ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىمۇ؟

رۇقىيە تۇردۇش

دۆلەت مىللىتى كىملىكى ( پۇقرالىق كىملىكى) ئۆز كىملىكىنى ئۆزلىرى ياكى ئەجدادلىرى ياشىغان ياكى ياشاۋاتقان  ۋەتىنىنىڭ دۆلەت كىملىكى  ئارقىلىق  نامايەندە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

دۆلەت پۇقراسى كىملىگى  تەبىئ‍ىي قانۇنىيەت، ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ياكى دۆلەت پۇقراسىنىڭ قوبۇل قىلىش قىلماسلىق ئىختىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن مۇتلەق نەرسە  بولماستىن بەلكى بىر ئىدېئولوگىيە. چۈنكى  مىللەت كىملىگى ياكى پۇقرالىق ( گراژدانلىق) شەخسنىڭ بۇ كىملىكنى ئۆزىدە ئىپادە قىلىش - قىلماسلىغىدا، بۇ كىملىكنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىغىدا ياكى قانچىلىك ۋە قانداق قوبۇل قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. پۇقرالىق دېگەن بۇ ئۇقۇم، مەلۇم تېرىتورىيە ياكى زېمىن ئىگىدارچىلىقىغا ئىگە  بولغان بىر ياكى بىردىن ئارتۇق ئېتنىك  توپلۇمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى  ئوخشاش بىر دۆلەت مەدەنىيىتىگە ئەگىشىش ۋە ئوخشاش قانۇنغا بويسۇنۇش ئارقىلىق بۇ زېمىندىكى مەجبۇرىيەت ۋە ھوقۇقلىرى بىلەن ئىپادە قىلىشىدۇر. بۇ خىل دۆلەت كىملىگى ئۇقۇمى غەرپنىڭ دۆلەتلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، خالىغان بىر يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىپ دۆلەت قۇرۇۋېلىش ئەمەس، بەلكى تارىخى يىلتىزىدىن تارتىپ مەلۇم تېرىتورىيەدە ياشاپ، شۇ يەرنىڭ ئىگىللىرى بولغان ياكى بولۇپ كېلىۋاتقان ئېتنىك توپلۇم ياكى توپلۇملارغا  قارىتىلىدۇ ۋە بۇ دۆلەتنىڭ كىملىگىگە ئىگە بولغان، ياكى بولۇشقا شەرتى توشۇدىغان ئېتنىك توپلۇملارلا مىللەت ھىساپلىنالايدۇ[i] .  بۇ زىمىنغا باشقا يەرلەردىن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت پۇقرالىرى بولسا كۆچمەنلەر ياكى ئاز سانلىق مىللەت ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى شۇ زىمىندا تۇغۇلغانلىغى ئۈچۈن تولۇق گراژدان ھېساپلانسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە دۆلەتلەردە كۆچمەنلەر ناتۇراللاشقان( باشقا دۆلەتتىن كېلىپ گراژدانلىق تەلەپ قىلغۇچى) پۇقرا ھېساپلىنىدۇ. ئېرنېست گەلنېر قاتارلىق مەشھۇر غەرب مىللەتچىلىك نەزەرىيەچىلىرى پۇقرا ياكى دۆلەت مىللىتى كىملىگىنى شۇ دۆلەت كىملىكىنىڭ ئومۇملاشقان يۇقىرى مەدەنىيەت كىملىكى دەپ قارايدىغان بولۇپ،  دۆلەت يولغا قويغان بىرلىككە كەلگەن تىل-يېزىق، بىر تۇتاش مائارىپ سىستېمىسى، بىر تۇتاش ئىقتىسادىي سېستېما،  قانۇن ۋە مەجبۇرىيەتلەر، يۇقۇرى دەرىجىدىكى سانلىق تېخنىكىلىق مەلۇماتلار ئالدىنقى شەرت قىلىنغان بىر كىملىك،  ۋە بۇ كىملىك جەمىئيىتىگە مەنسۇپ كىشىلەر يۆتكىلىشچان، بىر ھەرىكەتتىن يەنە بىر ھەرىكەتكە، بىر ئىشتىن يەنە بىر ئىشقا كۆچەلەيدىغان، ئىشلەش جەريانىدا كەڭ دائىرىلىك ئالاقە ئورنىتالايدىغان، ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدىغان ، ئىش ئىزدەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بولغان شەخسلەرنىڭ قانۇن تەرىپىدىن ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرى كاپالەتكە ئىگە بولغان زامانىۋىي كىشىلەر  بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي دۆلەت مىللىتىگە تەۋە بولغان مەدەنىيەتنى نامايەندە قىلىدۇ دەپ چۈشەندۈرىدۈ[ii].

دۆلەت پۇقراسى( مىللەت) تېررىتورىيەگە، ۋەتەنگە، قۇرۇلغان دۆلەتكە تەۋە مىللەت بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ كىملىگىمۇ دۆلەتكە سىياسىي باغ بىلەن باغلىنىپ، جەمەتىگە، ئۆزى تەۋە سىنىپقا، ياكى پادىشاھقا  ئەمەس، بەلكى ئۆزى قۇرغان دۆلەتنىڭ ئىگىلىرى بولغان مىللىتىگە  سادىق بولىدۇ.[iii]  خەلقئ‍ارا سىىستېمىدىكى ئاساسلىق ئاكتىيورلار ھىساپلىنىۋاتقان دۆلەتتىن ئىبارەت بۇ نەرسە بولسا زىيالىلار ، ئىنىستىتۇتلار، سىياسىي پارتىيەلەر، تىل ، قاتناش، بيورۇكراتلار ۋە مېدىيا قاتارلىقلار ئارقىلىق دۆلەت گراژدانلىرى تۈزۈلمىسىنى پەيدا قىلىدۇ. مىللەت ياكى دۆلەت مىللىتى دېگەن ياكى دۆلەت پۇقراسى دېگەن بۇ نەرسە مىللەتچىلىك بىلەن باغلىنىدىغان بولۇپ، مىللەتچىلىك ئارقىلىق مەلۇم تېرىتورىيەدە دۆلەت قۇرغان پۇقرالار ئەنە شۇ تېرىتورىيەدىكى دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ھېسابلىنىدۇ.[iv]  ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ تېرىتورىيەسىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قېتىۋېلىنغانلىقى ناھايىتى ئېنىق ھالدا شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ تېرىتورىيەسىنىڭ تاجاۋۇز ئىچىدە ئىكەنلىگىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتى تېرىتورىيەسىنىڭ  پۇقرالىرى ئەمەسلىگىنى كۆرسىتىدۇ.  خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قوشۇۋېلىپ يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەت تۈزۈلمىسىگە  ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى باغ بىلەن باغلىنىپ سادىق بولۇشى ۋە خىتاي گراژدانلىرى تۈزۈلمىسىگە كىرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىگى بۇ يەردە ناھايىتىمۇ ئېنىق كۆرۈلىدۇ.   ئەگەر، ئۇيغۇرلارنى نۆۋەتتە خىتاي دۆلىتىگە تەۋە بىر ئېتنىك توپلۇم، خىتاي پاسپورتى ئارقىلىق دۆلەت تەۋەلىگىنى نامايەندە قىلغانلىغى ئۈچۈن مۇستەملىكىدىن قۇتۇلغانغا قەدەر خىتاي پۇقراسى دەپ ئېتىراپ قىلماي ئامال يوق، دەپ قارىلىش كېرەك دېيىلگەن تەغدىردىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلەت كىملىگىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى يوق بولغانلىقتىن يەنىلا بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىدۇ. چۇنكى، ئۇيغۇرلار ئورتاق يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ پۇرسىتىدىن، بىر تۇتاش ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۆلەت تۈزۈلمىسىدىن، كەڭ دائىرىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولالاۋاتامدۇ؟ ياق. ئۇلار يۆتكىلىش، كۆچۈش، ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ھوقۇقىغا، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىش ھوقۇقىغا، ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيتىگە ئىگىمۇ؟ ياق.

دۆلەت مىللىتى ياكى پۇقرالىق مەلۇم مەدەنىيەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان غايەت زور سىياسى توپلۇم. ئۇلار ئادەتتە بىر دۆلەتتە بىر-بىرىنى تونۇپ كەتمىسىمۇ، ئۇلار پەقەت ئېتنىكلىق، جىنس، دىن ۋە كەسپ جەھەتتە پەرقلەنسىمۇ ئۆز-ئارا بىرلىك ۋە بىر پۈتۈنلۈكتە ئوخشاش كىملىكنى ئىپادە قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقراسى ياكى ئەمەسلىگىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش، شۇنداقلا پۇقرالىقنىڭ بىر ئېدىئولوگىيە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، قانداق ئەھۋالدا بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى ھېساپلانغىلى بولىدىغانلىغىنى چۈشىنىش بىلەنلا قالماي، دۆلەت تەۋەلىگى كىملىكىنىڭ پۇقراغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.   ياۋروپالىق پۇقرا ( دۆلەت مىللىتى ) تەتقىقاتچىللىرىدىن كارولەۋسكى   Karolewski)   ) دۆلەت كىملىكىنىڭ پۇقراغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىكى ئانالىزى ئىنتايىن قايىل قىلارلىق بولۇپ، ئۇ دۆلەت مىللىتى كىملىكىنىڭ كىشىلەرگە ئەقلىي جەھەتتىن، غۇرۇر جەھەتتىن، قانۇنىي جەھەتتىن ۋە شۇنداقلا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق ھەركەتكە ئۆتۈش جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ[v].  ئۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەت كىملىكى كىشىلەرنى ئەقلىي جەھەتتىن كونترول قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزىنى دۆلەت مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى، دەپ قاراشنى شەكىللەندۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاشۇ دۆلەت كىملىكىنىڭ بىر ئەزاسى، دەپ قارىغانلىقتىن، ئەنە شۇ دۆلەتكە تەۋە بولغان ئېتنىك توپلۇملارغا ئومۇمىي بولغان دۆلەت كىملىكىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلار بىلەن ئۆز شەخسىي كىملىكىنى ئوخشاش قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارچۇ؟ ئېنىقكى خىتاينىڭ دۆلەت كىملىكى كۆپ ئېتنىكىلارغا ئورتاق ۋە باراۋەر بولغان بىر ئومۇمىي كىملىكنى ئەمەس، پەقەت ئېتنىك خەن كىملىكىنىلا كورسىتىدىغانلىقتىن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز كىملىكىنى خىتاي قىلىشقا تىرىشىش ھىچ قاچان مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇرلار خىتايغا چىرايىنىڭ ياكى كىيىم كېچىگىنىڭ قىلىقىنىڭ ئوخشىشىپ قېلىشىدىن تولىمۇ بىزار، ئۇلار ھىچقاچان خىتاينىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەپ ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ياقتۇرغان ئەمەس. بۈگۈنكى كۇندە خىتاي بۇلارنىڭ ھەممىسىنى زورلۇق بىلەن تېڭىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۈگەندى دىيىشكە توغرا كەلسە، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ مەھسۇلى.

كارولەۋسكى ئېيتقاندەك، دۆلەت كىملىكى پۇقراغا ئۆزىنى باشقا  دۆلەت مىللەتلىرى ئالدىدا مەدەنىيەتلىك ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ھېس قىلدۇرۇپ غۇرۇر ھىس قىلدۇرالىشى كېرەك. چۈنكى ھەر بىر پۇقرا ئۆزى تەۋە بولغان دۆلەتتىن پەخىرلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى پۇقرالار ئۆزلىرى تەۋە بولغان دۆلەت ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئورتاق كۈرەش ۋە تىرىشچانلىقلىرى، كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئۇيۇشۇپ، بىر-بىرىدىن غۇرۇر تۇيۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.  ئۇيغۇرلارچۇ؟ ھەرقانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر خىتاي دۆلەت كىملىكىدىن نومۇس ۋە خورلۇق ھىس قىلىدۇكى، ھېچقاچان غۇرۇر ھىس قىلمىدى ۋە قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېتنىك خەن خىتايلار بىلەن بولغان كەچۈرمىشلىرى خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىش، قىرغىنچىلىق ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراش كەچۈرمىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق بىرلىشىپ كۈرەش قىلغان ۋە  دۆلەت قۇرغان تارىخى ئەسلىمىسى يوق، خىتايلار بىلەن ئورتاق بىر تېرىتورىيەگە باغلانغان روھى قۇۋۋىتىمۇ يوق.

