ئەنگىلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى

ئەنگىلىيە پارلامېنتى 2021-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ۋە ھۆكۈمەتنى بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ ئەنگىلىيەدە ھاكىمىيەت ئىشىچلار پارتىيسىنىڭ قولىغا ئۆتكەندە، ئىلگىرى بۇ ھەقتە تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ قارارىدىن ۋاز كەچكەن.

«ئوتتۇرا شەرق كۆزى» تورىنىڭ 18-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد لاممى (David Lammy ) خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان مۇئامىلىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن. 

ئىگىلىنىشىچە، لاممى 2023-يىلى 3-ئايدا، ئەگەر ئىشچىلار پارتىيىسى سايلانسا، قانۇنىي يوللار ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى جاكارلايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن «شېرىكلىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

2021-يىلى 4-ئايدا، ئەنگىلىيە پارلامېنتى بېلەت تاشلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەينى ۋاقتتا ئۆكتىچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى پارلامېنتىڭ قارارىنى قوللىدى ھەمدە ئەنگىلىيەنى ب د ت دا ئومۇمىي يىغىنىدا تەكلىپ سۇنۇپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراشنى تەلەپ قىلدى.

ئەمما ھازىر ھۆكۈمەت ئەنگلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنغانلىقتىن، تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى بۇ خىل ئۇسۇلدىن يىراقلاشقان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت مەنبەلىرى «مۇھاپىزەتچى» تورىغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنى خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرى چىقىرىشى كېرەك» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، داۋىد لاممى جۈمە كۈنىدىن باشلاپ خىتايدا ئىككى كۈنلۈك بىر زىيارەتتە بولغان. ئۇ بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئارقىدىن شاڭخەيدا سودا ساھەسىدىكلەر بىلەن بىر يەرگە كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، نۆەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا قىممىتى 110 مىليارد فوندستېرلىڭ (143 مىليارد دوللار) بولۇپ، خىتاي ئەنگىلىيەنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي شېرىكىگە ئايلانغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، لامى خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسىلىىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتايغا بېسىم قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، ئەنگىلىيە «تەيۋەن بوغۇزىدا كۆرۈلگەن بىر قىسىم جىددىيلىكتىن ئەندىشە قىلىدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيا جامائىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەن.

ئەنگىلىيەدە 2010-يىلىدىن بۇيان كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىشچىلار پارتىيىسى ئۇزۇن بىر ئارىدىن كېيىن 2024-يىلى ئىيۇلدا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى. 

2024-يىلى 20-ئۆكتەبىر