شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈشلەر (2)

ياردەمچى دوتسېنت دوكتۇر ئەركىن ئەمەت

1990- يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر كۆچۈش ھەرىكىتى

خىتاي سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۇنياغا ئىشكىنى تاقىۋالغان ئىدى. خىتايدا 1976- يىلى ماۋنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن 1978- يىلىدىن ئىتىبارەن ئېچىۋېتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىنىدۇ. 1980- يىللاردىن كېيىن، يېقىن – يۇرۇقلىرى بۇرۇن چەتئەللەرگە كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارمۇ چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلايدۇ. 1990- يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېقىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك تارىخى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ. ئۇيغۇرلار قوشنا دۆلەتلىرى بولغان پاكىستان، ئافغانىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستان، شۇنداقلا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىشقا باشلايدۇ. سودا – تىجارەت ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ ياشلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار كۈچىيىشكە باشلايدۇ.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە، ئامېرىكا ۋە كاناداغا يېيىلىدۇ. 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ئامېرىكىنىڭ تېرورىزمغا قارشى كۈرىشىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنىدۇ، خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى دۇنياغا تېرروچى قىلىپ كۆرسىتىش ئىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى كۈچەيگەنسىرى پاسپورت ئالالىغان ئۇيغۇر تۈركلىرى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە شۇنچە تىرىشىدۇ. ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە يېڭىدىن تەشكىللىنىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى. 1990- يىلى 4- فېۋرالىدىكى بارىن ۋەقەسى، 1997- يىلى 5- فېۋرالدىكى غۇلجا ۋەقەسى ۋە ئاخىرى 2009- يىلىدىكى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردا چەتئەلگە كۆچۈش كۈچىيىدۇ. پاسسىپ ھالەتتىكى كۆچۈش ھېلھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ.

1990- يىللاردىن كېيىن، ئۇيغۇر تۈركلىرىدىكى كۆچۈشلەر ئاساسەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىغا بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىگە يۆتكىلىشى نەتىجىسىدە، غەرب دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىقىنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە، خىتاي پاسپورتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشى مىلادىدىن بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە داۋام قىلىپ كەلگەن. كۈنۈمىزدە، 2013- يىلىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى داۋام قىلىۋاتىدۇ. دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا شەكىللەنگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى، ئەمدىلىكتە پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىدە تېز سۈرئەتتە كېڭەيمەكتە. تەتقىقاتچىلار، خىتاينىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئۇيغۇرلادا كۆچۈشنىڭ دۋاملىشىدىغانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە خىتايغا قارشى كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويماقتا.

 

مەنبە: «ئىلمىي قاراش ئىنىستېتۇتى»(Akademik Perspektif Enstitüsü)

 

ئاپتور  ئەركىن ئەمەت، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ – جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈرك دېئالىكتلىرى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى