جاڭ جېشىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يوللىغان تېلىگراممىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

بۈزۈرۈكلەر ھۇزۇرىدا كۆرگەنلىرىم(2)

ئىزچى خاتىرىسى

1995- يىلى قۇربان ھېيت كۈنى مۆھتىرەم ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسۈيىننىڭ ئۆيىگە توپلاندۇق .

ھارپا كۈنىدىكى دېيىشكىنىمىز بويىچە ئۇستازنىڭ  قۇربانلىقىنى بىز ئېلىپ تەييار قىلغان بولۇپ، ھېيت كۈنى نامازدىن بورۇن كەلدۇق ۋە  ئۇستازنى ئېلىپ شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىگە ئەڭ يېقىن بولغان قىزىلتاغ مەسچىتىدە ناماز ئوقۇدۇق.

نامازدىن كېيىن تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى يېنىغا جايلاشقان  شېھىتلىككە كەتتۇق (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونلۇق  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جايلاشقان ئورۇن) رەھمەتلىك مەسئۇت سابىرى، شەرىپقان تۆرە، 1933-يىلى قورۇلغان شەرقى تۈركىستان جومھۇرىيىتى  باش مىنىستىرى سابىت داموللا ھاجىم ، قومۇل قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جومھۇرىيىتى پرېزىدېنتى خوجانىياز ھاجىملارنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلىدۇق .ئەپەندىم بىزگە بۇ يەرنى كۆرسەتكىلى ئەكىلىشتىكى مەقسىدى، بۇ يەرنى بىر مۇقەددەس تارىخ سۈپىتىدە بىز ۋە بىزنىڭ تەڭتۇشلىرىمىزغا ھەم شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىىتىت ئوقۇغۇچىلىرىغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى، تارىخنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەسلىكنى ھەم  بۇنىڭ تارىخنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈشتە رولىنىڭ مۇھىملىقنى، ئىمكان بولسا رېمونت قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. دۇئادىن كېيىن رەھمەتلىك مۇستافا ئاكىمىز ئەكەلگەن ماشىنا بىلەن ئۆيگە كەتتۇق ۋە ئەپەندىمنىڭ قۇربانلىق قويىنى ئەكەلدۇق  ۋە گېزىتخانا ئىچىدىكى ئۆيى ئاستىدا قۇربانلىقىنى قىلدۇق.

بۇ ئارىلىقتا ئەپەندىمنىڭ خوشنىسىمۇ قويىنى بىزگە بوغۇزلاتقۇزۇش ئۈچۈن كەلدى. بىزنى ئۇ ئادەم قاسساپ  دەپ ئويلىدى بولغاي دېدى بىزنىڭ بىرگە كەلگەن ئاكىمىز .

ئەپەندىم دەررۇ ماڭا قارىدى.

بىلەتتىم نىمە مەقسەتتە قارىغىنىنى. مەن ئاكىمىزغا دەرھال ئىتنىڭ قۇربانلىقىنى بۇغۇزلامسەن دېدىم.

ئۇ ماڭا قاراپ ئۇكام سەن ئاغزىڭغا كەلگەننى سۆزلىمە ئەتىگەندە دېدى.

ئەپەندىم ئىشىمىز تۈگىگەن بولسا ئۆيگە چىقايلى، سەن گۆشنى پىشار مېھمان كېلىدۇ دېدى ۋە بىزگە : رەھمەتلىك ئابدۇلئەزىز مەخسۇم «ئوڭ تەرەپتە قارا ئىت، سول تەرەپتە سېرىق ئىت، ئالدىڭغا ماڭساڭ نۇسرەت، ئارقىغا يانساڭ جەھەننەم» دەيتتى، ماڭايلى ئالدىمىزغا قاراپ ئۆيگە كىرىلى دېدى دە بىزنى ئۆيگە باشلاپ ماڭدى.

ئەپەندىمنىڭ ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ بۇ سۆزىنى نەقىل ئېلىشتىكى مەقسىدىنى مەن بىلەتتىم، چۈنكى ئەپەندىمنى  ئەپەندىمنىڭ ئۆيى جايلاشقان بىنانىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىككى بىنادىن ياتاق ئۆيى ۋە مېھمانخانا ئۆيىنى داۋاملىق نازارەت قىلىدىغان بولۇپ بۇ قويىنى بوغۇزلاتماق ئۈچۈن كەلگەن ئادەم دەل ئالدى تەرەپتىكى ئۆيدىكى ئەپەندىمنى كۈزىتىدىغان قۇلاق ئىدى.

بۇ ئادەمنىڭ بىزگە كېلىشتىكى مەقسىدىمۇ يەنىلا شۇ مەقسەت ئىدى. چۈنكى قورودا باشقا قاسساپلارمۇ بار ئىدى .

ئۆيگە كىردۇق دە ھەممىمىز بىرلىكتە گۆش پىشۇردۇق ۋە سۆھبەتكە چۈشتۇق. گۆشلەر پىشىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلگەندە پەتە ئۈچۈن ئەپەندىمنىڭ قەدىناس دوستى، رەھمەتلىك تۇرغۇن ئالماس كەلدى، سۆھبەت تېخىمۇ قىزىشقا باشلىدى. ئادەتتە تۇرغۇن ئالماس ئىككى كۈندە ياكى كۈندە شامالباغقا جايلاشقان يازغۇچىلار جەمئىيىتى قورۇسىدىكى ئۆيىدىن ئەپەندىمنى يوقلاپ كېلەتتى، بولۇپمۇ ھېيت بايرامدا بىرىنجى كۈنى سەپدىشى، يولدىشى، مۇڭدىشى بولغان ئەپەندىمنىڭ ئۆيىدە بولاتتى. سالام سەھەتتىن كېيىن شىرەنىڭ يېنىغا  جايلىشىۋالغان ئۇستاز تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندىگە چاقچاق باشلىدى، ئەپەندىم گۆش پىشىپتۇ ئەمما يەكەننىڭ لەڭپۇڭى بولغان بولسا ھە! بۇ دېگىنى ئەپەندىمنى تېرىكتۈرمەك ئۈچۈن بولۇپ شەرقى تۈركىستاندا يەكەن خەلقىنى لازا -ئاچچىقسۇسىز بىر نەرسە يېمەيدۇ، يەكەن خەلقى لەڭپۇڭغا ئامراق دېگەن لەتىپە بار ئىدى.

 ئۇستاز تۇرغۇن ئالماس گەپ ئارىسىدا مەندىن قانداق قىلدىڭ ئاچىقالىدىڭمۇ دەپ سوردى.

ئۇستازنىڭ ئاچىقالىدىڭمۇ دېگىنى گومىنداڭ ۋاقتىدىكى ئەرك گېزىتى بولۇپ، ئەپەندىم ماڭا گېزىتخانا ئارخىپخانىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرك گېزىتى بار ئۇنى ئاچىقىڭلار دەپ تاپشۇرغان بولۇپ بىز ئۇنى ئارخىپخانىدىكى خىتايغا ئۈچ مىڭ يۈەن پۇل بىلەن ئىككى پاچكا سىگارىت بېرىپ ئاچىققان ئىدۇق.

مەن ئەپەندىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئۈستىدىكى ئىشكاپتىن ئەرك گېزىتىنى ئالدىم ۋە ئەكىردىم. بۇ گېزىت ھازىرقى شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدىن بىر ئاز چوڭ بۇلۇپ ژورنال شەكلىدە ئىدى.

ھەممىمىز بىردىن گېزىتنى ئېلىپ تەپسىلى كۆرۈشكە باشلىدۇق .

تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم ھە مانا بۇ ساندىكەن دېدى دە ئوتتۇرىغا تاشلىدى.ئەپەندىمنىڭ ئىزدىگىنى بىر تارىخى پاكىت بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى جاڭ جېشىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىگە يوللىغان تېلېگراممىسى ئىدى.

ئەدەپسىزلىك بولمىسۇن ئۈچۈن بۈيۈكلەرنىڭ ئالدىدا دەرھال ژورنالغا قول ئۇزارتمىدىم. ئەپەندىم ماڭا قاراپ سىلەرنىڭ بۇ ئىشنى قىلالايدىغىنىڭلارغا ئىشىنەتتىم، ياخشى قىلدىڭلار بۇ سىلەر ۋە ھازىرقى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدىغان تارىخنىڭ بىر كۆمۈلگەن يۈزى، بۇلار(كوممىنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى دېمەكچى) بۇ پاكىتلارنى يوق ئەتمەكنى ئىستەيدۇ، بۇنى ساقلاپ قويۇش، كېيىنكىلەرگە بىلدۈرۈش، ئۆگىتىش كېرەك دېدى.

تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم ماڭا ئۆزەڭ كىچىك ئەمما يۈرىكىڭ چوڭ، دەپ بىر خىل مەمنۇنلۇق بىلەن باقتى. ئۇستازنىڭ  قارىشى سۈرلۈك بولۇپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە قارشى تەرەپنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ كۆرۈشەتتى. تېتىك ساغلام بولۇپ يول يۈرسە قەددىنى تىك تۇتۇپ بويىغا يارىشا ھەيۋەت كۆرۈنەتتى. ئۇستاز ئۈچ كىتابى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىشتىن توختىتىلغان ۋە كىتاپ ئەسەر نەشىر قىلىش ھوقۇقى بېكار قىلىنغان بولسىمۇ، قەلبى ۋەتەن ئىشقىدا يانىدىغان بۇ ئالىم ئەسلى كوممىنىستىلار ئىشغالىدىن كېيىنكى شەرقى تۈركىستان تېمىسىدا تارىخى پاكىت سۈپىتىدە كىتاپ يېزىشنى نىيەت  قىلغان بولۇپ ماتېرىيال توپلاۋاتاتتى. بۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنى بولسا خىتاينىڭ 1949-يىلىدىن كېيىنكى جىنايەتلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى ۋە پائالىيەتلىرى، مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن كېيىنكى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىنقىلاپ، قوزغىلاڭلار، نامايىشلار قاتارلىقلارنىڭ ماتېرىيال ئارخىپلىرىنى توپلاۋاتاتتۇق.

بۇ ژورنالدىكى ماتېريال بولسا تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم ئۇيغۇرلار دېگەن كىتاۋىدىن كېيىنكى تارىخنىڭ داۋامى سۈپىتىدە يازماقچى بولغان كىتاۋىنىڭ بېشىدىكى ئەلەمدىن قەلەمگىچە بولغان جەريانى بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ جەڭ مەيدانىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ۋە جاڭ جېشىنىڭ تېلېگراممىسى ئىدى .

دېمىسىمۇ تارىخ بېتىگە قارايدىغان بولساق قەھرىمان خەلقىمىز ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنڭ قورۇلۇشى ۋە ئالدى كەينىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ساراسىمگە سالغان ۋە ئۇلارنى ئامالسىزلىقتىن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى.

(تولىمۇ ئەپسۇس ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئۈستىدە يالتادا چىقارغان شەرەپسىز قارارى سەۋەبىدىن، شەرقي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى، ھۆررىيىتى تاشقىي موڭغۇلىيەنىڭ ھۆررىيىتى بەدەلىگە ئالماشتۇرۇلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى يالتا كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەلىۋى بويىچە تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ يەنى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىش بەدىلىگە سوۋېت ئىتتىپاقى  شەرقى تۈركىستاندىكى ھەربى مۇتەخەسىسىلىرىنى ۋە قورال ياراقلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ياردەم بەرگەن ئىنقىلاپتىن ۋاز كېچىش ۋە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنى   ئالغا ئىلگىرىلەتمەستىن توختىتىش قاتارلىق شەرتلەر بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئازات قىلىپ بولغان غەلىبە مېۋىسىنى ۋەيران قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دۈشمەنلەشمەسلىك  نەزەرىيەسى ۋە جاڭ جېشىنىڭ شىياڭگاڭدا ئەنگىليەنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بەدىلىگە چېرچىلنىڭ يول قويۇشى سەۋەپ بولدى.)

تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم كۆر سەنمۇ ئوقۇپ باق دەپ بولۇپ ئوقۇپ بولدۇڭ سەن ھەقىچان دېدى ماڭا.

 مەن تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم ئۇزارتقان گېزىتنى قولۇمغا ئالدىم دە دەرھال ئوقۇشقا باشلىدىم، بۇنىڭدا جاڭ جېشىنىڭ تېلېگراممىسى ئەينى كۆچۈرۈلۈپ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە بېسىلغان بولۇپ تېلېگرامما مەزمۇنى: «شىنجاڭدىكى قېرىنداشلار ئۈچ مەسلەك روھى ۋە ئۆزىنىڭ ئىستەكلىرى بويىچە يۇرتىنى تۈركىستان، چىن تۈركىستانى  ۋە يا شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ مەمۇرى ئورۇنلىرى ۋە تامغا ۋېۋىسكىلىرىدا شىنجاڭ ئۆلكىسى دەپ يېزىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغان ئىدى.

مەن بىر ئاز چۈشىنىكسىز بىر مەسىلىگە دۈچ كەلگەندەك ئەپەندىمگە قارىدىم.

بۇ ئارىدا نىزامىدىن ھۈسۈيىن ئەپەندىم ئالدىرىماي بىزگە قارىۋېتىپ،  بۇ ئاددىي بىر تېلىگراممىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن بىز بۇنى قولغا كەلتۈرگىچە نۇرغۇن بەدەل تۆلىدۇق. بۇ تېلىگرامما شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، كۈرەش قانداقتۇر غەلىبە مېۋىسىنى باشقىلار ئەكەپ بېرىدىغان ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش ئەمەس، بەلكى قان تۆكۈش ۋە سىياسەتنى يەر -يېرىگە كەلتۈرۈپ ئويناش دېمەكتۇر، بىز ئەينى ۋاقىتتا تەرەپ تەرەپتىن بۇ خەقنى شۇ دەرىجىدە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. ھەم تېلىگراممىنىڭ يوللانغان ۋاقىتتىكى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى شۇ دەرىجىدە ئىدى، ئەمما بۇنىڭدىكى چىن تۈركىستانى دېگەن ئۇقۇم پەقەت ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى. بىزنىڭ تەك ئىستىكىمىز ھۆر ئەركىن بولغان شەرقى تۈركىستان. تۈركىستان ئۇقۇمى بولسا تەڭرىتاغدىن بالقانغا قەدەر تۈرك زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك تۇراندىن ئىبارەت . شۇڭا سىلەر قانداقتۇر ئۇيغۇرىستان  ۋە چىن تۈركىستانى دېگەن قالايمىقان چۈشەنچىلەرنى مېڭەڭلىگە سوقماڭلار! تۈرك ئائىلىسى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەزرىتىمنىڭ دىنىمىز ئىسلام! مىللىتىمىز تۈرك! ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان ! شۇئارى ھەر زامان يادىمىزدا بولسۇن، شۇنداقلا ئىسمائىل بەينىڭ ئىشتا، تىلدا، دىلدا بىرلىك شۇئارى يېتەكچىڭلار بولسۇن.  ئاللاھ ئىنساننى ئوخشىمىغان ئىرق ئوخشىمىغان تىلدا يارىتىشى قانداقتۇر بىر بىرىگە كىم يامان دەپ يېگۈزۈش ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى ئوخشىمىغان تىل ئوخشىمىغان مىللەت قىلىپ ياراتقان ئىكەن بۇ ئازاتلىق دېگەندە بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار بۇنى ئونۇتماڭلار ! دېدى .

ۋە ئاستا دېرىزە تۈۋىدە ئۇزاندى بۇ كۈنلەردە بىر ئاز سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس  ئىدى.

ئىزاھات:

پايدىلانغان ماتېرياللار

تىرۇمىننىڭ ئەسلىمىسى (ئامرېكا سابىق پرېزىدېنتى)

ئەرك گېزىتى

نەبىجان تۇرسۇننىڭ ماقالىلىرى

ھەزرىتىم - مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا

ئىسمائىل بەي -ئىسمائىل غاسپىرالى