كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە

رەسىمدە، قەشقەر كوچىلىرىدا كۆپلەپ كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىلماقتا

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە باشقا يېڭى تېخنىكىلار ئارقىلىق ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى.  

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 26- فېۋرال ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىقچە توپلاۋاتقانلىقى ۋە ئاپتوماتىك بەلگە سېلىنغان كىشىلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.  

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2016- يىلىدىن باشلاپلا، خىتاي ئېلېكترون تېخنىكا گوروھىنىڭ قارىمىقىدىكى شىنجاڭ خەيليەن چۇاڭجى شىركىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارا خېرىدار چاقىرىشىدا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ شىركەت كۆزىتىش كامېرالىرىدىكى كۆرۈنۈشلەر، ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىك ئۇچۇرلىرى ۋە بانكا سودا خاتىرىسى قاتارلىق زور مىقداردىكى خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئانالىز قىلغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگەن، ھەمدە «نورمالسىز ھەرىكەتلەر»گە ئاپتوماتىك بەلگە سېلىپ قويغان، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ياردەم قىلغان.  

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» دەپ ئاتالغان سىستېما تەرىپىدىن ئاپتوماتىك بەلگە سېلىنغان كىشىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئاتالمىش «سىياسىي تەربىيە مەركەزلىرى»گە ئەۋەتىلگەن. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئاشكارا خېرىدار چارقىرىش ھۆججىتى ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى ئاھالىنىڭ سۆزلىرى نەقىل قىلىنغان.  

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ مۇنداق دېدى: «بىز تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش ئارقىلىق ئاشكارا ھالدا كىشىلەرنىڭ شەخسيتىگە ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دائىرىلەرنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىدۇق.» 
 

يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق كەڭ كۆلەمىلىك نازارەت قىلىش 

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دائىرىلەر چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يېڭى تېخنىكلار ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغان. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەھۋال ئالاھىدە بولغان.  
مايا ۋاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭ ساقچى دائىرىلىرى ئىشلەتكەن بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانمۇ - يوق نۆۋەتتە ئوچۇق بىرنەرسە دېگىلى بولمايدىكەن. دوكلاتتا نەقىل قىلىنغان بىر يەرلىك كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سىستېما ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى پائالىيەتلىرىنى سىتاتىستىكا قىلىدىكەن: قاچان پاسپورت ئالغان، نەلەرگە بارغان، قانچىلىك تۇرغان، قاچان قايتىپ كەلگەن، ساقچىلارغا پاسپورتىنى تاپشۇرۇپ بەرگەنمۇ - يوق، چەتئەلگە چىقىش مۇددىئاسى قاتارلقلار. 

بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى 

ساقچىلار «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ سۇپىسى»نىڭ جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا بۇ سۆز كۆپ تىلغا ئېلىنمايدىكەن. لېكىن ھۆكۈمەت ئۈندىدار سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، بىر گەۋدىلەشكەن  جەڭ سۇپىسىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» - يەنى خىتاي كومپارتىيىسىگە سادىق بولمىغان ئۇيغۇر كادىرلارغا زەربە بېرىش خىزمىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى سىياسىي تەربىيەلەش مەركىزىگە ئېلىپ كىرىش بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان.  

ئىگىلىنىشىچە، بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى كۆزىتىش كامېراسىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە قارىتا كىشىلەرنىڭ يۈزىنى سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارالايدىكەن، بەزى كامېرالارنىڭ ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئىقتىدارى بار ئىكەن. مەكتەپ، سودا - ساراي، دىنىي زاتلارنىڭ تۇرالغۇلىرى قاتارلىق سەزگۈر دەپ قارالغان جايلارغا كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ سىستېمىغا WiFi تەكشۈرۈگۈچ ئورنىتىلغان بولۇپ، كومپيۇتېر، يانفۇن ۋە باشقا تورغا چىقىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ  ID نومۇرىنى يىغالايدىكەن. كىشىلەرنىڭ ماشىنا سېتىۋېلىشى، دوختۇرخا كۆرۈنۈشى، پىلانلىق توغۇت ئەھۋالى، بانكا كارتىسى ۋە ئەدلىيە خاتىرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارمۇ توپلاش تىزىملىكىدە بار ئىكەن.  

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ بۇ دوكلاتى ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچە ئىككى خىل تىلدا بىرلا ۋاقتتا ئېلان قىلىنغان.  

ئىنگىلىزچە ئۇلىنىشى

خىتايچە ئۇلىنىشى