شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ رولى

 

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ رولى.

 

دوكتۇر/ ئەھمەد ئەمىن داغ    (تۈرك)

 

 جۇغراپىيلىك ئورۇن ۋە سىياسەت بىر-بىرىگە زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن ئىككى ئامىلدۇر. شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ شەرقىگە، تۈركىيە ئەڭ غەربىگە جايلاشقان بولسىمۇ، بۇ يىراق مۇساپە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى روھى بىرلىك ۋە قېرىنداشلىقنى چەكلەپ قالالمىدى. لېكىن بۇ ئالاھىدە قېرىنداشلىق سىياسى ۋە ئىقتىسادى ساھەلەردە ئەكىس ئىتەلمەيۋاتىدۇ.

ئوسمانىيلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سىياسى ھەمكارلىق بولغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يېتەلمىگەن ئىدى. 11- ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرى ئوسمانلىلار خىلاپىتىگە بەيئەت قىلغان ئىدى ۋە جۈمە خۇتبىلىرىنى ئوسمان سۇلتانلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايتتى. ئىككى تەرەپ سىياسى ئالاقىنى كۈچەيتىشتە تەڭ كۈچ چىقارغان ئىدى. سۇلتان ئابدۇلئەزىز شەرقىي تۈركىستان ئەمىرى ياقۇپ بەگكە دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتكەن. سۇلتان ئابدۇلھەمىد2 دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ئىسلام ئۇنۋىرستىتى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئوسمانىيلارنىڭ كۈنسايىن ئاجىزلىشىۋاتقان دۆلەت كۈچى بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم قىلالمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن جوڭگۇ مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىشى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى نوپۇزىنىڭ پەيدىنپەي ئېشىپ بېرىشى بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىنى چەكلەپ قويدى.

20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى ياكى كۆپىنچە رايونلاردا ئەجەم مۇستەملىكىچى كۈچلىرىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كىيىن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالاقىسى پۈتۈنلەى ئۈزۈلدى. تۈركىيە ھەر قايسى ساھەلەردە غەرب دۇنياسىغا يۈزلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلدى. بۇ ئۈزۈلىشى مەدەنىيەت ساھەلىرىنى تەسىرگە ئۇچراتقاندىن سىرت تۈركىيە  ۋە ئاسىيادىكى تۈرك قوۋملىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادى ئالاقىلەرنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەپ بولدى. تۈركىيە ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان كىرزىسلار ئالدىدا خىتاي ۋە روسىيە دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت ئىگىلىۋالغان ئاسىيادىكى تۈرك قەۋملىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىمكانىيەت تاپالمىدى. قوشنا رايونلاردا يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇن ھادىسىلەرگە ياردەم قىلالمىغاندەك، شەرقىي تۈركىستاننى قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولالمىدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كەتتى.

ئىسلام دۇنياسىمۇ پارچىلىنىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەپتىن ئىلگىرىكى سەلبى ھالەتلەر كۈچىيىشكە ۋە داۋاملىشىشقا باشلىدى. تۈركىيە جۇغراپىيلىك ئورۇن جەھەتتىن ئىككى تاللاشقا دۇچ كەلدى. بىرى كوممۇنىست دۇنياسىغا قېتىلىشى يەنە بىرى غەرب كاپىتالىزىم دۇنياسىغا كىرىشى ئىدى. بۇنىڭدىن ئۆزگە ئۈچىنچى بىر تاللاش يوق ئىدى. تۈركىيە سىياسىتى تاشقى جەھەتتىن غەرپكە بېقىنىشى، ئىچكى جەھەتتىن شەرق سوتسىيالىزىم نوپۇزىنى يۈرگۈزۈشنى بەلگىلىدى.

1991- يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن يىڭى سىياسى رايونلار مەيدانغا كەلدى. بۇ ئۆزگىرىشتىن كىيىن تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.

 

 

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن:

 

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا تۈركىيە نوپۇزىنى ئۆستۈرۈش ۋە كېڭەيتىشكە باشلىدى. ئاسىيادىن يېڭى پۇرسەتلەرنى ئىزدېدى. شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. بۇ دەۋىر بۆلگۈچ ئۆزگىرىش تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار پائالىيەتلىرىدە روشەن ئەكىس ئەتتى.

شۇ ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1991- يىلى ئەنقەرەدە سىياسى پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلار بىلەن كۆرۈشتى. بۇ ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى دەپسەندە قىلىنغان ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئىرقىي كەمسىتش، سىياسى ئىزىش قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپلاسلىقلىرى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاقلىق ھاسىل قىلدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن سىياسى پارتىيە رەھبەرلىرىدىن مەسئۇد يېلماز، نەجمىدىن ئەرباقان، ئالپ ئارسىلان تۈركەش، سۇلايمان دېمىرال شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بىلىدىغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىنى خەلقئارا سەھنىگە كۆتۈرۈپ چىقىپ ئەڭ چوڭ دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ باسقۇچتا تۈركىيە رەئىسى تۇرغۇن ئوزال تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە غەربنىڭ سىياسەتلىرىنى قوللاشقا مايىل بولۇش ئارقىلىق سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە قوبۇل قىلىۋالغان ئادەتلىرىنى تاشلاپ، ھەر-بىر رايونغا نىسبەتەن ئۆز ئالدىغا ئايرىم سىياسەت تۇتۇپ مېڭىشى قېيىن بىر مەسىلە. مانا بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا توسالغۇ بولىدىغان خاتا ھەرىكەت.

تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقا ۋاستىلەرنى ئىشلىتىشكە ئالدىرىماسلىقى غەربنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

غەربنىڭ جۇڭگو بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى غەربنىڭ مۇھىم ئىشلار تىزىملىكىگە كىرمىدى. شۇنداق بولغاچقا جۇڭگو ھۆكۈمىتى تۈركىيىنىڭ ئومۇمىي خىزمەت جەدۋىلىدىن ئىلگىرىكىدىن كۆپرەك ئورۇننى ئىگىلىگەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيىگە ئۆزلۈكسىز ئەلچى ئەۋەتىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيسنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ چۈشەندۈرىۋاتقان جوڭگۇ ھۆكۈمىتى  تۈركىيەدىكى كورد ئىشچىلار پارتىيسىنى قوللاشقا ئەلچى ئەۋەتىپ تەھدىت سالدى.

ئەينى ۋاقىتتا ئەنقەرە كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇزىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇشى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ساقلاشقا ئۇرۇندى. جۇڭگو نىڭ بېسىمى بىر مەھەل تۈركىيە خەۋپسىزلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى. 1999- يىلى تۈركىيە باش مىنىستىرى مەسئۇد يېلماز شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى رەسمى يوسۇندا چەكلىدى. شۇنداقلا سۇلتان ئەھمەد رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ رەئىسى ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن نامى بىلەن ئاتالغان باغچىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىلدى. تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى ئىشلىتىش چەكلەندى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان شۇ ۋاقىتتا ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئىدى. ئەردوغان بۇ ھەرىكەتكە قاتتىق قارشى تۇرۇپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بۇ قارار ئۇيغۇرلارغا ئەمەس بەلكى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا قىلىنغان خىيانەت».

تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارىتا جۇڭگو بىلەن كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان سودا ۋە سىياسى مۇناسىۋىتى سەۋەپلىك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە چوڭ داۋالغۇشقا دۇچ كەلدى. 2000- يىلىدىن بۇيان تۈركىيىنىڭ جوڭگۇ بىلەن بولغان ئالاقىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە بەلگىلىك سەۋىيىدە ئىجابىي پىلانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا سەۋەپ بولدى. 2003- يىلدىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈرلۈك بېسىملارغا ئۇچرىغاچقا ئېچىۋىتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەت ئىچكى ساھەدىلا ئەمەس بەلكى سىرتقى ئالاقىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى، شۇڭلاشقا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە قايتىدىن ئۈمىد باغلاپ دىققەت قىلىشقا باشلىدى. كونا-يېڭى كىلىشىمنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى بولسا تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بېرىش بولدى.

 

 

يېڭى ھۆكۈمەت كونا كېلىشىمدە قارار قىلىنغان تۈزۈملەرنى ئاسانلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش توغرىسىدا سۇنۇلغان تەلەپلەر ئەمەلگە ئاشالمىدى. تۈركىيىنىڭ جوڭگۇ بىلەن بولغان ئالاقىسىگە ئەھمىيەت بەرمەستىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئاساسى رول ئوينىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا تۈركىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنى بولمىغاندىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت سىياسەت يوللىرىنى تۇتۇشنى تاللىدى. بۇ سىياسەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈتكىنىدىن يىراق ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.

تۈركىيىنىڭ يېڭى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىلمى شەكىلدە ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ئۈمىد ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىشتە گەۋدىلىنىدۇ.

تۈركىيە بىلەن جوڭگۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 40 تۈردە كېلىشىم بار. شۇنداقلا 20 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادى كېلىشىمىمۇبار. بۇ مۇناسىۋەتلەر تۈركىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى بەلگىلىك ساھەدە چەكلەپ تۇرغان بولسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا قىيىنچىلىقنى يەڭگىللىتىش ئالدىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بىرلەشكەن خىزمەت پىلانلىرى ئۈچۈن توسالغۇ بولالمايدۇ.

