تۇرپاندىكى مەخفى سەددىچىن سېپىلى ... كارىز

 

  قاچانلا خىتاي تىلغا ئىلىنسا، بىرىنجى بولۇپ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ سەددىچىن سېپىلى بولۇپ، تاغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ چىرايلىق مەنزىرىلىرى، قەدىم تارىختىكى ئورنى ۋە ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرغۇچى، تەسۋېرلىگۈسىز ئالاھىدە تەرەپلىرى خىتايلار نىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەدەنىيتىگە تارىختىن بۇيان شاھىتلىق قىلىپ كەلمەكتە. لېكىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنى(شەرقى تۇركىستاننى)زىيارەت قىلغان ھەرقانداق بىر ساياھەتچى، ئاپتۇنۇم رايۇن پايتەختى ئۇرۇمچى شەھىرىنىڭ شەرقىدىن 192 كىلومېتىر ئۇزاقتىكى تۇرپان شەھرىنى زىيارەت قىلماي قالمايدۇ. چۈنكى، ئۇيەردە ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئەڭ قەدىمىي خارابىلىك يارغۇل قەدىمى شەھرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۆجىزلىرىدىن بىرى بولغان قەدىمى ئۇيغۇرلار قەبرىستانلىقى، تاشتىن ئورالغان ئۆنكۇرلەر ۋە ئۆزگىچە بولغان ئىسلام دىنى مىراسلىرىغا ئوخشاش قەدىمىي تارىخىي ماكانلار، تارىخىي ئەسەرلەر ۋە مەدەنىيەتلەر بار بولۇپ، تۇرپانغا بارغانلار ئىككىنچى چوڭ سەددىچىن سېپىلى ھېساپلىنىدىغان يەر ئالتى كارىز ئېرىقلىرى ئۈستىدە ساياھەت قىلىدۇ. ئۇ ئېرىقلار بولسا،  يەر ئالتىدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئىنشائاتى ۋە 1100 ئېرىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر ئالتى سۇ ئامبىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 5000 كىلو مېتىر كېلىدۇ.  يەرلىك كىشىلەر  ئۇلارنى «كارىز» دەپ ئاتىسا، خىتايلار «كا ئار جىڭ» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەسلى پارىس تىلىدىن كىرگەن بولسىمۇ  يەنىلا «كولانغان قۇدۇق ۋە ياكى ئېرىق»دېگەن ئوقۇمنى بېرىدۇ.

  تۇرپان ھاۋا كېلىماتىنىڭ قۇرۇغ ئىسسىق بولىشى، يامغۇرنىڭ ئاز يېغىشى، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش نىسبتىنىڭ بەك يۇقىرى بولىشى، قەدىم زاماندىكى تۇرپان خەلقىنى سۇ دىن ئېبارەت ھاياتلىق جان تۇمۇرىغا قارىتا مۇقىم چىقىش يولى تېپىش ھەققىدە چارە ئىزدەشكە مەجبۇرلايدۇ، ياز كۈنلىرى ئىسسقلىق دەرجىسى 50 سىىلسىيەگىرادوسقىچە چىقىدىغان، يىللىق يامغۇر يېغىش نىسبىتى 17 مىللىمىتىردىن ئاشمايدىغان، لېكىن سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش نىسبىتى 3000 مىللىمىتىردىن ئاشىدىغان قورغاق بىر زىمىندا سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەر ئالتىغا سۇ ئامبار لىرى بىنا قىلىش ئارقىلىق چىقىش يولى تاپقان بولىدۇ. كېيىنچە سۇ ئامبىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ كۆپىيىىشى ۋە بۇ ھەقتىكى تەجرىبە ساۋاقلارنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە چوڭقۇر سۇلۇق قاتلامدىكى يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزى ياتنۇلىقىدىن پايدىلىنىپ، يەر ئاستى ئېرىقلىرى ئارقىلىق يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىدىغان ئۇلۇغ سۇ قۇرۇلۇشى بولغان كارىزنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ. مەزكۇر كارىزلار بىر تەرەپتىن سۇ ئامبىرى، يەنە بىر تەرەپتىن رايۇنىدا كەلكۈنگە تاقابىل تۇرسا ھەمدە سۇنىڭ بىكارغا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، ئۇ ئېرىقلارنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى قاپلىغان دەرەخلەر مەزكۇر سۇ ئامبىرىدىكى سۇلار نىڭ پارغا ئايلنىپ يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. كارىز دىن ئبارەت بۇخىل«يەر ئاستى قانال ئادەتتە بۇلاق بويلىرىدىن ياكى يامغۇر سۈيى توختاپ قالغان ئازگاللاردىن بىنا قىلىنغان بولۇپ،كىشىلەر يەر يۈزىدە يىگىرمە نەچچە مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ بىر- ئىككى مېتىر ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر تىك قۇدۇق قازغان، تىك قۇدۇق بىلەن تەشمىنىڭ تەكشىلىكى بولسا يەر يۈزى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش كېلىدىغان تەشمە بىلەن تۇتاشتۇرغان،بۇ تەشمىلەر تىك قۇدۇقلارنى بىر-بىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تاكى ئېتىزلارغا ۋە باغلارغا يېتىپ بارغۇچە داۋاملاشقان،سۇ بولسا، تەشمە ئىچىدە شىلدىرلاپ ئېقىپ يەر ئاستى قاناللارنى شەكىللەندۈرگەن.