خىتاي بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەمەس باشقا دۆلەتنىڭ ئۇتىېېلىشىنى ئارزۇ قىلىشىلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىغىنىڭ پەخىرلىنىش ھىس قىلالمايدىغىغىنىڭ بىر مىسالى.

ئۇنداقتا، كارولەۋسكى ئېيتقان 3- ئامىل، يەنى قانۇنىي جەھەتتىنچۇ؟ خىتاي دۆلەت كىملىگى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت كىملىكىگە قانۇنىي جەھەتتىن قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ قولىغا خىتاي پاسپورتى ئېلىش بىلەنلا ئۇلارنىڭ دۆلەت پۇقرالىغى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولامدۇ؟ ياق، ئەكسىچە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار قانۇنىي پۇقرالىق كاپالىتىگە ئەمەس، خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ خىتاي پۇقراسى ئەمەسلىگى بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي دۆلىتى سىياسىي قارارلارنى ئېتنىك خەن خىتاي مىللىتىنىڭ كىملىگى ۋە مەنپەئەتى ئاساسىدا ئېلىپ بارىدىغان بولغاچ، دۆلەتنىڭ سىياسىي قارارلىرى ۋە قانۇنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى ئېتنىك توپلۇملارنىڭ كىملىگىنى، مەنپەئەتىنى ھېچقاچان چىقىش قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېرىتورىيەلىك سىياسى مەنپەئەتى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئېتنىك خىتاي مەنپەئەتى بىلەن ئېغىر ۋە كەسكىن توقۇنۇش ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقتىن، شەرقىي تۇركىستان خەلقلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقراسى سۈپىتىدە ئادالەت ۋە مىللەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوخشاش دۆلەت كىملىكى ئاساسىدا ئۇيۇشۇپ، سىياسىي قارارلارنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتىنى يوقىتىپ شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت ۋەتىنىنى بېسىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخ بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ  ھازىرقى مەۋجۇد سىياسىي ئەھۋالىلا  ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلەت كىملىكىگە تەۋە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدىغان ھىچقانداق بىر پاكىتنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت كىملىكىنى ئۆزىدە نامايەندە قىلىشى ياكى ئۇلارنىڭ  خىتاي دۆلەت كىملىكى ئىدىئ‍ولوگىيەسى ئەنە شۇ بىر قاتار مۇمكىن ئەمەسلەر ئۈستىگە قۇرۇلغانلىتىن مەۋجۇد بولمىغان بىر ئىدېئ‍ولوگىيەدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا بېرىلگەن خىتاي پاسپورتى ئۇلارنىڭ  دۆلەت تەۋەلىكى بولماستىن، بەلكى باشقا دۆلەت چېگرىلىرىدىن قوغلاندى قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش خېتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەۋجۇد بولمىغان بىر پۇقرالىق ئىدىئ‍ولوگىيەسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىتاي گراژدانلىغىغا تەۋە دەپ قاراش،  رىئاللىقتىكى ئىنتايىن چوڭ بىر يالغاننىڭ ۋە ناھەقچىلىقنىڭ  رەسمىيەتكە ئايلاندۇرۇلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

[i] Anthony D. Smith, National identity, pinguin books Ltd, London, 1991:9

[ii] Earnest Gellner, Nations and Nationalisim , Basil Blackwell, Oxford, 1983: 36

[iii] Gellner,  Nation and Ntionalism, p 7

[iv] Gellner,  Nation and Nationalsm, p 55

[v] Pawel Karolewslki, Andrzej Marein Suszycki,The Nation and Nationalism in Europe-An introduction. Edinburgh,  Edinburgh university press, 2011:5

مەنبە: قارلىغاچ تورى