سىياسىي ساۋاتلار: پىرېزىدېنتلىق تۈزۈم دېگەن نېمە؟

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 10- فېۋرال 18 ماددىلىق بىر ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى تەستىقلىدى. بۇ قانۇن لايىھەسىدە دۆلەت رەئىسى يەنى پىرېزىدېنتقا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھوقۇق بېرىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى بۇ يىل 16- ئاپرېل بۇ ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەگەر بۇ ماقۇللانسا، تۈركىيەنىڭ سىياىسي تۈزۈلمىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. يەنى تۈركىيە پارلامېنتلىق ئىچكى كابېنت تۈزۈمىدىن پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆزگىرىدۇ.

پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى( تۈركچە Başkanlık Sistem) ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلار تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تالاش – تارتىش قىلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا بۇ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ئەۋجگە چىقىشى تۈركىيەدىكى، جۈملدىن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى تارتتى.

ئۇنداقتا، پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكلىرى بار؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.

پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن ھازىرقى زاماندىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تۈزۈمى يەنى ھاكىمىيەت شەكلى ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتسەك تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدۇ. كۈنۈمىزدە دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى ھۆكۈمەت بىلەن قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئاساسەن چوڭ جەھەتتىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى(republican) ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمى(monarchical) دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئۆز ئىچىدىن پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى(مەسىلەن، ئامېرىكا) ۋە پارلامېنت تۈزۈمى(مەسىلەن، تۈركىيە) دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. پادىشاھلىق تۈزۈمى بولسا، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى(مەسىلەن، ئەنگىلىيە) ۋە مۇتلەق پادىشاھلىق تۈزۈمى(مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان) دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا بىرلا پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان دۆلەتلەر (مەسىلەن، خىتاي، شىمالىي كورىيە) ۋە ھەربىي ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بار(مەسىلەن، تايلاند).

پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى –  جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، ھۆكۈمەت باشلىقى دۆلەت باشلىقى بولىدۇ. مەمۇرى ھوقۇق، قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە ئەدلىيە بىر – بىرىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۆز – ئارا چەكلەپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئەڭ بۇرۇن پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىنى قوللانغان بولۇپ، بۇ تۈزۈمنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر.

ئامېرىكىدىن باشقا، بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا، مېكسىكا قاتارلىق كۆپ قىسىم لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى؛ ئافرىقا قىتئەسىدە نىگېرىيە، ئۇگاندا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر؛ قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ھىندونېزىيە ۋە فىلىپپىن؛ شەرقىي ئاسىيادا كورىيە پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرگە كىرىدۇ. ئىرانمۇ بۇ خىل تۈزۈمدىكى دۆلەتكە تەۋە.

سۈرەتتە: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تۈزۈمى كۆرسىتىلگەن خەرىتە. كۆك رەڭدىكىلىرى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەر.

 

پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:

پىرېزىدېنت دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى بولىدۇ. مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.

بىۋاستە سايلاش – بۇ خىل تۈزۈمدە پىرېزىدېنت ئادەتتە بىۋاستە خەلق تەرىپىدىن سايلىنىدۇ. ۋاستىلىك ھالدا تەيىنلەنگەن رەھبەرلەرگە قارىغاندا بۇنىڭدا پىرېزىدېنت ھوقۇقىنىڭ قانۇنىي ئورنى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. لېكىن پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىدىكى بەزى دۆلەتلەردە ۋاستىلىك سايلايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

ھوقۇق ئايرىلغان -  مەمۇرىي تارماقلارۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولىدۇ. پارلامېنت ئەزالىرى قوشۇمچە مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە ئارلاشمايدۇ. ھۆكۈمەت باشلىقلىرىمۇ قوشۇمچە پارلامېنت ئەزاسى بولمايدۇ.

سۈرئەت ۋە كەسكىنلىك – كۈچلۈك ھوقۇققا ئىگە بولغان پىرېزىدېنت قارارلانى تېز ۋە كەسكىن چىقىرالايدۇ.

مۇقىملىق – پىرېزىدېنتنىڭ مۇقىم بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بولىدۇ. سايلانغان پىرېزىدېنت ھۆكۈمەتنى تەشكىللەيدۇ، پىرېزىدېنت سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمى ئايرىم -   ئايرىم ئۆتكۈزىلىدۇ. پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيىسىنىڭ چوقۇم ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بۇلىشى ناتايىن. خالىغان ۋاقتتا ئېلىپ تاشلىنىدىغان باش مىنىستىرغا قارىغاندا پىرېزىدېنتنىڭ ئورنى مۇقىم بولىدۇ.

پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمنىڭ كەمچىلىكى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان:

ھوقۇقپەرەسلىك(authoritarianism) ياكى دىكتاتورلۇق خاھىشى –  بىر قىسىم سىياسەتشۇناسلار پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمدە سايلامنىڭ ھوقۇقى كۈچەيتىۋېتىلگەن دەپ قارىغان. ئامېرىكىدىن باشقا، پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىدىكى بەزى دۆلەتلەردە پىرېزىدېنتنىڭ تەكرار سايلىنىش قېتىم سانىغا چەك قويۇلماسلىقى ئۇلارنىڭ ئاسانلا دىكتاتورلۇق يولىغا مېڭىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

سىياسىي پالاچ ھالغا چۈشۈپ قېلىش(political gridlock) – پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمدە ھوقۇقنىڭ تارقىلىشى پىرېزىدېنت ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىدىن ئىبارەت ئىككى پاراللېل قۇرۇلما ئۈستىگە قۇرۇلغان. تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، پىرېزىدېنت بىلەن قانۇن چىقىرىش ئورگىنى(پارلامېنت)دىكى كۆپ سانلىقلار ئوخشاش پارتىيەدىن بولمىغان ئەھۋالدا ئاسانلا سىياسىي پالاچ ھالەت كېلىپ چىقىدۇ. يەنە كېلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ، پىرېزىدېنت بىلەن قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ بىر – بىرىنى ئەيىبلىشىگە يول قويىدۇ.

رەھبەر ئالمىشىشتىكى توسالغۇلار – پىرېزىدېتنلىق تۈزۈمىدە پىرېزىدېنتنى ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش قىيىن. پىرېزىدېنت سايلىغۇچىلار قارشى ئالمايدىغان ئىش ھەرىكەتلەردە بولغان تەقدىردىمۇ ۋەزىپە مۇددىتى توشقىچە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  • ئىنتېرنېت مەنبەلىرىدىن