سۇ يەرنىڭ ئەڭ تېگىدىن زېمىن ئۈستىگىچە ئېلىپ چىقىدىغان، مەزكۇر كارىزلار سەددىچىن سېپىلىدىن قالسا، خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر- بىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقان ھالدا بىنا قىلغان ئەڭ قەدىم تارىخىي مىراسلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. كۈنىمىزدىمۇ مەزكۇر كارىز سۇلىرىنىڭ ئېتىز ئېرىقلارنى سۇغۇرۇشقا ئېستىمال قىلىنىش بىلەن بىرگە ئۆي ئىچىدىمۇ ئېستىمال قىلنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بەرىكەتلىرى ھەققىدىكى چۆچەكلەر خەلق ئىچىدە ھىكايە قىلىنىدىكەن.

كارىز ئېرىقلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى تۇرپان رايۇنىدا بولۇپ، تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ھون سۇلالىسىغا تۇتاشتۇرىدۇ، ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەىمىن قىلىشماقتا. ئەمىلىيەتتە بولسا تاارىخى مىڭ يىلدىن ئاشقان كارىزنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانمىغان. زامانىمىزدىكى تىز سۈرئەتلىك تەرەققىياتلاردىن كېيىنمۇ مەزكۇر كارىزلارنىڭ بىرەر رولى بار يوقلىغى ھەققىدە سورالغان سۇئالغا قارىتا تۇرپان يېزائىگىلىك ئىشلىرى مەسئۇلى تىچىن چىن ۋۋي مۇنداق دەپ جاۋاب بىرىدۇ: گەرچە زاماننىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن تۇرپاندىكى پۈتۈن ئۆيلەرگە سۇ تۇربىلار ئارقىلىق كىرگەن بولسىمۇ، سۇ يۆتكەش ۋاستىلىرى شۇنچە كۆپەيگەن ۋە ئۇنى تازىلاش ئىشلىرى شۇنچە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ يەنىلا كارىز ئېرىقلىرى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.  ئەتراپتا 50 مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇس مەزكۇر كارىز سۇلىرىنى ئىچىملىك سۈيى قىلىپ ئېستىمال قىلىۋاتقان بولسا، 100 مىڭدىن ئارتۇق چارۋا ماللار مەزكۇر كارىز سۇلىرى بىلەن سۇغۇرلىۋاتىدۇ، چۈنكى كارىز سۈيىدىكى مەدەنلەر ۋە تەن سالامەتلىككە پايدىلىق كالتسى ماددىسى ۋە سۇ نىڭ تەمىنىڭ تاتلىقلىغى يەنىلا خەلقنى ئۆزىگە جەلب قىلماقتا. ئۇندىن باشقا كارىز ئويمانلىقلىرىنىڭ پاكىزلىقى، ساپ ھاۋاسى، دەرخزارلىقلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ بىردىن- بىر ساياھەت مەركىزىگە ۋە سۇغا چۇشىدىغان كۆلىگە ئايلانماقتا.

