خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئالتە كىشىنى تېرورلۇق يىپ ئۇچى تەمىنلەش بىلەن مۇكاپاتلىغان

خىتاي "يەرشارى ۋاقت گېزىتى"نىڭ 8- ئۆكتەبىردىكى بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يوشۇرۇن تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن يەرلىك ئالتە كىشىنى مۇكاپاتلايدىغان بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 2 مىليون 200 مىڭ يۈەن($320,000)گە يېتىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئالتە كىشى باي، لوپ قاتارلىق ناھىيەلەردىن بولۇپ، ئۇلار "زوراۋانلىق، تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بەرگەن"لىكى ئۈچۈن جەمئىي 2 مىليون 200 مىڭ يۈەن بېرىلىدىكەن، ھەر بىرى ئاز دېگەندە 200 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2014- يىلى ئۈرۈمچىدە ئاممىنى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت قاتارلىق يوشۇرۇن خەۋپكە ئالاقىدار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش ھەققىدە بىر نىزامنامە چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇكاپات سوممىسى 1 مىليونغىچە قىلىپ بەلگىلەنگەن.

ئاپرېلدا، دائىرىلەر يوشۇرۇن ھۇجۇم، ئالدامچىلىق، سۇيقەست، زەھەر سېلىش ۋە پارتلىتىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 200 مىڭدىن بەش مىليون يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق ۋە تېرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، 2015- يىلى 18- سېنتەبىر ئاقسۇ ۋىلايىتنىڭ باي ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاننىڭ قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 11 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

لېكىن، خەۋەردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مۇشۇ ۋەقەدە ئارىلىرىدا ئاياللار ۋە بالىلار بولغان 28 كىشىنى قىرغۇچى قوراللار بىلەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئەينى ۋاقتتا، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. فىرانسىيەدىكى بىر ژورنالنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتىئېر بۇ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.

خەۋەردە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن تۇرسۇنجان تۇرغۇن ئىسىملىك كىشىنىڭ "يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپات ساقچىلارنىڭ ئامما ئارىسىدىن ئىستىخبارات توپلاشقا زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ." دېگەن سۆزلىرى نەقىل قىلىنغان.