ئاپتورلار بىلەن سۆھبەت: شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى مىللىي ئەنسىزلىكنىڭ مەنبەسى ھەققىدە

 2008 ۋە 2009- يىللىرى خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى چېگرا رايونلاردا زوراۋان مىللىي نارازىلىق ۋە قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن ئالىملار قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بادرى. ئاۋستىرالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى سېلىشتۇرما سىياسەت ئىلمى ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى بېن خىلمان((Ben Hillman) ۋە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تىل ۋە مەدەنىيىتى بويىچە ياردەمچى پروفېسسور گراي تۇتېل(Gray Tuttle) شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر. ئۇ ئىككەيلەن «شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە قارشىلىق: خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇقىمسىزلىق» ناملىق بىر توپلام نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، كىتابتا بۇ جىددىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان ماقالە ۋە ھۆججەتلەر جەملەنگەن. مەزكۇر كىتاب يېقىندا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. كىتابتا تىبەتتىكى مۇھىتنىڭ يامانلىشىشىدىن تارتىپ شىنجاڭدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەر ئارىسدىكى ئىقتىسادىي پەرققە قەدەر كەڭ دائىرىلىرك مەزمۇنلار ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان. بىر قېتىملىق زىيارەتتە، خىلمان بىلەن تۇتېل  يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى نارازىلىقلار ۋە مۇمكىن بولغان ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە توختالدى.

سوئال: كىتابتىكى بىر نەپەر ئاپتور جېيمىس لېيبولد(James Leibold) مىللىي توقۇنۇش بىلەن مىللىي قارشىلىقنى ئايرىپ چىققان. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرەلەمسىلەر؟

بېن خىلمان: خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدىكى مۇقىمسزىلىقنى توغرا تەسۋىرلەش ئىنتايىن مۇھىم. «مىللىي توقۇنۇش» دېگەن سۆز ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن «مىللىي قارشىلىق»نىڭ كۆرسىتىدىغىنى بولسا بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن «كوللىكتىپ ۋەقەلەر»نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا مىللىي قارشىلىق دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. گەرچە مىللەتلەر ئارىسىدىكى زوراۋانلىق يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخى «مىللىي توقۇنۇش» سەۋىيىسىگە يېتىپ بارمىدى.

 

گراي تۇتېل: مەن بىر نۇقتىنى تولۇقلاپ قويماقچى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتىن كېلىپ چىققان، شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي قارشىلىقنى مۇھاكىمە قىلىش بىر ئاز مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

سوئال: چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭغا بېرىشى بارغانسىرى قىيىنلاشماقتا، بەزى كىشىلەر بۇ رايونلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە يازغانلىقى سەۋەبلىك خىتايغا كىرىشى چەكلەندى. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئىلىم ساھەسىگە قانداق تەسىرى بار؟

خىلمان: يېقىندا بۇ رايونلاردا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بىر تۈركۈم مۇتەخەسىسىلەرنى تېپىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. تىبەت ۋە شىنجاڭ خىتايدىكى ئالاھىدە سەزگۈر تېمىلاردۇر. ھەتتا خىتايدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ بۇ رايونلارغا بېرىشى ئىنتايىن قىيىن.

خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدىكى مۇقىمسىزلىق مۇستەقىللىق ئىزدەۋاتقان چەتئەل كۈچلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ۋە پىلانلانغان، بۇ بىر دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى دېگەن نۇقتىئىنەزەردە. خىتاي دائىرىلىرى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا بۇ رايونغا قىزىقىشى بار بولغان چەتئەللىكلەردىن گۇمانلىنىدۇ، بولۇپمۇ غەربلىكلەردىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنى سۈرگۈندىكى تەشكىلاتلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ۋە مۇخبىرلارغا مۈشكۈللۈك تۇغدۇرغان.

 

سوئال: كىتابىڭلاردىكى بىر ئاساسلىق تېما بولسا، يەرلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دائىم توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقارمايلا قالماستىن، ئەكسىچە توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان شارائىتلارنى كۆپەيتىشىدۇر. بۇ قانداق ئەھۋال؟

خلمان: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان قانۇن ۋە سىياسەتلەرگە دائىم سەل قارىلىدۇ، مەسىلەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمەتلىرى چوقۇم خىتايچە ۋە يەرلىك تىلدا تەڭ ئېلىپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، لېكىن ئەمەلدارلارنىڭ بۇ خاتارلىقلىرىنى ھېچكىم سۈرۈشتە قىلمايدۇ. يەنە كېلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئېلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قسىمى سۈپىتىدە تىبەت ۋە شىنجاڭغا مىلياردلىغان ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدۇ، لېكىن بۇ مەبلەغلەر دائىم چىرىكلەشكەن يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنىدۇ، بۇ تەڭسىزلىكنى كۈچەيتىپ، ئاداۋەت ئۈستىگە ماي چاچىدۇ.

يەرلىك ئەمەلدارلار يەنە كېلىپ ئۆز رايونىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە كىشىلەرگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ، بۇ بىر نەچچە ساھەدە ئىپادىلىنىدۇ.

مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسى پۈتكۈل خىتايدا مەۋجۇت، چۈنكى مەسئۇلىيەت يۇقىرىغا قارىتا بولىدۇ، تۆۋەنگە قارىتا بولمايدۇ. تەڭسىزلىكنى ھەل قىلىدىغان ۋە خاتارلىقلارنى تۈزەيدىغان باشقا يوللار بولمىغاچقا، خەلق دائىم كوچىغا تۆكۈلۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

لېكىن، تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى قارشىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى قارشىلىق پائالىيەتلىرى ئارىسىدا مۇھىم پەرقلەر بار. ھۆكۈمەت تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق پائالىيەتلىرىنى دۈشمەنلىشىش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ قانۇنسىزلاشتۇرۇلغانلىقىغا تەڭ بولىدۇ. يەرلىك ئەمەلدارلار ئۆز جايلىرىدىكى ھەر قانداق نارازلىققا قارىتا دۆلەت بىخەتەرلىكى كوزورىنى ئىشلىتەلەيدۇ ھەم ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خەلق ئاسانلا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ خىل ئاھالىلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن بۇ ئېنىقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

سوئال: كىتابىڭلاردىكى ماقالە ئاپتورلىرى ئاز سانلىق مىللەت تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى ئاخباراتنىڭ قاپلاش دائىرىسى، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ۋە ئۇچۇر ئالمۇشتۇرۇشنىڭ  كۈچىيىشىنى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇققا دائىر تېخىمۇ روشەن بولغان سۆزلەرنى مىللىي قارشىلىقنىڭ ئارقىسىدىكى ئامىللار سۈپىتىدە نەقىل قىلغان.

تۇتېل: بەلكىم شىنجاڭغا نىسبەتەن شۇنداق بولىشى مۇمكىن، لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، تىبەتتىكى قارشىلىق پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي دۆلەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىغا بولغان نارازىلىقتىن كېلىپ چىققان، بۇ ئاپتونومىيەدىن تارتىپ «غەربىي رايونلارنى ئېچىش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە قەدەر چېتىلىدۇ. ياخشى تەرىپى بولسا، ئەگەر دۆلەت ھەقىقەتەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، تىبەتنىڭ ئەھۋالىدا ناھايتى تېزلا ياخشىلىنىش بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەپسۇسكى، مېنىڭ قارىشىمچە بۇ ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.