 

ئىسلام دۇنياسى:

 

  ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستانغا نىسبەتەن مۇقىم بىر سىياسەت ۋە ئېنىق پوزىتسىيە يوق. ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 57 دۆلەتنىڭ ئورتاق كۆز قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان پىكىرلەرنى 3 نۇقتىغا خۇلاسىلەش مۇمكىن:

ئەمەلىي پوزىتسىيە:

بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە بىۋاستە جۇڭگونىڭ تەسىرى ياكى نوپۇزى ئاستىدا بولغانلىقى ياكى جوڭگۇ بىلەن بولغان مەنپەئەت توقۇنۇشى سەۋەپلىك رەسمى شەكىلدە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللىمايدىغان دۆلەتلەر بار. لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە دۇئا قىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇ توپقا ئەڭ يېقىن ھېسابلىنىدۇ. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن بۇ رايونلاردا ئىستىراتېگىيىلىك ئورۇن شەكىللەندى. بۇ مەسىلىلەر جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز ئالدىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بىۋاستە چېگرىلىنىدىغان شەرقى تۈركىستان تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە، جان-جەھلى بىلەن قوغداشقا ئېلىپ باردى. جوڭگۇ ھۆكۈمىتى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ چىققان بۇ رايونلارنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن يۈزلەندى. شۇڭلاشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىلدى. شەرقى تۈركىستان ئىستىراتېگىيىلىك ئورۇن جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيادا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە جوڭگۇ ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقى تۈركىستان رايونىغا كۆچۈشكە قىزىقتۇرىۋاتىدۇ ۋە تۈرلۈك سىياسەتلەر بىلەن ياردەم بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن

 

 

كىيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن ئىستىراتېگىيىلىك بوشلۇقنى تولدۇرۇشى ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇردى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۆز نوپۇزىنى تىكلەش سىياسىتىنى قوللاندى ۋە سىياسى نوپۇزىنى ئاشۇرۇشقا جان-جەھلى بىلەن تىرىشىپ كەلدى.

مانا مۇشۇنداق بىر پەيىتتە ئىسلامى تەشكىلاتلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مەيدانغا كەلدى. جوڭگۇ ھۆكۈمىتى بۇ ئىسلامى تەشكىلاتلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن قورقۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشتى. خۇسۇسەن بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى. شۇنىڭدىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇھاپىزەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۈنلىرى قىيىنلاشتى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى شەرقى تۈركىستان كۆرىشىگە رەسمى شەكىلدە پەرۋا قىلمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن خەلق بۇ كۆرەشنى قوللايتتى.

بۇ سىياسەت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى 1990- يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى جۇڭگوغا قايتۇرۇۋەتمەكچى بولغاندا ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ئارزۇسى ئىدى. ئاشۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئىسلامى جامائەتلەرگە قارشى ھالدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تەشكىلاتىنىڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىدى. بۇ دۆلەتلەر ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇرلاردىن كېچىش بەدىلىگە جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ سايىسىدا ياشاۋاتقان ئىدى، ئاشۇ دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ئازغۇن سىياسەتۋازلارنىڭ تۇتقان يولى بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق زەربىلەرگە ئۇچراتتى.

ئىرانمۇ ئوخشاش سىياسەت قوللاندى. بولۇپمۇ غەرب بىلەن كەينى -كەينىدىن يۈز بەرگەن مەسىلىلەردە تېخىمۇ شۇنداق بولدى. ئىرانمۇ جۇڭگونى قوللاشقا ئاتوم تېخنىكىسىنى جۇڭگوغا يۆتكەشكە مۇھتاج بولۇپ قالدى. ۋە شۇنداقلا شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرنى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دەخلى تەرۈزگە ئۇچراۋاتقان ئىنسانىي ھوقۇقلارنى مۇلاھىزە قىلدى، ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىدە جۇڭگونىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ھەققىدىكى تۈزۈلمىلىرىنى تەنقىدلىدى ۋە تارقاتتى. لېكىن بىز ئىراندا ئۇيغۇر ۋەزىيتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئەمەلىي بىر سىياسەتنى كۆرەلىشىمىز قېيىن. شۇنىڭدەك شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى پاكىستاندىن ئىبارەت يەنە بىر ئىسلام دۆلىتىدە ئىستىراتېگىيە قۇربانى بولۇپ كەتتى. پاكىستان بىلەن جوڭگۇ ئورتاق دەپ قارىلىۋاتقان ھىندىستانغا قارشى ئىستىراتېگىيىلىك ئورتاقلىقنى مەيدانغا كەلتۈردى. جوڭگۇ بۇ ئورتاقچىلىقنى ئۇيغۇرلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىققا ئۆزگەرتتى.

پاكىستاندىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار پاكىستان بىلەن شەرقى تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى سەۋەپلىك پاكىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كۆيۈپ يۈرەتتى.

 

 

پاكىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ پەيدا بولىشى پۈتۈن مەملىكەتكە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. بۇ جۇڭگونىڭ كۈتكەنلىرىدىنمۇ زىيادە بولدى. 1998- يىلدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۇشى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قوغلىۋېتىش ئۈچۈن پاكىستان ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتى.

غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگودا ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. لېكىن بۇ ئىش مۇسۇلمانلار مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا جوڭگۇ مۇسۇلمانلارغا قارىتا زور كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا قۇلاقلىرى پاڭ، كۆزلىرى كور بولۇپ قېلىشتى ۋە جۇڭگوغا دوستانە مۇئامىلە قىلدى. نۇرغۇن ئىسلامى تەشكىلاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پاكىستان دىننى مەدرىسلىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بولىشى غەرب ۋە جۇڭگونىڭ ئوغىسىنى قاينىتاتتى ۋە ئورتاق دۈشمەن دەپ قارىدى.

11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن خەلقئارادا جوڭگۇ ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى پارتىلىتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان «ئەلقائىدە» تەشكىلاتىغا ئوخشاش دەپ جار سالدى. شەرقى تۈركىستانغا قارشى غەربنىڭ ھېسداشلىققا ئېرىشتى.

مۇستەقىللىق كۆرۈشى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەشىق قىلىش«تالىبانلارنىڭ» كۆرسەتمىسى بىلەن پۈتۈپ چىقىدىغانلىقى سەۋەپتىن قايتۇرۇپ كېلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇ سەۋەپتىن پاكىستان مەدرىسلىرىدە ئوقۇۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار جۇڭگوغا قايتىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ ئىران يولى بىلەن تۈركىيە ۋە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئۆتۈپ كەتتى.

 

رېئال پوزىتسىيە:

ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بىر توپنى شەكىللەندۈرىدىغان دۆلەتلەر بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئەمەلىي يول تۇتقان. چۈنكى ئۇلار جۇڭگونىڭ باشقا سىياسەت تۇتۇشقا رۇخسەت قىلمايدىغان بىر زور كۈچ دەپ ئىشەنگەن ياكى بۇنىڭدىن باش تارتقان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بەرگەن ناننىڭ چوڭ-كىچىكلىگە قاراپ مۇئامىلە قىلاتتى. بۇلارنىڭ بىرى مىسىر ئىدى. مىسىر زېمىنىدا مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ خۇددى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدىن خەۋەرسىزدەكلا مۇئامىلە قىلاتتى. جۇڭگونىڭ مۇتلەق ھاكىمىيتى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى سۇنغان ھىندونېزىيە، مالايسىيا گە ئوخشاش دۆلەتلەر بىۋاستە جۇڭگونىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا ئۇلاردىن قىلچىلىك ئۈمىد كۈتكىلى بولمايتتى.

 

ئۈلگىلىك پوزىتسىيە:

3- قاراشتىكى دۆلەتلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار دۆلەتتە ئومۇمى ئۈلگە يارىتىدۇ. خۇسۇسەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا پاناھلىق بەرگەن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قوللىغان ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدىكى ئىككى دۆلەت. مىڭلارچە ئۇيغۇرنى پاناھلىق بېرىۋاتىدۇ. ۋە شۇنداقلا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئورتاق تارىخى مەسىلە، ئىسلامى مەسىلە دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەر شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ. ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە خەلقئارالىق ئۇرۇنۇشلارنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە كىتاب-ژۇرناللار تارقىتىلىپ، ماقالىلەر ئىلان قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار ۋە ئىزدىنىشلەر بولۇۋاتىدۇ.

 

خۇلاسە:

ئاخىرىدا كىتابخانلارنىڭ كۆڭلىگە خىلمۇ-خىل سىياسەت ۋە ئىجرائىياتلارنى ھەممىسىنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەسقۇ دېگەن سوئاللار كېلىشى مۇمكىن. ئىسلام دۆلەتلىرى قاچان ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قىلغاندەك ئورتاق نىشانى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ھەركەتلىنەر؟ ۋە ئورتاق بايانلارنى قاچان تارقىتىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارمۇ ياندىشىپ كېلىشى تەبئىي. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ نېگىزلىك مۇسىبەتلەرنىڭ بىرى بولمىسىمۇ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى جىددى قوللىمايۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۈركىستانلىقلار تەسىس قىلغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھىچبىرىنى مەسلىھەتچىلىك يۈزىسىدىن بولسىمۇ  ئەزا قىلمىدى. مانا بۇ باسقۇچتا شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەسىس قىلغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئىسلامى تەشكىلاتلارغا قوشۇلۇش ئارقىلىق تۇنجى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك ئىدى.

  

http://www.ihhakademi.com/dogu-turkistan-sorununun-cozumunde-turkiye-ve-islam-dunyasi/