مۇھەممەد قاسىم داموللام

مۇھەممەد قاسىم داموللام

يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان يېڭى ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىر قاتارلىق ئىسلام مەملىكەتلىرىدىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىنى ئاچقان، ئاتاقلىق دىنىي ئالىم، مەشھۇر جامائەت ئەربابى مەرھۇم مۇھەممەد ئابدۇللا مەخسۇمنىڭ ئوغلى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئوقۇشىنى ئاۋۋال دادىسىدا، ئاندىن پاكىستان ۋە مىسىرلاردا تاماملىغاندىن كېيىن پۈتۈن ھاياتىنى مىللىتىگە خىزمەت قىلىش يولىغا ئاتاپ كېلىۋاتقان، ھازىرغىچە جەمى 60پارچىدىن كۆپرەك كىتاب نەشىر قىلىپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە تارقاتقان، ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم ئابدۇلجېلىل تۇران ئەپەندى ئۆزىنىڭ uyghurweb.net تور بېتىدە مۇھەممەد قاسىم داموللام ھەسرەتىي تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ماقالا ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

داموللامنىڭ دۇنياغا كېلىشى

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى داموللامنىڭ دۇنيا كېلىشى ۋە بالىلىق چاغلىرى ھەققىدە مۇنداق دىدى:“ يېتىلگەن ئالىم، تالانتلىق شائىر مۇھەممەد قاسىم داموللام (تەخەللۇسى ھەسرەتى) مۇھەممەد سىددىق ئىبنى ئەمىن قارى ئەلەم ئاخۇنۇم قاراقاشىنىڭ ئوغلى بولۇپ، بوۋىسى ئەمىن قارى ئەلەم ئاخۇنۇم ئەينى زاماندىكى خوتەننىڭ داڭلىق ئۆلىمالىرىدىن بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ قولىدا يۈزلىگەن تالىپلار ئوقۇپ يېتىشىپ چىققان ئىدى.

مۇھەممەد قاسىم داموللام خوتەننىڭ قاراقاش دەرياسى بويىغا جايلاشقان جاغلىغا كەنتىدە 1907 – يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئالدى بىلەن چوڭ ئانىسى نەبىرە خېنىمنىڭ تەربىيىسىدە بولۇپ، كېيىن يەتتە يېشىدا قاراقاشقا قايتۇرۇپ كېلىنىپ دىنى مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىلگەن. بۇ جەرياندا مۇتەسەۋۋۇپ ئەلى مەردان ھەزرەت دېگەن كىشىنىڭ تەسىرى بىلەن تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇچرىغان.“

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە: كېيىنچە شائىر يۇرتىنى تاشلاپ قەشقەرگە چىقىپ كەتكەن. شائىر قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، كونا شەھەردىكى چاھارسۇ مەدرىسىگە ئورۇنلىشىپ، شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىدىن مەھمۇد ئاخۇن داموللام، ھاشىم ئاخۇن داموللام، شەمسىددىن داموللاملارنىڭ قولىدا ئۇقۇپ دىنى ئىلىم ئۆگەنگەن. قەشقەردىكى مەدرىسىدە ئابدۇلغەنى ئاخۇن داموللام، ئەمىر نۇر ئەھمەد خان بىلەن ساۋاقداش بولۇپ بىللە ئوقۇغان. شائىرنىڭ شېئىرى ئىجادىيىتى مۇشۇ جەرياندا باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا نۇر ئەھمەد خاننىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، شېئىر ئىلمىنى نۇر ئەھمەد خاندىن ئۆگەنگەنلىكىنى شائىر مۇنداق يازغان:

”ماڭا رەھبەر ئىدى ھەر ئىشتا ئول يار،

ئانىڭدىن ھاسىل ئەتتىم ئىلمى ئەشئار.“

شائىر قەشقەردە ئوقۇۋاتقان يىللىرى ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىدىن مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (ئەينى زاماندا مۇھەممەد ئەمىن داموللام، مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىم دەپ ئاتىلاتتى) 1922 – يىللىرى مەدرىسە تەھسىلىنى پۈتتۈرۈپ، قاراقاش ئويباغ مەدرىسىگە مۇدەررىس بولغاندىن كېيىن، بىرتەرەپتىن تالىپلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزخەلقىنىڭ تەقدىرىدىن قايغۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇپ، خەلقنى ئازات قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ ۋە ئوخشاش پىكىردىكى كىشىلەر بىلەن تونۇشىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ۋە مەسلىھەتلىشىدۇ. بولۇپمۇ غۇلجىدا ئاتاقلىق دىنى ئالىم ۋە سىياسىي ئەرباب سابىت داموللام بىلەن تونۇشۇپ، بۇ كىشى بىلەن مەلۇم مەسىلىلەردە بىر قارارغا كېلىدۇ. نەتىجىدە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەنگە، سابىت داموللام چەتئەلگە يولغا چىقىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەنگە يېتىپ كېلىپلا تەشكىلات قۇرۇش ئىشىغا كىرىشىدۇ ۋە مەلۇم ھازىرلىقلارنى پۈتتۈرىدۇ. خوتەننىڭ شۇ چاغدىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ روھى ھالىتىنى ۋە قوراللىق ئىنقىلابنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى توغرا ھېس قىلغانلار زىيالىيلار قاتلىمىدىكى ئۆلىمالار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، 1932 – يىلى 9 – ئايدىن باشلاپ مۇھەممەد ئەمىن داموللام (بۇغرا) تەشكىلات قۇرۇش ئىشىنى باشلىۋېتىدۇ، بۇ ئارىدا سابىت داموللاممۇ كېلىشىم بويىچە چەت ئەلدىن ئۇدۇل خوتەنگە كېلىپ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئۇچرىشىدۇ. پۇختا تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن 1933 – يىلى 1 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تەشكىلات ئەزالىرى ۋەكىللەر مەجلىسى ئېچىپ، مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى ھۆكۈمدار سايلاپ ھەممە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باش قوماندان بولۇپ، پۈتۈن ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئەسكىرى كۈچلەرنى تەشكىللەش، ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈش، قوراللاندۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. سابىت داموللام بولسا باش مەسلىھەتچى، دىنىي ئىشلار پىشىۋاسى يەنى شەيخۇلئىسلام ھەم مائارىپ، ئەدلىيە، ۋەز تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن داموللام ھازىرقى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆز قىلىپ: يۇرت ئىچىدە زۇلۇم، ئىزىشلەر ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى، خەلقنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، چىرىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەھشىلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن قوزغىلاڭنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇجاھىدلارنى ئىشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەجلىس ئاخىرلىشىدۇ ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى تىكلىنىدۇ.

تەشكىلات قۇرۇلۇپ، ھەممە ھازىرلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، 1933 – يىلى 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى مۇھەممەد ئەمىن داموللام باشچىلىقىدا 68 كىشى قاراقاش دوتەي يامۇلىغا ھۇجۇم قىلىپ شۇ كۈنى قاراقاشنى پەتھى قىلىدۇ. ئارقا - ئارقىدىن باشقا ناھىيىلەر پەتھى بولۇپ، نىيىدىن يەركەنگە قەدەر خوتەن ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت تارىختا ”خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى“ دەپ ياد قىلىنىدۇ. ”

داموللامنىڭ ئىنقىلاب سېپىگە كىرىشى

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى داموللامنىڭ ئىنقىلاب سېپىگە كىرىشى ھەققىدە مۇنداق دىدى:“ مۇھەممەد قاسىم داموللام قاراقاشتا جىھاد ھەرىكىتى باشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئوقۇشنى توختىتىپ دەرھال قاراقاشقا يېتىپ كېلىپ، مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىم، سابىت داموللام، سبغەتۇللاھ مەۋلىۋى، 1939 – يىلى مەدىنىدە ۋاپات بولغان مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم(مىلىك ھەزرىتىم)، شاھ مەنسۇر، ئەمىر ساھىب (نۇر ئەھمەد خان)لارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، ئاكتىپ ھالدا جىھادقا ئىشتىراك قىلىدۇ ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن كىرىم چىقىم ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت 1934 – يىلى تۇڭگانلار تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 7 – ئايدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ.“

داموللامنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى كۈرەشلىرى

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە: شائىر مۇھەممەد قاسىم داموللاممۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ كەشمىرگە كېلىدۇ، شۇ كۈندىن باشلاپ شائىرنىڭ سەرگەردانلىق ھاياتى باشلىنىدۇ. كەشمىرگە كەلگەندىن كېيىن، 1939 – يىلى ”تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتى“نى قۇرۇپ، ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە مۇھەممەد قاسىم داموللام سايلىنىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ، كېچە كۈندۈز خەلقنىڭ خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، بۇ جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئىشىنى تەشكىللىك ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مۇھەممەد قاسىم داموللام جەمئىيەتتىكى ۋەزىپىسىنى ئادا ئەيلىگەننىڭ سىرتىدا ئەتىگەن ئاخشاملىرى جامائەتكە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردىن ۋەز تەبلىغ، ئەمر مەرۇپ قىلىپ بېرىدۇ ھەمدە 1942 – يىلى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا نەنجىڭگە كەتكەنگە قەدەر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىدۇ. 1950 – يىلى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىپ، ئۇ يەردىن مىسىرغا بېرىپ زىيارەتتە بولۇپ، يەنە كەشمىرگە قايتىپ كېلىدۇ.

داموللامنىڭ ئەمگەكلىرى

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى داموللامنىڭ ئەمگەكلىرى ھەققىدە مۇنداق دىدى:“ شائىر بۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساپ مۇھەببىتى، خالىس ئېتىقادىنى كۈيلەپ كۆپلىگەن شېئىر قەسىدىلەرنى يېزىپ ”نىجات يولى“ دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چىققان ۋە مەرھۇم مۈھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ”شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ كېيىنكى قىسمى – شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاپ تارىخى“نى نەشر قىلدۇرىدۇ.

1968- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، ئىككى يىلغا يېقىن تۇرۇپ، ھەج قىلىپ يەنە كەشمىرگە قايتىپ كەلگەن. كەشمىردە توققۇز يىل تۇرغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ئارقىلىق تۈركىيىگە كېلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان نەشرىيات مەركىزىدە ۋەتەن داۋاسى بىلەن مەشغۇل بولغان. 1982ـ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. مۇھەممەد قاسىم داموللام سەرگەردانلىق ھاياتىدا يازغان شېئىر، قەسىدىلىرىنى توپلاپ ”نىجات يولى“ دېگەن ئىسىم بىلەن بىرىنچى قېتىم 1951 – يىلى كەشمىردە، ئىككىنچى قېتىم 1981 – يىلى ئىستانبۇلدا ئۆز خىراجىتى بىلەن باستۇرۇپ تارقاتقان. بۇ كىتاب 2000 – يىلى ئىستانبۇلدا يېڭى قىياپەت بىلەن قايتا نەشىر قىلىنغان. مۇھەممەد قاسىم داموللامنىڭ 1940 – يىللىرى كەشمىردە يازغان ”پەرزۇلئەين“ ناملىق ناماز مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان كىچىك ھەجىملىك كىتابى كەشمىر، شاڭخەي، سەئۇدى ئەرەبىستانلاردا قايتا قايتا نەشىر قىلىنغان ۋە خوتەندە ئۇزۇن يىل دىنىي ئوقۇشلۇق كىتابى بولۇپ كەلگەن. مۇھەممەد قاسىم داموللام ئەرەب، فارس، ئوردۇ تىللىرىنى پىششىق بىلسىمۇ كىتابلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا يازغان.

مۇھەممەد قاسىم داموللام ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئۇزۇن يىل سەرگەردانلىقتا ئۆتكەن، ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان كىشى بولۇپ، ئاسارەتتىكى ئىنسانلارنىڭ ھەرقانچە راھەت پاراغەتتە ياشىغىنىدىن، ھەتتاكى قارۇندەك باي بولۇپ كەتكىنىدىنمۇ، ۋەتەنسىز مىللەتنىڭ بالدۇرراق ئۆلۈپ، يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكىنىنىڭ تېخىمۇ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى، ئۆزى ئاسارەتتە بولسىمۇ بارغا قانائەت قىلىپ، شۈكرىۋازلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ خېنىم مىجەز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:

”ئۆلۈم ياخشى ئاسارەت ئاستىدا ئىززەتتە بولغاندىن،

ۋەيا باغۇ چىمەنلەر ئىچرە كۆپ راھەتتە بولغاندىن،

ۋەيا مەھبۇبىلەر قۇچاقىدا ئىشرەتتە بولغاندىن،

قارۇن كەبى دۇنيا تېپىپ سەرۋەتتە بولغاندىن،

مۇخەننەسلەرگە كاپى گەر بولسا ئاش ئىلە نانلار.“

داموللامنىڭ ۋاپاتى

ئاتاقلىق دىنىي ئالىم، جامائەت ئەربابى ۋە مۇجاھىد مۇھەممەد قاسىم داموللام مىلادى 1985 – يىلى 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تائىپ شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

توختى

مەنبە: قېرىنداشلار تورى

 

 

http://qerindashlar.com/?p=691