قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى يەنە بىر يۇلتۇز -----«جامالىدىن ئاقسارايى»

جامالىدىن ئاقسارايى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىقىنى سەرپ ئەتكەن بۈيۈك ئەللامەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆىنىڭ مەشھۇر تېببىي ئەسىرى «ئاقسارايى» بىلەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخىدا تېگىشلىك ئورۇن تۇتىدۇ.

ئالىمنىڭ قاچان، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە تېخى ئىشەنچلىك بىر ماتېرىيال تېپىلغىنى يوق. بەزىلەر ئۇنى «ئىستامبۇلنىڭ ئاقساراي دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان»، دەيدۇ. ئەمما ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق. بەزى ماتېرىياللاردا «بۇ كىشىنىڭ 11- ئەسىرنىڭ ئاياغلىرىدا تۇغۇلغانلىقى مەلۇم» دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئىشەنچلىك دەلىل كەلتۈرۈلمىگەن. 1936- يىلى ھىندىستاننىڭ دىيوبەن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاسىيا ئۆلىمالىرى تارىخىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، جامالىدىن ئاقساراينىڭ چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان بىر ئەلدە تۇغۇلۇپ ھىندىستانغا قېچىپ كەلگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. چىڭگىزخاننىڭ 1- قېتىم غەربكە يۈرۈش قىلىشى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرى، يەنى 1219- يىلى باشلانغان. دېمەك، ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى بالدۇر دېگەندىمۇ 13- ئەسىرنىڭ باشلىرى، يەنى 1220- يىللىرى ئەتراپىدا چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان ئەلدىن ھىندىستانغا قېچىپ بارغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. تېبابەت تارىخى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش خاراكتېرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئابدۇرېھىم قادىر قۇمۇلى ئەپەندى: «ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرىدە ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى ھەققىدە توختىلىۋېتىپ مۇنۇلارنى يازغان: «ئالىمنىڭ قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە (بەزىلەر بۇ كىشىنى ئىستامبۇلنىڭ ئاقساراي دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، دەيدۇ. ئەمما تولۇق دەلىل يوق. چۈنكى، ئىستانبۇلدىن ىېلىلا يىراق بولغان ھىندىستانغا قېچىپ بېرىش ئېھتىمالدىن يىراق. يەنە بەزىلەر (غەربىي ئاسىيا، كىچىك ئاسىيا، ئىراق ۋە ئىران تەرەپلەردىكى ئاقساراي دېگەن شەھەرلەردە تۇغۇلغان)، دەيدۇ. گەرچە، بۇ جەھەتتە يەنە بىر قېتىم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك، دەپ قارىغاندىمۇ، مېنىڭچە، تۆۋەندىكىلەردن جامالىدىن ئاقسارايىنى خوتەن قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئاقساراي يېزىسىدا تۇغۇلغان، دەپ دەسلەپكى خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوتەنلىك ئابدۇللا موللام مەۋلۇۋېي، ھەسەن داموللام مەۋلۇۋېي، مەتنىياز مەۋلۇۋېي، ئاتۇشلۇق زەينۇل ئابدىن مەۋلۇۋېي قاتارلىق ئۆلىمالار ھىندىستان لەكنۇ ئونىۋېرىستىتىنىڭ تېببىي ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا بارغاندا مۇئەللىم دەرىس ئۆتەۋاتقان بىر كىتابنى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ئاراڭلاردا خوتەندىن كەلگەنلەر بارمۇ؟ دەپ سورىغان ھەمدە بۇ كىتاب خوتەننىڭ ئاقساراي دېگەن جايىدا تۇغۇلۇپ ھىندىستانغا قىچىپ كەلگەن ئۇيغۇر تېببىي ئالىمى جامالىدىن يازغان «ئاقساراي» دېگەن كىتاب بولىدۇ دېگەن. بۇ كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىن چىققان بۇ ئالىمىدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا، مەرھۇم پىشقەدەم تېۋىپ ئەخمەد ھاجى، مەرھۇم ھاجى ئىلىخان ھەزرىتىم، داڭلىق دورىگەر ئىمىننىياز ئاخۇنۇم قاتارلىقلارغا ناھايىتى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەرگەن. بۇ دەل، 1936- يىلى چىقىرىلغان يەكۈن ۋە مەرھۇم ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىمى ئۇستاز ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجىمنىڭ (شىنجاڭدىن ھىندىستانغا ئوقۇشقا بارغان بىر قىسىم كىشىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ كىشىنىڭ خوتەن قاراقاش ناھىيە ئاقساراي يېزىسىدىن بارغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقان ) دەپ يازغىنىغا ئوخشاش.»

ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى موڭغۇللارنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدۇ. ئالىم ھىندىستانغا بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدىكى يۇقىرىقى ئەسەرنى يېزىپ (« ئاقسارايى» كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئاقسارايلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشقا تېببىي كىتابلاردىن ئۆزگىچە ھالدا ئۆز كىتابىغا «ئاقسارايى» دەپ نام قويغان. مەزكۇر ئەسەردە ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيلىرى، ھەر قايسى بۆلۈم كېسەللىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ داۋاسى، يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلار سۆزلەنگەن بولۇپ، نەزەرىيە قىسمى ئاساسەن باشقىلار تەرىپىدىن ئىبىنسىنانىڭ «ئەلقانۇن» نى كىچىكلىتىپ يازغان «مۇجىزىلقانۇن»(ئەلقانۇندىكى مۆجىزلەر) دېگەن ئەسەردىكى خاتا كەتكەن جايلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىلمىي ئاساسلاردىن تەركىپ تاپقان. شۇڭا، مەزكۇر قىسىمى ئەسلى ئاپتۇر (ئىبىن سىنانى دېمەكچى) مۇنداق دېگەن، ئۇ (مۆجىزىلقانۇننىڭ ئاپتۇرىنى دېمەكچى) مۇنداق دەپتۇ، مەن مۇنداق قارايمەن دېگەن شەكىلدە يېزىلغان. «ئەلقەنۇن» دىكى قىيىن مەزمۇنلار يورۇتۇپ بېرىلگەن. «مۆجىزىلقانۇن» دىكى خاتا كەتكەن مەزمۇنلار تۈزىتىلگەن. ھەرقايسى بۆلۈم كېسەللىكلىرىدىن 180 خىلى سۆزلەنگەن. يەككە دورىلاردىن 390 خىلى، مۇرەككەپ دورىلاردىن 144 خىلى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز ئىچىدە تېۋىپلىرىمىزلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەللەردىمۇ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكۈنىمىزدەك، ئالىم جامالىدىن ئاقساراينىڭ «ئاقسارايى» ناملىق كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى زور بولۇپ، ئەرەپ يېزىقىدا پۈتۈلگەن بۇ قىممەتلىك ئەسەر قولدىن قولغا تارقىلىپ 1899- يىلىغا كەلگەندە لەكنۇدا رەسمىي نەشىردىن چىقىپ، 1929- يىلىغىچە دېھلى ئۇنىۋېرىستېتى ئىسلام تېبابىتى ئىنىستىتۇتىدا دەرىسلىك قىلىپ ئىشلىتىلگەن. دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم تېۋىپلار ئۆز قولىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ تېبابەت ئەمەلىيتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

 مەنبە: ئىجتىمائى ئالەقە تورى