ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەزمۇنلار

قوشۇمچە: 2016- يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ خىتاي قىسمى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى(USCIRF) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن پەرقلىق بىر مۇستەقىل ئورگان. مەزكۇر كومىتېت ئامېرىكا پارلامېنتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ھېچقايسىسىغا بېقىنمايدىغان مۇستەقىل مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى بولۇپ، پۈتكۈل يەرشارىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ھەمدە پرېزىدېنت، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە سىياسىي تەكلىپلەرنى بېرىشكە مەسئۇل. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي تەكلىپلەر بىزنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىمىز، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرى ۋە باشقا خەلقئارا ھۆججەتلەرئۈستىگە قۇرۇلغان. «2016- يىللىق دوكلات» ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلدى، كومىسسار ۋە كەسپى خادىملار دەلىل – ئىسپاتىلىرى بار بولغان ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش ئەھۋاللىرىنى خاتىرىلەيدۇ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مۇستەقىل سىياسىي تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. «2016- يىللىق دوكلات» 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2016- يىلى 2- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە بولغان ۋەقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بىز بۇ مەزگىلدىن كېيىن يۈز بەرگەن مەلۇم چوڭ ۋەقەلەرنىمۇ خاتىرىلىدۇق.

خىتاي

ئاساسلىق خۇلاسە:2015- يىلى خىتايدا دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى ئىزچىل داۋاملاشتى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا سەھنىدە ئۆز ئورنىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوغداشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھەقىقىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش سادالىرىنى كۈچەپ باستۇردى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكىگە ئوخشاشلا، ئۆتكەن بىر يىلدا مەركەز ۋە(ياكى) ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كىرىست چېقىش ۋە چېركاۋلارنى تاقاشنى داۋاملاشتۇردى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىغا كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پات – پات زوراۋانلىق باستۇرۇشى ئېلىپ باردى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە تاجاۋۇز قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا فالۇنگۇڭچىلار، كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى ۋە باشقا زاتلارنى پاراكەندە قىلدى، قاماپ قويدى ياكى باشقا شەكىللەردە تۇتۇپ تۇردى. بۇ خىل ئۇزاق مەزگىللىك دىنىي ئەركىنلىككە تاجاۋۇز قىلىش يۈزلىنىشى ئىزچىل داۋاملاشتى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ بۇ خىل سىستېمىلىق، يامانلىشىشقا يۈزلەنگەن تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك، 2016- يىلى يەنە بىر قېتىم خىتاينى «ئالاھىدە ئەندىشىلىك دۆلەتلەر» ياكى  CPC قاتارىغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بېرىدۇ. 1999- يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىزچىل خىتاينى «ئالاھىدە ئەندىشىلىك دۆلەتلەر»(CPC) قاتارىغا تىزىپ كەلدى، ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىقى 2014- يىلى ئىيۇلدا.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار 2014- يىلىدىن باشلاپ تېرورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان _ تەرجىماندىن)دىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ كۆلەملىك چەكلىمىلەرنى يۈرگۈزدى. 2015- يىلى 1- ئايدا، ئۇلار تېرورىزمغا قارشى تۇرۇش پائالىيىتىنىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش» دائىرىسىنى كېڭەيتتى. تېرورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان گۇماندارلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ قولغا ئېلىش ۋە كۆپلەپ قىسىم ئەۋەتىشتىن باشقا يەنە، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى دىنىي مەكتەپلەرنى تاقىۋەتكەن ھەمدە يەرلىك دائىرىلەر ئىزچىل ھالدا ھەر خىل شەكىلدىكى ئاتالمىش «ئاشقۇن» دىنىي ئىپادىلەرگە، مەسىلەن ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى ۋە ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئورىشى قاتارلىقلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنجاڭدىكى بەزى رايونلاردا، يەرلىك دائىرىلەر مۇسۇلمان سودىگەرلەرگە، ئەگەر ئۇلار دىنىي ئېتىقاد ياكى ئەنئەنە نۇقتىسىدىن ھاراق، تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى رەت قىلسا، ئۇلارغا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان. ئۆتكەن بىر يىلغا ئوخشاشلا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى رامىزاندا روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلىنغان، تەدبىر قوللىنىپ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، مەمۇرلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك، تايلاند ھۆكۈمىتى 2015- يىلى 7- ئايدا 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇسۇلماننى مەجبۇرى ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

خىتاي داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىنكار قىلدى، بۇ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە پات – پات قايتۇرما ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى. 2015- يىلى 11- ئايدا پارىژ تېرورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە زەربە بېرىش كەچۈرمىشىنى فىرانسىيە دۇچ كەلگەن «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»( ISIL) مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئالدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى 2015- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ كۆمۈركان ھۇجۇمى دىلوسىغا قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىنغان 28 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتتى، 50 تىن كۆپرەك ئادەم بۇ كان ۋەقەسى سەۋەبلىك يارىلانغان بولۇپ، كۆپىنچىسى خىتايلار. رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تېرورلۇققا قارىتا قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا قوللاشقا ئېرىششىكە ئۇرۇندى. بۇ خىل نۇقتىئىنەزەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق باستۇرۇشى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكىتى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى. باستۇرۇش يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى ياكى ئۆلۈشىنى ھەمدە بىر قىسىم مۇقىمسىزلىق ۋە خەۋپسىزىك ئامىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆچمەنلىك ۋە پەۋقۇلئاددە رادىكاللىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. ھۆكۈمەت بولسا دەل ۋەقەنى تىنچىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى جار سالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇندى، بۇ ئۆزىنىڭ چەك – چېگرىسىدىن ئېشىپ كەتتى. 2015- يىلى 12- ئايدا، فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىئېر(Ursula Gauthier) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى تېرورىزم ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن چىقىرىۋېتىلدى. گەرچە ئىلگىرىمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى قوغلىنىش ياكى ۋىزىسى رەت قىلىنىش ئەھۋاللىرىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن گوتىئېر يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان چېگرىدىن چىقىرىۋېتىلگەن تۇنجى مۇخبىر. ئوخشاشلا 12- ئايدا، خىتاي ئامېرىكىلىق مۇخبىر شۆھرەت ھوشۇرنىڭ قېرىنداشلىرى رەھىم ھوشۇر ۋە شەۋكەت ھوشۇرلارنى قويۇپ بەردى. ئۇلار 2014- يىلى 8- ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن، لېكىن جىنايەت بېكىتىلمىگەن. ئۇلارغا قارىتىلغان ئەيىبلەش ۋە يەنە بىر قېرىندىشىنىڭ داۋاملىق قاماقتا قېلىشى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى جازالاشنىڭ بىر خىل ۋاستىسى. ئىككى قېرىنداشنى قويۇپ بېرىش بىر ئاكتىپ قەدەم بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ قېرىنداشنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانسىرى غەيرى ئەدلىيەلىك ئۇسۇل ۋە ساختا شىكايەتلەر بىلەن ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ۋە باشقا رايونلاردا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا مايىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى(United States Commission on International Religious Freedom، قىسقىچە USCIRF)نىڭ 2016- يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ33 ۋە 34- بەتلىرىدىن.

تۈركىستان ۋاقتى تەرجىمىسى