دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە مىنىستىرلار يىغىنى: خىتايغا ئالاقىدار بايانات

 

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قويغان قاتتىق چەكلىمىلىرىگە چوڭقۇر ئەندىشىلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بارلىق شەخسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. خىتايدىكى نۇرغۇن دىنىي ئاز سانلىقلار – ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە قازاق مۇسۇلمانلىرى؛ تىبەت بۇددىستلىرى؛ كاتولىكلار، پروتېستانلار؛ فالۇنگۇڭچىلار – ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك ئېغىر باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا. بۇ توپلۇملار دوكلاتلىرىدا ئىزچىل تىزىمغا ئالدۇرغان ياكى ئالدۇرمىغان دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە تىنچ ئىبادەتلىرىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەرنىڭ تەن جازاسى، جىسمانى جەھەتتىن خورلاش، خالىغانچە قولغا ئېلىش، قاماپ قويۇش، جازاغا ھۆكۈم قىلىش ياكى پاراكەندە قىلىشغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. دائىرىلەر يەنە نۇرغۇنلىغان دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ساياھەت چەكلىمىسى قويغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ سايلام، مائارىپ ئىشلىرىغا ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىشىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىغا ئېلىپ بارغان دىن، تىل ۋە مەدەنىيەت كىملىكى جەھەتتىكى قاتتىق باستۇرۇشلىرىغا قارىتا چوڭقۇر ئەندىشىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بىز بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا بولغان باستۇرۇشىنى كۈچەيتكەنلىكىگە دائىرى خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلدۇق، بۇلار: دىنىي ئەركىنلىككە بولغان ھەددىدىن ئاشقان چەكلىمىلەر؛ مەسچىتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى؛ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە نازاەت قىلىش؛ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن باشقا ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ياكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېلھەم شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئائىلىسىگە تەھدىت سېلىش؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، يۈز مىڭلىغان، ھەتتا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى كۆرۈنۈشتە "سىياسىي قايتا تەربىيلەش" دەپ ئاتالغان ۋاقتلىق تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىن تارتىپ تۈرمىلەرگىچە بولغان ئورۇنلارغا قاماش. بۇ ئورۇنلاردا ئۆلۈم ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر بار. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خالىغانچە قاماپ قويۇلغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.

بىز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پروتېستانت، كاتولىك چىركاۋلىرى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىبادەت سورۇنلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە چەكلىمە قويۇش قىلمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. 2016- يىلىدىن بۇيان، دائىرىلەر لارۇڭ ۋە ياچېن بۇتخانىلىرىدىكى تىبەت بۇددىزىم ئىنستىتۇتلىرىدىن ئاز دېگەندە 11500 راھىب ۋە راھىبەنى قوغلاپ چىقارغان. دائىرىلەر يەنە ئىنجىل، قۇرئان ۋە باشقا دىنىي ماتېرىياللارغا ئېرىشىشكە چەكلىمە قويغان، ئۇلارنى مۇسادىرە قىلغان ۋە ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. بىز بارلىق دىنىي گوروھلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بەلگىلىمىلەر ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايدا دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا دائىر قانۇن لايىھەلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىرگە داۋاملىق دىققەت قىلىمىز.

بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئەھدىسىگە ئاساسەن، بارلىق شەخسلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداشقا، بارلىق دىنىي گوروھلارنىڭ ئەزالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىقا كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىمىز. بۇ ساھەلەردىكى تەرەققىياتلار پەقەت ۋە پەقەت خىتاي ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 

ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى

2018- يىلى 27- ئىيۇل

مەزكۇر بايانات ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تورىدا ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچە ئىككى خىل تىلدا ئېلان قىلىنغان. 

https://china.usembassy-china.org.cn/ministerial-to-advance-religious-freedom-statement-on-china/

https://china.usembassy-china.org.cn/zh/ministerial-to-advance-religious-freedom-statement-on-china-zh/#.W18n3XLUlbo.twitter