يوق. پەقەت يېزا، ناھىيە، شەھەرلەردە بار. قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە بۇرۇنقى ناھىيىلىك بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ياتاق رايۇنى، ناھىيىلىك كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپ ھازىر يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلغان. قەشقەر شەھرىدىكى سۇ مەكتەپ، مالىيە سودا مەكتەپ، يېزىگىلىك مەكتەپ ۋە يانبۇلاقتىكى 5-ئوتتۇرا مەكتەپ، 9-باشلانغۇچ مەكتەپ، نوربېشى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھازىر يېپىق تەربىيەلىەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان. قەشقەرگە تەۋە يېزىلاردا بىكار بولۇپ قالغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ قورۇلىرى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان. يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى قاماقخانا ئۇسلۇبىدا باشقۇرۇلماقتا ئىكەن.
ئۈرۈمچىدىكى يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئاساسلىق مىچۈئەنگە جايلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇندىن باشقا كونا مەكتەپ رايۇنلىرىمۇ يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان.
يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى قاماقخانىغا ئوخشايدۇ. ئالتە گورۇوپپا سوراق قىلىش ئۆمىكىنىڭ سوراق-سۇئاللىرىغا ئۇچرايدۇ. ھەر بىر تەربىيەلەنگۈچىنىڭ 10 ئادەمنى پاش قىلىش ۋەزىپىىز بار. كۈندە قاماقخانىدىكىگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى تاپشۇرۇش، پارتىيە سادىقلىق قەسەمنامىسى بېرىش، قائىدىلەرنى يادىلاش، قىزىل ناخشىلارنى يادىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ. قامالغانلارنىڭ بالىلىرى ئۆيدە يېتىپ قوپۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم ياتاققا ئېلىپ كېتىلىشى كېرەك.
يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە دوختۇرلار سەپلەنگەن بولۇپ قەشقەردىكى يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ دوختۇر سېستىرالىرى قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى (بۇرۇنقى ئىشچىلار دوختۇرخانىسى) ۋە باشقا دوختۇرخانىلاردىن ئەۋەتىلگەن. 
يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ياتاقلارغا ئايرىلغان كىرىش ئىشىكىدە بىر چوڭ نۆۋەتچىلىك ئۆيى بولۇپ ئايلاندۇرۇپ ياسالغان تامدىكى چوڭ ئىكراندىن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئايال تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ئايرىم ئايال نۆۋەتچى خادىم تەيىنلەنمىگەن. ئىكراننىڭ سۈزۈكلۈك دەرجىسى بىر كىشىنىڭ يۈزدىكى مەڭنىمۇ پەق قىلالىغۇدەك دەرجىدە ئېنىق. ئاياللارنىڭ 24 سائەتلىك پائالىيىتىنى ئەر نۆۋەتچىلەرمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ.
ئوچۇق تەربىيەلەش مەركىزى كەنت ۋە ئىجتىمائى رايۇنلارغا تەۋە. يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئەدىلىيە ئىدارىسىگە مەنسۇپ. ئوچۇق تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەخسۇس شىاتى يوق، ئۇ بىر ئايرىم ئورگان ئەمەس. يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى بولسا مەخۇس ئورگان بولۇپ ئايرىم شىتاتلىق كادىلىرى بار. كادىرلار ساقچى ئىدارىسى، تەپتىش قاتارلىق ئورگانلاردىن پىنسىيەگە چىققانلار، ئارامغا چىققان ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان. بۇ ئورگاندا ئىشلەۋاتقانلار رەسمى دۆلەت خادىمى. شۇڭا يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى ۋاقىتلىق ئورگان ئەمەس، ئەدىلىيە تارماقلىرىغا مەنسۇپ دۆلەت ئورگىنى. بۇنىڭدىن قارىغاندا يېپىق تەربىيەلەشلەر ۋاقىتلىق بولۇۋاتقان ئىش ئەمەس.
يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى 2017-يىلى بەشىنجى ئايلارغىچە بىر قەدەر ئەركىن بولۇپ سىرىتقا تېلىفون قىلىشقا مۇمكىن بولغان، زىيارەتچىلەر كۆرۈشتۈرۈلگەن، ئەمما شۇ ئايدىن كېيىن رەسمى قاماقخانا باشقۇرۇش شەكلىگە كىرگەن. 
مەن بۇلارنى ئىشەنچلىك كىشىلەردىن، مەنبەلەردىن توپلىدىم، مەنبە بىلەن تەمىنلىگۈچى قەشقەردىن، شۇڭا مەلۇماتلار قەشقەرنى ئاساس قىلىدۇ. 
مۇشۇ ئاساستا خىتايچە ۋە ئېنگىلىزچە قىلىپ يېزىپ، ئىككى سىنغا چۈشەنچە قىلىپ تەييار قىلدىم. مېنىڭ بېتىمگە كىرگەنلەر شۇ تىللارنى قوللىنىدىغان كىشىلەرگە كۆپرەك تارقىتىپ قويساڭلار بولىدۇ. 
تولۇقلاپ قويماقچى بولغانلار ئۆزىنىڭ قاچان، قەيەردە، نېمە سەۋەپ بىلەن، قانچىلىك تەربىيەلەنگەنلىكىنى يېزىپ قويسا بولىدۇ. 

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدىن ئېلىندى