خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى كۆرگەندە ساقچىغا مەلۇم قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان

خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەكىزى خاڭجۇ شەھىرىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئىرقىي كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان.

ئۇقتۇرۇش مۇنداق باشلانغان:

«G20 يىغىنىنىڭ بىخەتەر تىنچ ئېچىلىشى ئۈچۈن، ھەر قايسى ئورۇنلاردىن تۆۋەدىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ...»

بۇ ئۇقتۇرۇشتا بەش تۈرلۈك ئەسكەرتىش بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىنچىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:

«شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلارنى بايقىغاندا بىۋاستە يەرلىك ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرغاندىن كېيىن مەلۇم قىلغۇچىلارغا 500 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.»

ئۇقتۇرۇشتا، مەھەللە باشقارمىسى، ساقچىخانا ۋە ئۇقتۇرۇش چىقارغان شىركەت بولۇپ، ئۈچ ئورۇننىڭ تېلېفون نومۇرى بېرىلگەن.

ئاخىرىغا، خاڭجۇدىكى «جۇۋاڭشىن» نامىدىكى بىر مۆلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ۋە تامغىسى بېسىلغان.

روشەن ئىرقىي كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان بۇ ئۇقتۇرۇش چەتئەللەردىكى ھەر قايسى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسى قوزغىدى.

ئۇيغۇرلار تۈركى تىللىق خەلق بولۇپ، خىتاي «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدىغان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىدۇر. مىلادى 10- ئەسىردە، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. شەرقىي تۈركىستان 1949- يىلى خىتاي كوممۇنست دۆلىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئىشغالىغا چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار ئىزچىل مىللىي كەمسىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراپ كەلدى. 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركى خەلقلەرنىڭ نوپۇسى 94% ئەتراپىدا بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەش ۋە قاتتىق توغۇت چەكلىمىسى قويۇش قاتارلىق سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، خىتاي تەمىنلىگەن سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى 46% گە چۈشۈپ قالغان.

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزلىرىنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە چەكلىمىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلغان ئۇيغۇرلارنى «بۆلگۈنچىلىك، تېرورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۇقارقىدەك ئۇقتۇرۇشلارنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى يامان كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇلار ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلماقتا.

تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى