قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتايغا نوتا تاپشۇردۇق

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قازاقلارغا سېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملىرى ھەققىدە خىتايغا نوتا تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.  
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كايرات ئابدراھمانوۋ خىتايدىكى قازاقلار ئۇچراۋاتقان بېسىملار ھەققىدىكى شىكايەتلەر دەلىللەنگەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا نوتا پاپشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  
ئابدراھمانوۋ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، «قولغا ئېلىنغان پۇقرالارنىڭ يېقىنلىرى بىزگە كېرەكلىك مەلۇماتلارنى بەردى. بۇ ئۇچۇرلار دەلىللەنگەندىن كېيىن دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق خىتايغا دىپلوماتىك نوتا ئەۋەتتۇق.» دېدى.  
ئابدراھمانوۋ، خىتايدىن كېلىدىغان ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلغان قازاقىستان پۇقرالىرىغا ۋە بېسىم ئاستىدىكى قازاقلارنىڭ يېقىنلىرىغا يەتكۈزۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  
ئىگىلىنىشىچە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاقىلبەك كامالدىنوۋ ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ئاستانەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇي بىلەن كۆرۈشكەن، لېكىن ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.