شەرقىي تۈركىستاندا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟

فاتىمە تۇنجەر

سىياسىي ساھەدە تەڭپۇڭلۇقنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. 15- ئىيۇل(سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى- تەرجىماندىن)دىن كېيىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن ئارىلىقىغا مۇساپە قويغان سىياسىي ئىرادە بۇ كۈنلەردە يۆنىلىشىنى رۇسىيە ۋە خىتايغا بۇرىغان بىر ھالەتتە. سۈرىيە مەسىلىسىدە ئورتاق بىر تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ، ئا ق ش باشچىلىقىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.

يېقىنقى مەزگىللەردە، چۇلۋۇرىنى خىتاي تۇتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى بەلگىلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، 2017- يىلى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تۈركىيەنىڭ ئۆتەيدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. لېكىن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقتتا بىز بىر ھەقىقەتكە سەل قاراۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان...خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا، مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۈستىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز چەكلىك ئىمكانلار ئىچىدە مەۋجۇتلۇق مۇجادىلىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي دائىرىلىرى رايوندا كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قورقۇتۇش سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. رايوندا يەرلىك مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىگە ئۇچرىدى ۋە شەخسلەر ئۆز كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرۇلدى.

 

دۇنيا كىچىك بىر كەنتكە ئايلاندى، پەن – تېخنىكا زامان ۋە ماكان ئامىلىنى يوق قىلدى. دۇنيانىڭ بىر چېتىدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بىر قانچە مېنۇت ئىچىدە قىتئەلەر ھالقىپ دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىگە يېتىپ بارالايدۇ. لېكىن تاراتقۇلار دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، بىزلەر پەقەت خەۋەردار بولغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلالايمىز. مېدىيانى ئاكتىپ كۈچ ئورنىدا قوللانغان كۈچلەر مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلمايدىغان ئىشلارنى ئاخباراتتىن مەخپىي تۇتۇپ، نىيەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بىز زالىملارنىڭ دۇنيادىكى زۇلۇملىرىدىن پەقەت بىزگە يېتىپ كەلگەنلىرىنىلا بىلەلەيمىز.

خىتاينىڭ مىللىي كىملىكنى يوقىتىش سىياسەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن بېسىم ۋە مۈشكۈلارتلارنى دۇنياغا يەتكۈزۈش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالماقتا. كىشىلەر ئۆز مەھەللىلىرىدە يۈرگەندىمۇ يانفونلىرى تەكشۈرۈلىدۇ. ئۆز يېغى بىلەن قورۇلۋاتقان خەلق قاتتىق تەقبكە ئېلىنغان، ئۇلارغا چېكىت ئۇرۇلىدۇ ۋە گۇناھكار دەپ ئېلان قىلىپ جازالىنىدۇ. مەدەنىي كىملىكى بىلەن مۇكەممەللەشكەن ۋە ئاسسىمىلياتسىيگە قارشى كۈرەش قىلغان قېرىنداشلىرىمىز كوللېكتىپ يوق قىلىندى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىندى. خىتاي قەبىھ قىلمىشلىرىغا ھەر كۈن يېڭى تۈرلەرنى كۆپەيتمەكتە. خىتايلارغا ئىقتىسادىي ئەۋزەللىك بېرىلىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. رايوندىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي يېقىنقى ئۈچ ئايدا 3500 مەسچىتنى چاقتى.

رايون خەلقىگە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن باستۇرۇش سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىرىنجى نىشانى كىشىلەر ئارىسىدا ئاقارتىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىيالايدىغان كىشىلەر ۋە بۇ كىشىلەر ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مەسچىتلەر ئىدى...بۇ سەۋەبتىن رايوندىكى مەسچىتلەرنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن 350 مەمۇر ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. خىتاي كومپارتىيەسىگە قاراشلىق تاراتقۇلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىش قارارىدىن كېيىن دوكلات تەييارلىنىدۇ ھەمدە كىشىلەر چەكلىمە ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ.

خىتاي ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستاندا بۇندىن بۇرۇنمۇ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن، كىشىلەرنىڭ كىيىنىش ۋە تەقى – تۇرقىغا چەكلىمە قويغان. خەلقنى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ئويغاتقان يولباشچىلار ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قورقۇتۇش سىياسىتى داۋاملاشقان ئىدى.

رايوندا زۇلۇم داۋاملاشماقتا، قىيىن شارائىت ئاستىدا ئۆز كىملىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئەقىدىسى بويىچە ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۆلىرىگە سۇنۇلۇدىغان بىر قولنى كۈتمەكتە. 

مەنبە: habervaktim