ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن

مەرھۇم ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە فاكۇلتېتى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى ھەمكارلىشىپ ئويۇشتۇرغان «ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىدا خەلقئارا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 17- دېكابېر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلدى.

يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى، ھاجەتتە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئىدارە - ئورگانلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، تۈرك تەتقىقاتچى، مۇتەخەسىسىلەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ھاياتى، شەرقىي تۈركىستان ئىچى – سىرتىدا ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرى، مۇھاجىرەتتىكى سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلاردا مەخسۇس ئىلمىي ماقالە ھازىرلىدى.

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆتكۈزگەن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ساھىبلىرىدىن ۋە ئۇيغۇر لىدېرلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. تۈرك مەتبۇئاتلىرىمۇ ئۇنىڭ ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرغىلى بولىدۇ. تۈرك خەلقى ئارىسىدا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن تىلغا ئېلىنىپ خاتىرىلىنىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن كىم؟

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1901- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋاىلايىتىگە قاراشلىق يېڭىسار ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا تۈرلۈك مەمۇرى ۋەزىپىلەردە بولغان. 1926- يىلى شۇ ۋاقتتىكى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى ئەندىجان كونسۇلخانىسىغا خادىم قىلىپ ئەۋەتىلگەن.

 1931- يىلى قومۇلدا خوجا نىياز ھاجى باشچىلىقىدا ئىنقىلاب پارتلاپ پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانغا كېڭىيىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى زالىم خىتاي ھۆكۈمران جىن شۇرېن تەختتىن چۈشۈرۈلىدۇ. 1933- يىلى قەشقەردە سابىت داموللام، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ ۋە ئۇزۇنغا بارمايلا ئىككىنچى يىلى فېۋرال ئېيىدا ئىچكى – تاشقى بېسىملار تەسىرىدە پارچىلىنىپ كېتىدۇ.

بۇ ئەسنادا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن شۇ ۋاقتتا خىتايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەخى نەنجىڭغا بېرىپ جىن شۇرېننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن زوراۋان سىياسەتلىرىدىن دوكلات بېرىدۇ. نەنجىڭدە  «تەڭرىتاغ» قاتارلىق خىتاي يېزىقىدىكى ژورناللارنى نەشىر قىلدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كېڭەيتىش تەشەببۇسىنى قىلىدۇ. 1936- يىلى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ.

1944- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ. گومىنداڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن گومىنداڭ تەرەپنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ ۋە 1947- يىلى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ كاتىپلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.

1949- يىلى خىتايدا كوممۇنست خىتايلار گومىنداڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىدۇ. شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بورھان شەھىدى كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قوشۇلۇش يولىغا ماڭىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىغا ھىجرەت قىلىپ چىقىدۇ.

ئۇ 1954- يىلى تۈركىيەگە كېلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى»نى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى (Doğu Türkistan Sesi) ژورنىلىنى نەشىر قىلدۇرپ، تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى، مىنىستىلار ۋە دۆلەت رەئىسلىرىگە قەدەر ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيە كۈنتەرتىپىدە ئۇرۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇنىڭ سابىق تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى تۇرغۇت ئۆزال بىلەن ئېلىپ بارغان مۇناسىۋەتلىرى ھېلھەم تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلار ۋە پائالىيەتلەردە تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1995- يىلى 17- دېكابېر ئىستانبۇلدا بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى ئەركىن ئالپتېكىن كۈنىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ تونۇلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان ناملىق كىتابى  1999- يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان.

 تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى