«تەيۋەن خەلقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرىدىن ساۋاق ئېلىشى لازىم»

تەيۋەن بىرلىك پارتىيىسى 23- مارت كەچتە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئىئانە توپلاش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. نەق مەيداندىكى سەھنىدە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى، شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرى، دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيىسى ۋە دەۋرنىڭ كۈچى قاتارلىقلارنىڭ بايراقلىرى ئېسىلدى. ھەممەيلەن بىرلىكتە «پادىشاھلىق» ۋە «شى»غا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى. زىياپەتكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى ئۆز خەلقىنىڭ ۋە مۇنقەرز بولغان دۆلىتىنىڭ تەقدىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولسا، تەيۋەننىڭ خوڭكوڭنىڭ 20 يىل بۇرۇن خىتايغا قايتقان ساۋىقىنى ئەستە تۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى، «دۆلەت مارشىنى ئوقۇمىسا قامىلىدۇ» دېدى.  
ياپونىيە پايتەختى توكيودىن تەيۋەنگە كەلگەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت خىتايچە سۆز قىلىپ، گەرچە ئۆزىنىڭ تەيۋەننىڭ تىلىنى چۈشەنمىسىمۇ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇلتۇرمۇ بۇ خىل پائالىيەتكە قاتناشقان. ئۇ تەيۋەن خەلقىنى ھازىرقى بەختنى، تىنچ تۇرمۇشنى قەدىرلەشكە چاقىردى. ھازىرقى تۇرمۇشنى قەدىرلەش ئۈچۈن تەيۋەن خەلقىنىڭ ئويغاق بولۇشى، ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن قۇربان بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ «پەقەت تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆسەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ قويۇش بىلەنلا بۇ دۆلەتنى قوغدىغىلى بولمايدۇ» دېدى.  
ئىلھام مەخمۇت مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلار دۇنيادا پۈتۈن مىللەت بويىچە DNA ئەۋرىشكىسى توپلانغان بىردىن بىر مىللەت، شەرقىي تۈركىستاندا، يەنى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلدى. ھازىر بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئەرلەرنىڭ ھەممىسى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا، ئاياللارنىڭمۇ يېرىمى لاگېرلاردا، نۇرغۇن بالا ئىگە - چاقىسىز، بەزى ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى دارىلتاملارغا ئەۋەتىلگەن، نۇرغۇن ياشانغانلارغا قارايدىغان ئادەم يوق، قامىلىپ كەتسىمۇ سەۋەبىنى بىلگىلى بولمايدۇ. مانا بۇ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان بىر دۆلەت خەلقىنىڭ تەقدىرى.» 


«شۇنىڭ ئۈچۈن، تەيۋەن خەلقى چوقۇم بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ساۋاق ئېلىپ، تەيۋەننىڭ ئورنى مەسىلىسىنى قايتا ئويلىنىشى لازىم.» 
ئۇ تەيۋەن خەلقىنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرسەپتە تۇرۇپ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  
 ئىگىلىنىشىچە، ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى تەيبېيدا ئېچىلغان «تەيۋەن بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 2018-يىللىق يىغىلىشى»غا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان.  
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، مەزكۇر يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان «شىنجاڭ» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قوللىنىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆزىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

20180324_200111
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «تەيۋەن بىرلىك پارتىيەسى» تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دېڭخۇي دەۋرىدە قۇرۇلغان پارتىيە ئىكەن. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان چەتئەللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشكىلات ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ ھەر خىل يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى قاتارلىقلار 2011-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى مەزكۇر پارتىيىنىڭ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.