5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن توققۇز يىل كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ئىزچىل داۋاملاشماقتا

جىددىي بايانات
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى

2018- يىلى 3- ئىيۇل
2009- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بۇ شەھەردە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، ئۇيغۇر ئەرلىرى كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىندى، قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە نۇرغۇن كىشى مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىلدى، بۈگۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ھېچبىر ئىز-دېرىكى يوق.

بۇ ۋەقەدىن توققۇز يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىماقتا، نۇرغۇنلىغان قولغا ئېلىنغۇچىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىل 11- ئايدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئومۇمىيۈزلۈك باھالاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىدۇ.

«ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىشتىن توققۇز يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بىز يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شاھىت بولماقتىمىز، بۇ ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغۇسىز بىر ئەھۋال. خىتاينىڭ 2009- يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سەل قاراش، خىتاينى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيەلەرچە باستۇرۇشقا ئېلىپ باردى.» دېدى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە ئوچۇق ئاشكارە ۋە كۈچلۈك بېسىم چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قاماپ قويۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىز چوقۇم ھازىر ھەرىكەتكە كېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاماللارنى ئىزدىشىمىز لازىم.»

2009- يىلى 5- ئىيۇل كۈنى، ئۇيغۇرلار تىنچ شەكىلدە ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. ئۇ كۈنى زادى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر تەپسىلاتلار ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس، كىشىلەرنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت شەھەرنىڭ قالايمىقانچىلىققا كىرىپ، سان-ساناقسىز كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتلىرىدا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تىنچ نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلەرنىڭ بايانلىرى خاتىرىلەندى.

2009- يىلى 10- ئايدا، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، 6- ئىيۇلدىن باشلاپ، خىتاي ئارمىيە ۋە ساقچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئىككى رايونغا قارىتا تازىلاش خاراكتېرلىك قولغا ئېلىش ئېلىپ بارغانلىقى خاتىرىلەندى. دوكلاتتا، مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىلگەن 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ دىلوسى خاتىرىلەنگەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا رايونى مۇدىرى براد ئادامنىڭ ئېيتىشىچە، دوكلاتتىكى غايىبلارغا ئائىت دىلولار پەقەت «دېڭىزدىن بىر تامچە» ئىكەن. 2012- يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، 36 ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ 2009- يىلى 5- ئىيۇلدىكى نامايىشتىن كېيىن ئائىلە ئەزالىرى غايىب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى بايان قىلىنغان.

2017- يىلىدىن باشلاپ، خىتاي تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەرلىرىدە قولغا ئېلىش كۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى نامايەن بولدى، 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى بىر ماقالىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تەخمىنەن 10% كە يېقىن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قاماپ قويۇلغانلىقىدەك ئەھۋال ئاشكارىلانغان. 2018- يىلى 1- ئايدىكى ئىككى خەۋەردە، كورلا ۋە خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ناچار مۇھىتى پاش قىلىنغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە نەقىل قىلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، پەقەت قەشقەردىلا 120 مىڭ ئۇيغۇر قاماپ قويۇلغان. 2018- يىلى 24- ئاپرىلدىكى خەۋەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى بەش مەركەزگە قاماپ قويۇلغانلىقى بايان قىلىغان. قاراقاش بازىرىدىكى 34000 ئاھالىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان.

«يەرشارى ۋە مەكتۇبلار» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز مەھەللىسىدىكى 80-90 دەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىغانلىقىنى ئېيتقان. بىر ئۇيغۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ يولدىشىغا تېلىفۇن قىلىپ، «دەرھال ئىشخانىغا كېلىشنى» ئېيتىدۇ، ئۇنىڭ يولدىشى موتسىكلىتقا مىنىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە غايىب بولىدۇ. سوت يوق، ھۆكۈممۇ يوق، رەسمىي ئەيىبلەشمۇ يوق.

2017- يىى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى، BuzzFeed نىڭ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي غابىب قىلىۋېتىلگەنلىكىگە دائىر بىر قاتار دىلولار بايان قىلىندى. بىر ئۇيغۇرنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، «دوستى تەڭ كېچىدە غايىب بولىدۇ، ئۇ ساقچىلار تەرىپىدىن سىياسىي تەربىيلەش مەركىزىگە قامالغان ئىدى. قوشنىلىرىمۇ بىر-بىرلەپ غايىب بولۇشقا باشلايدۇ.» كىشلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئىنتايىن تەشكىللىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش مىخانىزمىدۇر.»