بۇ ئېرىقلارنى «كارىز» دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبى ۋە بۇ ئاتالغۇنىڭ ئېراندىكى 2500 يىللىق سۇ ئېرىقلىرى بىلەن بىر ئالاقىسى بار يوقلىقى ھەققىدىكى سۇئالغا جاۋاب بەرگەن تىچىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇ قۇدۇقلار ۋە ئېرىقلار خىتايغا قوشنا بولغان ئاپغانىستان، ئېران ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ تېپىلىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە جۈملىدىن: گەنسۇ، شەنشى ۋە شانشى قاتارلىق ئۆلكەلىرىدە تېپىلىدۇ، شۇ سەۋەپتىن مەيلى ئىسىم جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى بۇ كارىزلار نىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بولسۇن ئېنىق ۋە كېسىپ بىر نەرسە دەپ ھۆكۈم قىلىش تەس.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر بىر زامانلاردا پارىس تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقى ۋە ياكى ھېچ بولمىسا كۆپۈنچە سۆزلۈكلەرنىڭ بىر- بىرى بىلەن ئالمىشىپ تۇرىشى نەتىجىسىدە كارىز ئاتالغۇسىنىڭ پارىس تىلىدىن كىرگەن بولىشى تەبىئى بىر ئەھۋال، ئەمما ھەر رايۇننىڭ جۇغراپىلىك قۇرۇلمىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بىنا قىلىنغان تارىخلىرىنىڭ پەرىقلىق بولىشى ۋە ھەتتا كۆز قاراشلارنىڭ پەرىقلىق ھالدا تەرەققى قىلغان بولىشى تەبىئىي بىر ئەھۋال.

كارىز ئېرىقلىرى زامانىمىزدا يىپەك يولى ئۈستىدە خىزمەت بىرىۋاتقان بىردىن- بىر ۋە ئەڭ ئاز تېپىلىدىغان نادىر تارىخى مىراسلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايۇندا كۈنىمىزگىچە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا بىر نەچچە تۈرلۈك تەھدېتلەرگەدۇچكەلمەكتە.
شىنجاڭدا 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئېتىۋارەن،كارىزنى قوغداش، رېمۇنۇت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەركىتى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 4 باسقۇچلۇق رېمۇنۇت  باسقۇچى تاماملاندى، 45 مىليۇن يۈۋەن چىقىم قىلىندى، (يەنى 7 مىليۇن دۇللار) ئەتراپىدا. ھازىرغىچە 108 ئېرىق رېمۇنۇت قېلىندى، 18 كىلو مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر ئاستىدىكى كارىزدىكى تىنىپ قالغان  لاي-لاتقىلارنى قول بىلەن تازىلاپ ئۇنى يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىشقا توغرا كەلدى. 600 كىلو مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى توپا ۋە چاڭ – تۇزاڭلار تازىلاندى. نەچچە ئونمىڭلىغان قۇدۇق ئېغىزلىرى ئېچىلدى.

نۆۋەتتە كارىزنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش 5- قارارلىق قۇرۇلۇش پىلانى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ پىلاندا 15 كارىز يېڭىلىنىدۇ ۋە ئىككىنجى سەددىچىن سېپىلى ھېساپلىنىدىغان بۇ ئېرىقلارنىڭ ھەممىسى قوغدىلىدۇ.

رېمۇنت قىلىش ۋە قوغداش باسقۇچلىرى تۇرپان خەلقىنىڭ ھەقىقىي ھاياتىنى قايتىدىن يېڭىلايدىغان بولغاچ، ئۇلارنى بىر مەزگىل قېيىن كۈنلەرگە قويۇشى مۇمكىن، ئەمما ئاخىرىدا كارىزلار قايتىدىن تاتلىق سۇلار بېرىشكە باشلايدۇ، يېشىللىكلەر كۆپىيىدۇ، سوغۇق ۋە تاتلىق سۇلار قۇرۇغلۇق چۆللىرىگە كەڭ تاشا تارقايدۇ. تۇرپان«گوبى سەھرالىقى» ناملىق كىتابتا تەسۋېرلەنگەندەك «قۇملۇق چۆللەردىكى يېشىل ئارال» ھالىتىگە قايتىدۇ.

ئەلجەزىرە ژورنىلى 2015 ئۆكتەبىر

يازغۇچى: راپىئ ئەبۇ رەھمە

تۇرپان

تۇرپان بولسا «شەرقى تۇركىستاندىكى ئۈزۇم شەھرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

قۇربان نىياز ھاجى تەرجىمىسى