خىلمان: مەنمۇ يېقىن كەلگۈسىدە سىياسەت بەلگىلەشتە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، دائىرىلەر تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى مۇقىمسىزلىقنى تېخىمۇ قەتئىي تىزگىنلەيدۇ. بۇ رايونلاردىكى ئوخشىمىغان پىكىرلەر بىر خىل خەۋپسىزلىك تەھدىتى دەپ قارىلىدۇ، رەسمىي ھۆكۈمەت مېخانىزمى ئارقىلىق شىكايەت قىلىش قاتارلىق ھەر قانداق شەكىلدىكى قارشىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

مېنىڭچە، بېيجىڭ ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى قورقۇتۇپ ۋە ئالداپ ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا ھەمدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلسا، بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لېكىن بىز كىتابتا توپلىغان تەتقىقاتلار كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، بۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىگە بولغان بىر خىل خاتا قاراش. خىتاينىىڭ زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئېقىمى غەربكە ئاقسا،  بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىرىلەر چوقۇم بۇ جەھەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم.

 

سوئال: سىلەرچە شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرەر قانۇنىيىتى بارمۇ؟

خىلمان: كىتابتا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا، شەھەر ۋە يېزا بويىچە ئايرىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، قىسمەن ئەھۋاللار پەرقلىق بولىدۇ. لېكىن بىر قىسىم جايلاردىن باشقا، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاينىڭ باشقا جايلىرى بىلەن بولغان بىردەكلىكى بىر ئاز تۆۋەن بولغان، يەنى يېقىنقى يىللاردا ئاندىن چوڭ تىپتىكى دۆلەت مەبلىغى تۈرلىرى يولغا قويۇلغان ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان رايونلاردا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بىر قەدەر ئاسان يۈز بېرىدۇ. بۇ رايونلاردا، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى ئېغىر مۇداخلىگە ئوچرىغان، ئۇلار كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچلىرىنى يوقاتقان.

 

سوئال: تىبەت پايتەختى لاسادا 1980- يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا قارشىلىق پائالىيەتلىرى بولۇپ ئۆتكەن، ئەينى ۋاقتتىكى ئەھۋال بىلەن ھازىرقى مۇقىمسىزلىقنىڭ قانداق پەرقى بار؟

تۇتېل: 1980- يىللار بىلەن 2008- يىلىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق قارشىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئورنى ۋە تارقىلىش ئەھۋالىدۇر. 2008- يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپ قىسىم نامايىش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرتىدا يۈز بەردى. 1980- يىللاردا بولسا ئاساسەن تىبەت بىلەن چەكلەنگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، 2008- يىلىدىن كېيىن، گەرچە كۆپ ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر مۇستەقىللىقىنى ئەمەس، بەلكى ئاپتونومىيە ياكى دۆلەتنىڭ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

خىلمان: تىبەت رايونىدىكى قارشىلىقلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى مۇھىم بىر پەرقى بولسا، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بارغانسىرى كۆپ خىللاشقان. 1980- يىللاردا، لاسادىكى نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى راھىب ۋە راھىبەلەر ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر تەبىقە كوچىغا چىقىشقا باشلىدى.

شىنجاڭدا ئاساسلىق ئۆزگىرىش بولسا، چەت رايونلاردىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ ئاھالىلەرگە قاراتقان تېرورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپەيدى، ھۇجۇم نىشانى مەزكۇر رايوننىڭ سىرتىدىكى ئاھالىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى، بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئەھۋال.

قانداقلا بولمىسۇن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل ھادىسىلەرگە زەربە بېرىۋاتقان ۋاقتىدا، ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر نۇقتا شۇكى، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغايدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى دىنىي رادىكاللار بىلەن، خىتايدىكى بىر مىللىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بەختى ۋە كېلەچىكىگە بولغان تەسىرلىرىگە قارىتا ئۆز ئەندىشىسىنى قانۇنلۇق يول ئارقىلىق ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىكى پەرقىنى ئېنىق ئايرىپ چىقىشى كېرەك.

مەنبە: «نيۇيورك ۋاقت گېزىتى»، 2016- يىلى 27- ماي

مۇخبىرلار: EMILY FENG ۋە  EDWARD WONG

 

ئىزاھات: شىنجاڭ – 1949- يىلىدىن بۇيان خىتاي ئىشغالى ئاستىدا تۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان(تەرجىماندىن).