ئۇيغۇرلار خەلقئارا سىستېمىنىڭ يۇشۇرن زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىماقتا

قېلىچ بۇغرا قانات

كۈندىلىك ساباھ تورى، 2015- يىلى 12- ئاپرېل

خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاسادنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ سۈرىيەدىلا توختاپ قالمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. زۇلۇمنىڭ ئۇسۇللىرى تارقىلىپ باشقا ھاكىمىيەتلەرگە قۇتراتقۇلۇق قىلدى. ئەگەر بۇ توختىتىلمىسا، دۇنيادىكى باشقا مۇشتۇمزور ھۆكۈمەتلەرگە ئۈلگە بولۇپ بېرىدۇ.

سۈرىيەدىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا يوقىتىشقا ئۇچرىغانلار پەقەت سۈرىيەلىكلەر ۋە باشقا ئەرەبلارلا ئەمەس. بۇ توقۇنۇش سەۋەبىدىن ئىنسانلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقاتتى. سۈرىيەدىكى تېراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىشى بىزنىڭ دۇنيادىكى زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىنى كۆرىدىغان كۆزىمىزنى كورلاشتۇردى. ئادالەتسىزلىك ۋە كەمسىتىشكە، تاجاۋۇزچىلىق ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان كىشىلەر بارغانسىرى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققەت نەزىرىگە ئېلىنمايدىغان بولدى. دۇنيا سۈرىيەدىكى قورقۇنۇچلۇق ئادەلەتسىزلىككە قارشى ھەرىكەت قوللىنالمىغانلىقتىن باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر باستۇرۇشنى كۈنسايىن كۈچەيتتى.   زۇلۇم قىلغۇچىلار خەلقئارادا ئەۋزەللىككە ئېرىشىۋالدى. بۇ ئارىدا، خىتاينىڭ غەربى شىمالىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان تۈركى مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار  قايتا خەلقئارا سىستېمىدىكى يۇشۇرۇن زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغۇچىغا ئايلاندى.

سۈرىيەدىكى توقۇنۇش بۇ رايوندا ھەرخىل شەكىلدىكى ئىنسانىيلىق ئاپەتلىرى ۋە تېراگېدىيەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يۈزمىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىلىيونلىغان كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى. زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ئائىلىلەرنىڭ ئازابلىرى ۋە پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ يارىلىرى ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن بىر نەچچە يىل كېتىدۇ. بۇ دۆلەت ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەقسىماتىنى يوقاتتى. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ دۆلەتتىكى توقۇنۇشنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى سۈرىيە ۋە ئەتىراپتىكى كەڭ رايونلار بىلەنلا چەكلەنمىدى. بۇ توقۇنۇشنىڭ بۇ رايون ۋە دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن مۇھىم سىياسىي تېراگېدىيەلىرى ئۆتكەن نەچچە يىلدا تېخىمۇ روشەنلەشتى.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ مىسىرغا بولغان ھەربىي ياردىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى يەنە بىر نەتىجە سۈپىتىدە ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. ئەمەلىيەت شۇكى بۇ ئامېرىكىنىڭ بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە سىياسىي`مۇقىملىق` ئېلىپ كېىلىش  رادىكال ۋە زوراۋان كۈچلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، دەپ ئىشەنچ قىلىشتەك خاتا سىياسەتنى يەنە قايتىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇرۇنقى مەخسۇس سەھىپىلىرىمدە تىلغا ئالغاندەك، مۇستەبىت رەھبەرلەر ئەمەلىيەتتە غەرب دۆلەتلىرىگە مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىك ئېلىپ كېلىشنىڭ ئورنىغا بۇ دۆلەتلەرنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگۈزۈپ، ئەسەبىيلىكنىڭ ماگنېتىغا ۋە رادىكاللىشىشنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئازراق يامانلىق ئارقىلىق رادىكال گۇرۇپلارنى مەغلۇپ قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئادەتتە يامانلىقنى ئاخىرلاشتۇرالمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ۋەھشىيلىكنى تېخمۇ خەتەرلىك قىلىدۇ ۋە كونتىروللۇقتىن چىقىرىدۇ. بۇ خىل تەسەۋۋۇر بويىچە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش يېقىنقى يىللاردا سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى.

سۈرىيەدىكى ۋەزىيەت يەرشارى خارەكتېرىلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كەلدى. ئوتتۇرا شەرقتىن يىراق رايونلاردا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنى باھانە قىلىپ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ دېموكراتىك تەلەپلىرىنى باستۇرۇشقا باشلىدى. سۈرىيەدىكى توقۇنۇش ۋە قىرغىنچىلىق ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ تەقدىرىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ ھاكىمىيەتلەر سۈرىيەدىكى بۇزغۇنچىلىق ۋە ئۆلۈمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ باستۇرۇش خارەكتېرلىك ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۈرىيە بەشەر ئاساد ھاكىمىيىتىنىڭ شۇنچە كۆپ جىنايەتلىرى بولۇشىغا قارىماستىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ يۈرىكىنى چوڭايتىپ قويدى. ئۇلار بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز خەلقىگە قارىتا خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلىتىپمۇ جازاغا ئۇچىرىمىغانلىقىنى ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە ئانچە خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغىمىغانلىقىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىشتە تاجاۋۇزچىلىق خارەكتېرى تېخىمۇ كۈچەيدى.

ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەقەلەر باشلانغاندىن بۇيان خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ ئېغىر بەخىتسىز ۋەزىيەتكە قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەرەب باھارى باشلىنىشى بىلەن، خىتاي بۇ رايوندىكى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتتى ۋە تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتتى، بولۇپمۇ 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دائىملىق جىنايەت گۇماندارى دەپ قارالدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ يېقىن شەرق بىلەن بولغان دىنىي ئالاقىسى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ يوشۇرۇن قوزغاتقۇچىسى دەپ قارالدى. سۆز ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەندى، ھەمدە ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتقا بولغان تەكشۈرۈش تۈزۈمى كۈچەيتىلدى. تەسىرى كۈچلۈك بولغان زىيالىلار خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتا مەلۇم شەكىلدىكى قارشى پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى ۋە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرى بېرىلدى. ئۇيغۇر پروفېسسور ئىلھام توختى ماقالىلىرى ۋە نوتۇقلىرى سەۋەبلىك ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ قولغا ئېلىندى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. گەرچە خەلقئارا جەمئىيەتتىن بەزى تەنقىدلەر كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي بۇ ئىنكاسلارغا پىسەنت قىلمىدى، ھەمدە بۇ رايوندىكى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قارشى باستۇرۇشىنى ئەركىن ئېلىپ باردى.

بۇ سىياسەتلەر، بولۇپمۇ ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا بىر سىگنال بەردى. بۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلە بەزى كىشىلەر قېچىشقا باشلىدى. قىسمەن ئەھۋالدا، خىتايدىن شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ قەيسەرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەر پاناھلىنىدىغان يەر تاپتى. بەزى مۇساپىرلارغا ئۇنداق تەلەي نىسىب بولمىدى. بەزىلەر شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قولغا ئېلىندى، بەزىلىرى ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇلۇپ ھاياتى خەۋپكە ئۇچىراشتەك تەھدىتكە دۇچ كەلدى. ھالبۇكى، شۇنداق كۆپ تەۋەككۈلچىلىكلەر بولسىمۇ، بۇ ئۇيغۇرلار ئائىلىسى بىلەن قوشۇلۇپ خىتايدا ياشاشنىڭ قېچىپ چىقىشتىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا توقۇنۇشنىڭ باشقا بىر قاتلىمى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. سۈرىيەدە رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتايغا ئوخشاش نۇرغۇن مۇستەبىت دۆلەتلەر ئوخشىمىغان ئەھۋاللاردا قوللانغان بىر كوزىرىنى قوللىنىشقا باشلىدى. 11- سېنتەبىر ۋەقەسى ۋە يەرشارى خارەكتېرلىك تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا، خىتاي ۋە ئۆزبەكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىق ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك قالپىقىنى كىيگۈزۈشكە باشلىغان ئىدى. ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرگە جىنايەت ئارتىش زوراۋان ھاكىمىيەتلەرنىڭ كونا ئۇسۇلىدۇر. 11- سېنتەبىر ۋەقەسى بۇنداق ھاكىمىيەتلەرگە دۇنيا مىقياسىدا بۇ نىشانىنى خەلقئارالىق ھەرىكەت شەكلىدە ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ھەمدە ئۆز دۆلىتىدىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشتا خەلقئارانىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى. رادىكاللىقنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى ۋە سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ باش كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي شىنجاڭدىكى بارلىق قارشىلىقلارغا تېرورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك قالپىقىنى كىيگۈزۈشكە باشلىدى. بۇ رايوندا خىتاي تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىش باھانىسىدە دىنىي چەكلىمىلەرنى كۆپەيتتى. ئۇيغۇرلار رامىزاندا رۇزا تۇتۇشتىن چەكلەندى، ھەمدە دىنىي ئىبادەتلەرنى قىلىش ئۇيغۇرلارغا بارغانسىرى تەسلەشتى. مەسىلەن، ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئورايدىغان ھىجابلىرى چەكلەندى ۋە ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىغا يول قويۇلمىدى. خەلقئارا جەمئىيەت سۈكۈت قىلغانچە خىتاي زۇلۇمنى ھەدەپ ئاشۇردى. خىتاي شىنجاڭدا ئىماملارنى كوچىدا ئۇسۇلغا سالغاندا ۋە بالىلارغا دىنىي تەلىم بەرمەسلىككە قەسەم ئىچكۈزگەندە ۋەزىيەت تېراگىكومېدىيىلىك تۈسكە كىردى. زۇلۇمنىڭ كۈچىيىشى قارشىلىق ۋە قانلىق ۋەقەلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتتى. كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن خالىغانچە زورلۇق كۈچى ئىشلىتىلدى، بۇ يەنە نۇرغۇنلىغان قانلىق ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەربىر كۈچ كۆرستىش ھەرىكىتى ۋە قانلىق توقۇنۇش دىنىي ئەسەبىي ۋەقە دەپ تەسۋىرلەندى.

خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاسادنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ سۈرىيەدىلا توختاپ قالمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. زۇلۇمنىڭ ئۇسۇللىرى تارقىلىپ باشقا ھاكىمىيەتلەرگە قۇتراتقۇلۇق قىلدى. ئەگەر بۇ توختىتىلمىسا، دۇنيادىكى باشقا مۇشتۇمزور ھۆكۈمەتلەرگە ئۈلگە بولۇپ بېرىدۇ. بۇ بەلكىم ئاسادنى قانداق توختىتىش، بۇنىڭ باشقىلار ئۈچۈن كۈچ مەنبەسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى  قانداق ئېلىش، ھەمدە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كىشلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى ۋە زىيانكەشلىك بارلىقنى ئۇنۇتماسلىق ھەققىدە ئويلىنىدىغان ياخشى ۋاقىت بولسا كېرەك.

تەرجىمىدە: مەسئۇد

مەنبە: http://www.dailysabah.com/columns/kilic-bugra-kanat/2015/04/13/uighurs-as-the-invisible-victims-of-the-international-system