بۈگۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى يەنە بىر قارا كۈن: ئۇيغۇر ئاسمىنىدىن بىر يۇلتۇز ئۆچتى

2016- يىلى 22- دېكابىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى يەنە بىر قاراڭغۇ كۈن بولدى. ئۇيغۇر خەلقى بىر نۇرلۇق مەشئىلىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان داڭلىق دىنىي ئۆلىما، جامائەت ئەربابى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى، تەشكىلاتچى ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئابدۇلھەكىمخان(تەكلىماكان) مەخسۇم ھاجىم تويۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاقتسىز كۆزىنى يۇمدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر مۇسىبەتكە چۆكتۈردى.

ئابدۇلھەكىمخان(تەكلىماكان) مەخسۇم ھاجىم كىم؟

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم 1963- يىلى قاغىلىق ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قاغىلىقتا تاماملىغان. 1980- يىللاردا، قاغىلىقتىكى مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمدىن دىنىي تەلىم ئالغان. 1990- يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر دىنىي تەلىم – تەربىيە ۋە ۋەزە – تەبلىغ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1949- يىلى كوممۇنست خىتاي ئىشغالىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن نادانلىق ئاسارىتىگە مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ دىنى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىنى ساپ مەنبەلەردىن توغرا رەۋىشتە ئۆگىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.

ئەپسۇسكى، خىتايدا قانخور ماۋنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيين مەيدانغا كەلگەن نىسبەتەن ئەركىن سىياسىي مۇھىت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ يەنە تارىيىشقا باشلايدۇ. بولۇپمۇ، 1990- يىلىدىكى بارىن ئىنقىلابىنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتپەرۋەر ئالىم – ئۆلىمالار ۋە تالىبلار قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىشقا، تەقىب ئاستىغا ئېلىنىشقا باشلايدۇ. مەدرىسلەر تاقىلىپ، ئوقۇغۇچىلار تارقىتىۋېتىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنى ۋە مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاداققى بۇرچى دەپ بىلگەن بىر قىسىم ئالىملار ئىلىم ئېلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ھىجرەت قىلىش يولىنى تاللايدۇ. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

مەخسۇم ھاجىم 1992- يىلى مىسىرغا كېلىدۇ ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى مۆتىۋەر ئىلىم يۇرتى بولغان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. 2003- يىلى ئىستانبۇلغا كېلىدۇ. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم 2006- يىلى قۇرۇلغان ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدە قايتا جانلىنىشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش نازىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە 2016- يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 30 دەك ئۇيغۇر ئالىمنىڭ ئىستانبۇلدا جەم بولۇشى بىلەن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئاساسلىق يولباشچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مەخسۇم ھاجىم 2014- يىللىرىدىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىيەگە كېلىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىگىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇستازى، دوستى ۋە سىردىشى ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر مۇسىبەتكە چۆمدى

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم 22- دېكابىر پەيشەبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لار ئەتراپىدا ئۆيىدە تويۇقسىز ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  زور تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ سەبداشلىرى، ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچىلىرى ۋە ئۇنىڭغا كۈچلۈك مۇھەببىتى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بۇ ئېغىر مۇسىبەتنى قوبۇل قىلالمىغان ئىدى. توغرىسى ئۇلار قوبۇل قىلىشنى خالىمايتتى. لېكىن رەببىمىز ئامانىتىنى خالىغان ۋاقتىدا ئالىدىغان بولغاچ بۇ ئاچچىق رېئاللىققا يۈزلەنمەكتىن باشقا چارە يوق ئىدى....

مەرھۇمنىڭ مېيت نامىزى 23- دېكابىر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى ئەمىنە ئىنانچ ۋەخپى جامەسى(ئىستاسيون جامى)دە ئوقۇلىدۇ.

بىز مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت، ئائىلىسىگە، دەۋا يولىدىكى سەبداشلىرىغا سەبىر تىلەيمىز. رەببىمىزدىن مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ئىزىنى باسىدىغان، مىللىتىمىزگە ئاللاھنىڭ دىنىنى توغرا يەتكۈزۈش ۋە ئىككى دۇنيالىق بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن جاندىلى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان ئالىم – ئۆلىملارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشىنى تىلەيمىز.(ئامىن)

 

 

تۆۋەندىكى مەرسىيە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن ئېلىندى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنى ئەسلەپ

 

ئۆلۈم ھەق ھەر بىر تىرىك جانغا، سۇئال قويماس ئىماندارلار،

ئۆلۈمدىن بىخەۋەر ئەمما، تىنەپ يۈرگەن تۈمەن جانلار.

ئۆلۈم كەلسە تەبەسسۈمدە، نە غەم  بار رەببىگە قايتقاندا،

ھاياتى ئەھسەنۇ ئېھساندا، ئەجر تۆھپە بىلەن ئەلگە تونۇلغانلار.

 

بۈگۈن ئەلگە مۇسىبەت كۈن، ئىلىم ئەھلى ئۈچۈن ئەفغان،

بىزىمدەك كۆپ ئىزىلگەننىڭ يۈرەگى داغدا بىدەرمان.

ئەمەسمىدۇق ئەجەب مۇھتاج، سىزىندەك مەخسۇمغا كۆپ زامان،

ئەلۋىدا ئەي ھەكىم ئۇستاز، ئىلىم ئاسمانىدا چولپان!

 

ساھابە سۈپەتلىك ھەم سۇباتلىق بىر جەسۇر ئۇغلان،

ئىدى بۇ زات كۆپ پەرھىزكار، پەرز سۈننەتلىدە ساغلام.

سىراتەل مۇستەقىم يولى، شۇغۇل ئېھساندا جۈپ قولى،

زىكىر فىكىردە ئەلباشى، ئەدەب ئەخلاقتا چوڭ بولغان!

 

ئالىم دىگەن مىللەتكە مىسلى نۇرلۇق چىراقكەن،

ئالىمىدىن ئايرىلماق، زەپمۇ مۈشكۈل فىراقكەن!

"ئىلەيھى راجىئۇن" دەبان، زىمىندا كۆپ قېرىنداشلار،

سەبىردە كۆپ دۇئا ئەيلەر، ئىگەم پەرمانى شۇنداقكەن.

 

ئابدۇلھەكىم ئۇستازغا رەببىم  رەھىم ئەتسىڭىز!

ساھىب جىنان ئىنسانغا، ئالى مەقام بەرسىڭىز!

گۇناھىنى ئەلغفۇرـ ئەۋف ئىتىپ يۇيسىڭىز!

ئەھلى ئىسلام ئۇيغۇرغا، كۆپلەپ ئالىم بەرسىڭىز!

 

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى 2016- يىلى 22- دېكابىر

 

 

تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى