ئى ئەركەكلەر! ئى ئاياللار! سىلەر كىمسىلەر ؟

ئۇنۇتتۇرماق-- خاتىرىمىزنىڭ يوقاپ كەتكەن يەرلىرىگە يۇشۇرۇنغان ئۆتمۈش ..  

يىراقلاردا قالدى ئاۋازى، گويا نۇرلىرى خىرەلەشكەن قۇياش....   

شانلىق قۇشۇنلاردىن، تەنتەنىلىك بايراملاردىنمۇ بەكراق يۈرەك كېرەكتى يۈرەك!  لېكىن بۇ يۈرەكنىڭ تۇمۇرلىرى ئۇزۇندىن بېرى كېسىك. 

بىزگە بىزنى ئۇنۇتتۇردى.        

شۇ كۈندىن بېرى زېمىن تەۋرەشتىن توختىمىدى.       

يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ غېمىدە مۇسۇلـمانلارنى،    

بىر تەرەپتە بالقانلار ، بىر تەرەپتە بوز قىرلار...        

تۇپراق دېمەك، تارىخ دېمەكتۇر.  ۋەتەن دېمەك، نامۇس دېمەكتۇر! 

قالدىمۇ قوللىرىنى ئۇزاتمىغان نامەھرەملىرىمىز ؟  

بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئازاپلىنىشنىمۇ بىلـمەيمىز ! ئاھلىرىمىز يۈرەكلىرىمىزدە بىزنى بوغۇۋاتىدۇ، ئەمما يېنىمىزدىكى تۈگىمەس  زۇلۇملارنى ئاڭلىتالـمايۋاتىمىز! دۇنيا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان تارىخنى ئەمەلىيەت  قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ساختا قەھرىمانلارنى ياساپ چىقىش بىلەن ئاۋارە يۈرگىنىدە، نۇمۇسسىزلارچە بەتلەرنى تولدۇرغىنىدا، بىزلەر قانچىلىغان داستانلىرىمىزنى، مۆجىزىلىرىمىزنى، ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنگەن ئەس- خاتىرىلىرىمىزنى يۇشۇرىۋاتىمىز؟!

مەن بۈگۈن غەزەپلىنىۋاتىمە​ن!

بىزنى بىزدىن ئايرىۋاتقانلارد​ىنمۇ بەكرەك بىزگە،  بىر- بىرىمىزگە تەستە ئۇزىنىۋاتقان قوللىرىمىزغا،  جايىدا ئىشقا  يارىمىغان زىھنىمىزگە.  

قانچىلىغان جانلار قەيەرلەردە نام-نىشانسىز قالدى ...؟        

قانچىلىغان ئائىلىلەر  قەيەرلەردە سەرسان  بولدى ...؟

ئۆتمۈشىمىزگىمۇ  تۈزۈكرەك  قارىيالـمايۋاتىمىزغۇ !؟  

قولىمىزدىن ئېلىنىۋاتقان ، ئېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلار​غا ئۇزاقتىن قاراپ قويۇپ ، ئاھ-پاھ دەپ قويۇپ يەنە ئۆزىمىزنىڭ ئالدىراشلىقىمىز​غا مەھكۇم بولىمىز: تېلۋۇزۇر كۆرۈشكە، ئىنتىرنىتكە چىقىشقا، قۇرۇق ماختىنىشقا، مەۋھۇم ھاياتقا، يوقىلىشقا...

ھالبۇكى بىپايان بىر ئاتا يۇرت ئۇزىنىپ تۇرىدۇ ئۇ يەرلەردە ،

قەبىھ،  رەزىل كۆزلەرنىڭ ئاستىدا .

بىز بىزدىن يىراقلىشىۋاتىمىز...    

قەتلىئام قىلىپمۇ يېتەلـمىگەن مەقسەتلىرىگە،  بۈگۈن ئېڭىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ، 

بىز بولساق: خەۋەرلەردە نېمە يېڭىلىق باردۇ ؟ دەپ ئويغىنىۋاتىمىز ھەر يېڭى كۈندە.   

مەسىلە پەقەتلا تۈركنىڭ تۈرك يۇرتىدا ئېڭراشلىرىنىڭ دىققتىمىزنى تارتىشىمىتتى؟!  

بۇ قەدەر شانلىق تارىخنى مۇشۇنداقلا يوقىتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاساسسىز، مەنىسىز سەپسەتىلەرگە تولغان، پەقەت ئۆزلىرىگىلا  تەۋە بولغان يالغانلار بىلەن تولدۇرۇشنى كۆزلەۋاتىدۇ، فىلىملەر، كىنۇلار، كىتابلار بىلەن .

غەرب بۇ ئويۇننى ئۇستىلىق بىلەن ئويناۋاتىدۇ، قىتئەلەر ئارا باشقۇرىلىدىغان بومبىلارمۇ قىلالـمايدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، بولكىلىرىغا قانلىرىمىزنى سۈركەپ يەۋاتقىنىدا ئەجدادىمىزنىڭ قاتىللىرى، بىزنىڭ ۋىجدانلىرىمىز ئازراقمۇ بىئارامچىلىق ھېس قىلمايۋاتىدۇ.

ھەقىقەت بىلەن كارىمىز بولـمايۋاتىدۇ ،

ئېغىزلىرىمىزدا داۋالارنىڭ نامىلا قالدى پەقەت ، 

ھەركىم ئۆز دەردىنىڭ غىمىدە .

كوچا ئاخىرىغىچە بىرلىكتە شۇئار  توۋلىشىپ، 

قايىتقاندا بولسا، بىر-بىرىدىن ئون قەدەمچە يىراق ماڭىدىغان ئىنسانلار، 

پەقەت مۇشۇنچىلىكلا  ئۇلارنىڭ داۋا-كۈرەشلىرى.  

«بېلىقنڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يوق» دەيدۇ ، بېلىقچىلىكمۇ ئەمەس بىزنىڭ بەزىدە. 

تۈركنىڭ شۆھرىتى نەدە قالدى !؟  

قانخورلار تۈركنى تىتما-تىتما قىرىۋاتقاندا تۈركنىڭ جاسارىتى نەدە قالدى ؟ 

يىللار بويىچە بىزنى كۈتكەنلەرگە يېتىشىدىغان ۋاقىت كەلگەندە قانچىسىنى ھەقىقىي يۈرىكىمىز  بىلەن باغرىمىزغا باسالايمىز ؟

تارىخ بىزنى چاقىرىۋاتىدۇ دېگىنىمىزدە، بەزى نۇمۇسسىزلارنىڭ كۆزى  پۈتۈن بىساتىدىن ئايرىلغان مۇساپىرلارغا بېرىلگەن 20- 30 چە ئۆيلەردە. بەزىلەر  << قاچقۇنلار>> دېيىشىدۇ ،  بۇ مەملىكەتكە چىقىش يولى  ئىزدەپ  كەلگەنلەرگە.

ئەگەر بىلگەن بولسىڭىز ئۇرۇشنىڭ قان تەمىنى ،  

چۈشسە نۇمۇسىڭىز ياۋلارنىڭ قولىغا ،

بالىلىرىڭىزنى قەتىل قىلسا كۆز ئالدىڭىزدىلا ،

تاجاۋۇزچىنىڭ ئىپلاس قولى چاچلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا  بولسا ، سىز مۇ  << قاچقۇن >>  بولامتىڭىز  ؟ 

ۋىجدانسىزلىقنىڭ پەللسىنى ، بۇ تۇپراقلاردا ياشاپ ، بۇ ۋەتەننىڭ سۈيىنى ئىچىپ ، تۇزىنى يېگەن ، دۇنياغا قۇل بولغان ياغلىق يۈزلەر  ياراتماقتا.

بۇنداق ۋىجدانسىزلىق بۇ ۋەتەنگە خىيانەتتۇر!

يىلتىزىدىن ئايرىۋىتىلگەن نەسىللەر ۋەيرانچىلىقتا نېمىمۇ قىلالىسۇن؟

  كىملىكىنىمۇ بىلـمىگەنلەر  ئۆز ئۆيىنى قانداقمۇ تاپالىسۇن ؟

بەرىكەت ۋە شادلىققا تولغان  بىر ئائىلىنى تالان- تاراج قىلدى، پارچە-پارچىدۇر ھەر يەردە . دادىنى ئوغۇلغا، ئانىنى قىزىغا ياتلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بۇ.

بۇ تۇپراقلاردا كىملىكى خەۋپ ئاستىدا قالغان نەسىلداشلىرىمىز، ئانا قۇچىقىدا كۆز ياشىلىرى توختىمىغان قانداشلىرىمىز بار.

نېمىنىڭ غېمىنى ھەقىقىي قىلىۋاتىمىز ؟   

نېمىلەرگە پەرۋاسىز؟          

بەزىدە بۇلارمۇ ئېنىقسىز.          

قانچىلىكىنى ئۆزىمىزنىڭ غېمى ئورنىدا كۆرىۋاتىمىز ؟

تەرەپپازلىققا  ئەسىر بولۇش بىلەن، شۆھرەت تاماسى بىلەن،    

 ئىشلار بۇ ۋەقپە، شۇ جەمئىيەت دېيىش بىلەن، سەن- مەن تالىشىش  بىلەن بولـمايدۇ.

ھەقىقەتەن غېمى ئۆلتۈرۈلگەن قېرىندىشىدا بولغان ، يىراق دىيارلاردا نەزىرى بولغان، تارىخى بىر، دىنى بىر بولغاننىڭ ھىممىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىشى كېرەك .  ئېغىزىمىزدىكى ئۈچ-تۆت ئېغىز گەپتىن باشقا، ھەقىقىي دەرتمەننىڭ دەردىگە قۇلاق بەرگەن يۈرىكىمىز،  قەتلىئامغا قارشى سۆزلىگەن ئاۋازىمىز قانچىلىك ؟  

ئۇخلاۋاتامدۇق ياكى ئويغاندۇقمۇ ؟ ئاۋۋال بۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش​ كېرەك!   

بۇ مىللەتنىڭ بىر  پارچىسى بولۇپ تۇرۇپ ، يىراقلاردا مەزلۇم بولۇپ قالغان تۇپراقلارنى ، تۇپراق ئۈستىدىكى بىگۇناھ مەسۇم جانلارنى قانچىلىك ئەسلەۋاتىمىز ۋە ئەسلىتىۋاتىمىز ؟ 

شەرقى تۈركىستانلىق ياشلارنى،  تۈركلەرنى  بىلـمىگىنىنى  ۋە  زامانىدا تۈركىيەگە قارشى دۈشمەن قىلىپ  يېتىشتۈرۈلۋاتقىنىنى ​ بىلەمدۇق ؟ 

سېنى ساڭا قارىلىغاننىڭ ھىيلىسى  مانا بۇ يەردە.

ئۇنۇتقان زامانلارنىڭ ئاچچىق قىسمىتى ،

قولۇڭنى قوللىرىدىن تارتىۋالغىنىڭنىڭ بەدىلى مانا مۇشۇنداق ئۇنتۇلۇشتۇر ! ئەستىن غايىپ بولۇش ، ھەتتا ئىزىمۇ قالـماسلىقتۇر! 

نە داۋايىمىزغا ئىگە چىقالىدۇق ، نە ھەسرىتىمىزگە؟

نە تارىخىمىزغا ئىگە چىقالىدۇق،  نە بۈگۈنىمىزگە ؟    

«غەرب» دېيىلگەن يەردە  بولغان بولسا بۇ قەتلىئام ، بۇ ئۇرۇش ، بۇ ئاچچىق قىسمەتلەر ،

كىتابلار ، فىلىملەر ، تەشۋىقاتلار ... مەيدانغا كېلەتتى،  تارىخ ئۈستىگە تارىخ چىقاتتى ،

دۇنيا ئۇلارنىڭ بولاتتى، 

ئۇنىڭسىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارزۇسى  مۇشۇ  ئىدى.      

ئۇلار ئۆزلىرى ئەسلا  ئېگە بولالـمايدىغان يىلتىزلار  بىزدە  بار ئەمما تىرىشچانلىق ئۇلاردا.     

 

بىر تەرىپىمىزدە غەرب،  بىر تەرەپتە شەرق ۋە  جەنۇب،      

دۇنيا بىزنى چاقىرماقتا ، تارىختىمۇ چاقىرغاندەك.  

بىز بولساق قولىمىزدىكى خەزىنىلىرىمىزنىڭ قەدرىنى بىلـمەي ، ھېچ قىممىتى بولمىغان نەرسىلەرنىڭ پىشىدە.   

ئۇنداق قىلـمايلى! قىلغىلىمۇ قويمايلى !     

بۇنداق ئاسان بولـماسلىقى كېرەك!  

دۇنيا بىزنىڭ ئىدى، دۇنيانى ياشىغىلى بولىدىغان قىلغانمۇ بىز ئىدۇق ، ئاتىلىرىمىز ئىدى،   

بۈگۈن ياشىغىلى بولـمايدىغان  ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلارغا  كۆز يۇمغانمۇ بىز .

ھەئە ، كۆز يۇممايۋاتىمىزمۇ يە !؟ 

بىر قىسمىمىز  بىرلەشسەكمۇ  ئاۋازىمىزدىن نۇرغۇنلىغان يۈزلەر كۈلىدۇ ئەلۋەتتە.

ئەمدى ئويغىنىشىمىز كېرەك!     

ئوقۇمىغىچە،

ئەسلىمىگىچە،      

تارىخ بەتلىرىگە قايتىدىن چۆكمىگىچە، 

چۇقان سالـمىغۇچە، 

ئورنىمىزدىن تۇرمىغىچە، 

بىز «بىز» بولالـمايمىز!

بىزدىن ئوغرىلىغانلىرى بىلەن دۇنيا قۇرماقچى بولىۋاتقانلارنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە سۈكۈت قىلـساق بىز «بىز» بولالـمايمىز! 

تۈركىستانلىقنىڭ تۈرك ۋەتىنىدە كىملىكى بولـمىسا بىز «بىز» بولالـمايمىز!

ئانىلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن قان- ياش ئاققۇزغانلارنى ئۇنۇتساق بىز «بىز» بولالـمايمىز!  

ھېلىغىچە پارتىيە، دەرنەك دەپ يۈرسەك بىز «بىز» بولالـمايمىز! 

كۈچنىڭ  پۇلدىن ئەمەس يۈرەكتىن كەلگىنىگە ئىشەنمىسەك بىز «بىز» بولالـمايمىز! 

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قول ئۇزىتىلغان نامۇسلىرىمىزنى ئۇنۇتساق، ئىچىمىزدىكى ۋىجدان بىزنىڭ ئەمەستۇر!

بىزنى بىز قىلغان ئاتا تۇپراقلىرىمىزنىڭ​ ھىدىنى ھىدلىمىغۇچە،  بىز «بىز» بولالـمايمىز! 

قەيەردىن قانداق كەلگىنىمىزنى بىلـمىسەك بىز  «بىز»  بولالـمايمىز !    

شۈكىرلەر بولسۇن ،

گىنلىرىمىز بولسىمۇ ئۆتمۈشىمىزنى ئەسلىمەكتە ،  ئۇنتۇلغان تارىخىمىزنىڭ بىر قىسمىنى،

دەرتلىرىمىزنى ۋىجدانىمىزغا، زىھنىمىزگە پىچىرلىماقتا. 

بۇ ۋەتەنگە ھەقىقىي كىملىكىمىز  بىلەن لايىق بولىشىمىز كېرەك.          

تارىخقا ، ئەجدادقا، ئەسلىمىزگە ھەرگىز شىكايەت قىلـماسلىقىمىز كېرەك .   

دىنداشلىق بەزىلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەمەستۇر بەلكى، نەسىلداشلىقنىڭمۇ ھېچ ئەھمىيىتى يوقمۇ؟!

بۈگۈن ئورنىدىن تۇرۇش كۈنىدۇر  تۈرك! ... ...  ئويغان!!!

ئىزاھات:

بۇيەردىكى ئەيىپلەش پەقەت ئۆز ئىگىلىرىگە قارىتىلغاندۇر، پۈتۈن تۈرك خەلقى ۋە يۈزلىگەن مىھنەتكەش كىشلەر ئەسلا بۇ خىتاپنىڭ ئوبىكتى ئەمەستۇر.

 ئاپتورى:  كۈبرا يەتەر

ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: ئايتولدى

"BİR DIRAM, KIRK KELAM, DOĞU TÜRKİSTAN" «بىر پاجىئە، 40 سۆز؛ شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىن تاللانما