شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈشلەر (1)

ياردەمچى دوتسېنت دوكتۇر ئەركىن ئەمەت

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ پاكىستان ۋە ھىندىستانغا كۆچۈشى 1930- يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلىنىدۇ. بۇلار 1940 تىن 1950- يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ھىندىستان ۋە پاكىستانغا ماسلىشىدۇ، ھەتتا يەرلىك مۇسۇلمان ئاھالىلەرنىڭ ياردىمىگىمۇ ئېرىشىدۇ. لېكىن، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلار تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى ئەركىن ھېس قىلالمايدۇ. بۇ سەۋەبلىك، پۈتكۈل ئارزۇسى يىلتىزى ۋە تارىخى ئوخشاش بولغان تۈركىيگە كۆچۈپ بېرىپ، يېڭى ئەۋلادلىرىنى ئۇ يەردە چوڭ قىلىش بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆچۈشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى تۈركىگە كۆچۈش ھەرىكىتى شەكىللەندۈرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەن، ھىندىستاندىكى تۈركىيە باش ئەلچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىپ، تۈركىيەگە كۆچۈپ بېرىش تەلەپلىرىنى يەتكۈزىدۇ. لېكىن، ئۇرۇشقا قاتناشمىغان ھەم ئەينى ۋاقتتىكى مەسىلىلىرىنى تېخى ھەل قىلىپ بولالمىغان تۈركىيە، يېڭى كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش شارائىتىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبلىك بۇ تەلەپنى رەت قىلىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 1950- يىلى فېۋرالدا، بىر تىزىملىك تەييارلىنىپ تۈركىيەنىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىسى نەبىل باتۇغا تاپشۇرۇلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆچۈپ كېتىش ئارزۇسى يەتكۈزىلىدۇ.

بىر يىلدىن كېيىن ئەنقەرەدىن جاۋاب كېلىدۇ. ئۇنىڭدا، قازاقلارنىڭ تۈركىيەگە ئىسكانلىق كۆچمەن(İskanlı Göçmen، يەنى تۈكىي خەلقلەرگە تەۋە ۋە تۈرك مەدەنىيىتى بىلەن باغلىنىشلىقى بولۇپ، ئالاھىدە قانۇنلار ئارقىلىق چەتئەللەردىن ئېلىپ كېلىنگەن ھەم بۇ قانۇن ھۆكۈملىرىگە ئاساسەن مۇقىم مۈلۈك بېرىلىپ، ئولتۇراق جايى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان كىشىلەردۇر. - تەرجىماندىن) سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، لېكىن مەركەزدىكى ئىشلارنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل ساقلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئارىدا، 1950- يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىككىنجى تۈركۈم قازاق كۆچمەنلەر كەشمىرگە كېلىدۇ. بۇ كىشىلەر ھۈسەيىن تەيجى، دەلىلخان جانالتاي، ئالىبەك ھاكىم ۋە سۇلتان شەرىف تەيجى باشچىلىقىدىكى قازاق تۈركلىرى بىلەن، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىدى. ئۇلار، 1949- يىلى ماۋزېدۇڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان يېڭى كوممۇنست ھاكىمىيەتكە بويۇن ئېگىشنى خالىمىغانلىقلىرى ئۈچۈن ھۆر دۇنياغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى. تىبەت ئارقىلىق كەلگەن بۇ گۇرۇپپىمۇ، خىتاي ۋە تىبەت ئەسكەرلىرى بىلەن نۇرغۇن قېتىملىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ھىندىستان چېگرىسىغا يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردىن كەشمىرگە كېلىدۇ. پاكىستاندىكى قازاقلار ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۈركىيگە كۆچۈش ئۈچۈن قىلغان ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ تېزدىن بۇنىڭ ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1951- يىلى ئەنقەرەگە كەلگەن ۋاقتىدا، مۇراجىئەت قىلغان كىشىلەرنىڭ تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ قوبۇل قىلىنىش ئىشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. باش مىنىستىر ئادنان مەندەرەس رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان مىنىستىلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ 1952- يىلى 13- مارتتا ئېلان قىلغان قارارىغا ئاساسەن، پاكىستان، ھىندىستان ۋە كەشمىردىكى قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئىسكانلىق كۆچمەن سۈپىتىدە تۈركىيەگە رەسمىي قوبۇل قىلىنىدۇ.

1952- يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ 1954- يىلى ئاپرېلغىچە، ئۇلار تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. كەلگەنلەر دەسلەپتە زەيتىنبۇرنۇ، تۇزلا ۋە سىركېجىدىكى كۆچمەنلەر مېھمانخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. كېيىنچە، مانىسا، سالىھلى، قەيسەرى، دېۋېلى، نىغدەنىڭ ئالتايكۆي، ئاقساراي ۋە كونيانىڭ ئىسمىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، يېز – قىشلاقلاردىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئۇلارنىڭ قايتىدىن دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇش رايونلىرىدىن بىرى بولغان ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇغا كۆچۈپ كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوخشاش بولىمغان جايلىرىدا تۈركلەرنىڭ ھۆر دۇنياغا بولغان تەلپۈنۈشى ئۇلارنىڭ كۆچمەن بولۇشىغا سەۋەب بولغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھۆر دۇنياغا چىقىش ئۈچۈن كۆچمەن بولغان قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى سانى ئېنىق ئەمەس. بۇ ھەقتە 18 مىڭدىن 50 مىڭغىچە ئوخشاش بولمىغان تەخمىنلەر قىلىنغان. بۇلاردىن ھايات قېلىپ تۈركىيەگە ئۇلىشالىغانلىرىنىڭ سانى جەمئىي 1850 كىشىدۇر.

دېمەك، ھۆرلۈك ئىشقىدا يولغا چىققان ھەر 10 شەرقىي تۈركىستانلىقتىن ئەڭ ئۈمىدۋار ھالەتتە ھېسابلىغىنىمىزدا پەقەت بىرىلا غايىسىگە يېتەلىگەن. ھۆر ياشاش، تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە قىلىنغان بۇ كۆچۈش سەپىرى ئون مىڭلىغان شېھىتلەرنىڭ قېنى بىلەن بويالغان.

مەنبە: «ئىلمىي قاراش ئىنىستېتۇتى»(Akademik Perspektif Enstitüsü)

2017- يىلى 19- يانۋار

 

ئاپتور  ئەركىن ئەمەت، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ – جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈرك دېئالىكتلىرى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى