خىتايدىكى G20 يىغىنى نارازىلىق سادالىرى ئىچىدە باشلاندى

20 دۆلەت گوروھى 11- نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى 4- سېنتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خاڭجۇ شەھىرىدە باشلاندى. خىتايدا ئېچىلغان بۇ قېتىملىق يىغىن كۈچلۈك نارازىلىق سادالىرىغا دۇچ كەلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 20دۆلەت گوروھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئوبامانىڭ چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

31- ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا تىبەت تورى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ئۇچۇر مەركىزى قاتارلىق چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بەش تەشكىلات خاڭجۇدىكى يىغىنغا قاتنىشىدىغان 20 دۆلەت باشلىقلىرىغا قارىتىپ ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلدى.

مەكتۇپتا، خىتاينىڭ 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ھارپىسىدا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر تۈركۈم بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغانلىقى، چەتئەللەردىكى ئاممىۋى تەشكىلات پائالىيەتچىلىرىگىمۇ يولسىز چەكلىمىلەر قويغانلىقى پاكىت ۋە مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەشكىلاتلار ئوچۇق مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، خاڭجۇ ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ نورمالغا قايتۇرۇلۇشى قاتارلىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 20 دۆلەت باشلىقلىرىنى بۇ جەھەتتە شى جىنپىڭ ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆزلىشىشكە دەۋەت قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كانادادىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆكتىچى تەشكىلاتلار كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تېرېدونىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، جاستىن تېرېدونى خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى - ھۈسەنجان جېلىل بىلەن كەۋىن گارېتنى قايتۇرۇپ كېلىشكە چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەخسۇس خەت يېزىپ، ئەردوغاندىن ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئانا تىلنى ۋە دىننى چەكلەش سىياسىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى بىر قاتار ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشلىرى ئېلىپ باردى. ئۇچرىشىشلاردا رايون مەسىلىلىرى، سۈرىيە كىرىزىسى، سودا ۋە ئىقلىم ئۆزگىرىشى قاتارلىق تېمىلار بويىچە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنىپىڭنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى قاتارلىقلار دىققەت تارتتى. شۇنداقلا، ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىمۇ تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا مۇھىم ئىقتىسادىي كۈنتەرتىپ سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيىتى رەسمىي يىغىن كۈنتەرتىپلىرىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىگەن.

تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى