دىنى زىيالى يۈسۈپ جان سەمەت خىتاي زىندانلىرىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان

 يۈسۈپ جان سەمەت (ئەفىفىي) 1984- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى ئاتۇشتا مائارىپچى ئائىلىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاتۇشتا تاماملىغان. دىنىي مائارىپىنى ئائىلە تەربىيەسىدە ئالغان، 10 يېشىدا قۇرئان كەرىمنى تولۇق ياد ئالغان. 1998-2003- يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش ئىسلام دىنى ئىنىستىتوتىدا ئوقۇپ تاماملىغان. يۈسۈپ جان دىنى زىيالى بولۇش بىلەن بىرگە كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل ئەسەرلىرى ھەرخىل ژورناللار، تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن نىشانلىق شەخس تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە داۋاملىق تەقىپ ئاستىدا ياشىغان.

2004 - يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە قىرغىزىستاندا بىر مەزگىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.  كېيىن بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن. 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقىدا ئۈرۈمچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى يۈسۈپجاننى گۇمان بىلەن بىر قانچە ئاي تۇتقۇن قىلىپ، جىنايەت ئارتالمىغانلىقتىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قوغان.

2010- يىلىدىن كېيىن خوتەندە يەرلىشىپ قالغان، يەككە تىجارەت ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 2014- يىلدىن باشلاپ خوتەندە يەنە خىتايلارنىڭ تولا سوراق، تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان يۈسپجان 2015- يىلى يازدا ئاتۇشقا كۆچۈپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان.

 2017- يىلى كۈزدە مىليۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار قاتارىدا لاگىرغا سولانغان بولۇپ، 2018- يىلى 5 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئاتا ئانىسى خىتاي زىندانلىرىغا قامالغان ئىگە-چاقىسىز مىليۇنلىغان بالىلارغا ئوخشاش يۈسۈپجاننىڭ نارىسىدە 3 پەرزەنتىمۇ ئاتىسىز ياشىماقتا.

 

يۈسۈپجان سەمەت (ئەفىفىي) تەرجىمە قىلغان ئەمما نەشردىن چىقمىغان ئەسەرلەر:

1. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە (مۇھەممەد ئەبۇ زۇھرە)

2. قۇرئان كەرىمگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز (يۈسۈپ قەرەداۋى)

3. پەيغەمبەرلەر قىسسەلىرى (مەھمۇد مىسرى)

4. پەيغەمبەر ھېكايەتلىرى (مەھمۇد مىسرى)

 شىنجاڭ مەدەنىيىتى، جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى، قىزىلسۇ ئەدەبىياتى قاتارلىق ژۇرناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

 

جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىدىكى بىر قىسىم ماقالىلىرى:

1. «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بولۇشى توغرىسىدا قىسقىچە بايان (جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى 2001- يىللىق 4- سان)

2. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىكى (جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى 2003- يىللىق 3- سان)

3. ئىسلام ۋە ۋاقىت (جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى  2004- يىللىق 3- سان)

4. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ (جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى 2009- يىللىق 1- سان)

5. ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان (جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى)

6. ھەزرىتى ئەلى (جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى)

7. قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشى ھەققىدە قىسقىچە بايان (جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى)

8. ئىمام ئەزەم ئەبۇھەنىفەنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى (جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى  2012- يىللىق 1- سان)

9. ئىمام مالىكنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى (جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى  2012- يىللىق 2- سان)

10. ئىمام شاپىئىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

11. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 

شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىدىكى بىر قىسىم ماقالىلىرى:

1. ئەخلاقنىڭ رولى ۋە نۇرى (شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2004- يىللىق 2- سان)

2. نامراتلار ۋە بايلار (شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2004- يىللىق 3- سان)

3. پەرزەنت تەربىيەسى ۋە بىز

4. بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز (شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2004- يىللىق 6- سان)

5. روھ قىرغاقلىرىنى بويلاپ... (شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2005- يىللىق 4- سان)

6. پۇل توزۇتقان خىياللار (شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2006- يىللىق 1- سان)

7. ئۈچ پەدە ھەققىدە ؟؟؟؟  (شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى)

 تالانتلىق يازغۇچى يۈسۈپجان سەمەت (ئەفىفى) ھەققىدە ئىگەللىگەن ئۇچۇرىمىز چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن تەپسىلى يېزىشتىن ئاجىز كەلدۇق، بۇ ھەقتە مەلۈماتى بار قېرىنداشلار بولسا تولۇقلىما بىرىشىنى سورايمىز.

 تۈركىستان ۋاقتى

2020- يىل 4- ئاپرىل