ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى پاكىستاندا قانداق ساقلاپ كەلدى

ئىنساخان شىنجاڭدىن ئايرىلغان ۋاقتتا تېخى نەچچە ياشتىلا ئىدى. 1949- يىلى ئاتا – ئانىسى بىلەن بىرگە قىلغان سەپەر ئۇنىڭدا چوڭقۇر ئەسلىمە قالدۇرغان.

ئۇلار يۈك – تاقىلىرىنى ئېشەككە ئارتىپ قارلىق چوققىلاردىن ئۆتكىچە 50 كۈندەك ۋاقت سەرپ قىلغان ئىدى.

`شىنجاڭ رەسمىي ھالدا كوممۇنىست خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغاندىن كېيىن ئاتا – ئانام قەشقەردىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى.` دېدى ئۇ.

`مەن بەك كىچىك بولغاچقا ئۇ ۋاقتتىكى سىياسەتلەرنى چۈشەنمەيتتىم.` دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ ئاشخانىدىكى پالاستا ئولتۇرغان ھەممەيلەنگە ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدا چاي دەملەپ بەرگەچ.

ئنساخان ھازىر 71 ياشتا بولۇپ، ئۆمۈرىنىڭ كۆپ قىسمىنى پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى گىلگىتتا ئۆتكۈزدى.

مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بار.

خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك مۇناسىۋەت بار بولغاچقا، ئۇ خىتاينىڭ ئاپتونوم ئۆلكىسى بولغان شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلالايدۇ.

لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ئانا ۋەتىنىگە قايتىشنى ئويلاپ باقمىدى.

`بۇ يەر ھازىر مېنىڭ ۋەتىنىم ۋە مېنىڭ كىملىكىم. مەن قانداقسىگە قايتىپ كېتەي؟` دېدى ئىنساخان.

گەرچە ئۇ شۇنداق قارار قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ھازىرغىچە ئۆزىنى پاناھلىققا ئالغان دۆلەتتە ئۆزىنى سىرتنىڭ ئادىمىدەك ھېس قىلىدۇ.

بىر ئىستاكان چايدىن كېيىن، ئۇ ماڭا مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

`ئۇلار پاكىستانلىق، مەن بولسام كۆچمەن، شۇنداق بولغاچقا مەن ساقچىغا مەلۇم قىلمىدىم، سوتقىمۇ ئەرز سۇنمىدىم.` دېدى ئۇ، گەرچە ئۆيدە بولسىمۇ ئۇ يۈزىنى ئورىۋالغان ئىدى.

`مەن يالغۇز، شۇڭا مەن ھەر قانداق ئادەم بىلەن دەتالاش قىلىشقا تەۋەككۈل قىلالمايمەن.` دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ.

قەدىمى باغلىنىش

ئىنساخان گىلگىتتا ياشايدىغان بىر قانچە مىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ بىرسى.

بۇ جامائەتتە نەچچە ئەۋلادنىڭ ئارىلىشىشىدىن تەشكىل تاپقان.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى 1949- يىلى شىنجاڭدىن ۋە سودا گۈللەنگەن قەشقەردىن ئايرىلغان، بەزىلىرى بولسا كېيىن يېتىپ كەلگەن.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتتىكى زۇلۇمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى بولۇپ، ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئۆزىنىڭ تەرەققىيات پىلانلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ چوڭ شەھەرلىرىگە گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ.

ھالبۇكى، شىنجاڭدا تەرەققىيات ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دىنى مەدەنىيىتى ۋە مۇراسىملىرىنى تەبرىكلەشتىن توسىدىغان نۇرغۇن چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلگەن.

ئابدۇلئەزىز تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا بولغان.

گەرچە ئۇ 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ ھېلھەم گىلگىتتىكى ئاۋات ئايرودروم يولىغا جايلاشقان ئىككى دۇكىنىدا قەشقەرنىڭ ئەنئەنىۋى يوتقىنى ۋە ماترىسىنى سېتىش بىلەن شۇغىللىنىدۇ.

ئۇنىڭ بوۋىسى 1940- يىللاردا قەشقەر ۋە گىلگىت ئارىسىدا تىجارەت قىلىدىغان سودىگەر ئىدى.

ئابدۇلئەزىز ئۆزىنىڭ كۆچۈش تارىخىنى سۆزلەپ بېرىشتىن بۇرۇن بىر ئاز ئويلىنىۋالدى.

`ماۋزېدۇڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ شىنجاڭ ئۇنىڭ ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان ۋاقتتا، ئۇلار بارلىق چېگرالارنى تاقىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىغا قايتالمىدى.`

`شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بوۋام ئائىلىمىزدىكى قالغانلارنىڭمۇ قەشقەردىن ئايرىلىپ گىلگىتقا كۆچۈپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى.` دېدى ئۇ.

ھازىر ئۇنىڭ پاكىستاندىكى ئائىلىسى تۆتىنچى ئەۋلادقا يەتتى، لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە قەشقەر مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى بىلىمىنىڭ ئازلاۋاتقانلىقىدىن بىر ئاز ئەندىشە قىلىدۇ.

ئۇ يەرلىك گىلگىت ئاھالىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندەك ھېس قىلىدۇ.

`بۇ يەردىكى كىشىلەر ھېچقاچان بىزنى ياتتەك ھېس قىلدۇرۇپ باقمىدى.` دەيدۇ ئۇ.

`مېنىڭ سودام ياخشى، ئائىلەم بەختلىك، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىنى ئارزۇ قىلغۇدەك نېمە ئىش بار؟` دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ.

مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق

لېكىن، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىك تەشكىلاتى بولغان خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇراھمان بۇخارى ئۈچۈن مۇقىمسىز شىنجاڭ ھەرگىز يىراق ئەمەس.

`بىز خىتاي ۋە پاكىستان ئارىسىدىكى كىرىش ئېغىزى بولغان ئىنتايىن سەزگۈر بىر جايدا ياشايمىز،` دېدى ئۇ.

`قاچانكى شىنجاڭدا بىرەر كېلىشمەسلىك بولسا بىز بۇ يەردىكى تەسىرىنى ھېس قىلالايمىز.`

خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ھۇجۇم ئلېىپ بارغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى ئۇنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ.

ئۇلار يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرىنى شىمالىي ۋە جەنۇبىي ۋەزىرىستاندا پاكىستان تالىبانلىرى بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلدى، دەپ قارايدۇ.

بۇخارىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي گىلگىتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلارنىڭ شىنجاڭغا قوراللىق كىشىلەرنى ئەۋەتىدىغان ئۆتىڭى بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

`ئۇلار پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ھېچقانداق بىر قوراللىق تەشكىلاتقا قاتناشمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشنى ئويلايدۇ`

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، بېيجىڭ ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى پاكىستاندا ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ ھەمدە ھەر يىلى كىشىلەرنى تاللاپ شىنجاڭنى ھەقسىز ساياھەت قىلدۇرىدۇ.

خىتاي يەنە ئۆي ۋە سودا پۇرسىتى بېرىش ئارقىلىق پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەرگە قايتىپ بېرىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

لېكىن ئاساسەن ھېچكىم قايتىپ كېتىشنى خالىمايدۇ.

`شىنجاڭ گىلگىتقا قارىغاندا بەكمۇ تەرەققىي قىلغان، شۇ سەۋەبتىن بىز ئۇ يەرگە بارغاندا دەمالىققا ئۆزىمىزنىڭ زېمىنغا قايتىپ كېتىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمىز.` دېدى بۇخارى.

`لېكىن بىز ئويلانساق، بىزنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ ھېچ بولمىسا پاكىستاندا دىنى ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشتەك توغرا بىر تاللاشنى قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز.

بۇخارى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، چارىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاندا پەلەستىن، ئىراق، ۋە ئافغانىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەركىم ئۈنىنى چىقارالايدىكەن، لېكن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىش قىلىشىغا پاكىستان دائىرىلىرى يول قويمايدىكەن

تەرجىمىدە: ئاتلان

مەنبە: ب ب س

http://www.bbc.com/news/world-asia-33775646