ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى: ج ك پ ئاخىرىدا ھەقىقي يۈزىنى كۆرسەتتى

«ئەركىنلىك»نى قارشى ئالىمىز: غۇلجا تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرى، بۇ يەردە مەھبۇسلار توققۇز زاۋۇتتا ئىشلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر.

ماركو رەسپىنتى

زىمىستان تورى

2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى (ئىلگىرى 2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى دەپ ئاتالغان) ئابىدە خاراكتېرلىك قانۇن بولۇپ، مۇسۇلمان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ش ئۇ ئا ر) دا مىللىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن ج ك پ تەرىپىدىن قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئىمزا قويغاندىن باشلاپ بۇ ئامېرىكىنىڭ بىر قانۇنى بولدى. 

بۇ قانۇن لايىھىسى ئەسلىدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (جۇمھۇرىيەتچى، فىلورىدا) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇ ش ئۇ ئا ر دىكى دىنىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى، ج ك پ نىڭ تەنقىدچىسى. ئۇ 2015-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، ھەمدە 2019-يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭغا تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىس بولغان. 2019-يىلى 11-سېنتەبىر كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن بىردەك ماقۇللانغاندىن كېيىن، رۇبىئونىڭ قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇسخىدا تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈلگەن ۋە 12-ئاينىڭ 3-كۈنى پەقەت بىر كىشى - ئاۋام پالاتا ئەزاسى توماس ماسسى (R-KY) نىڭ قارشى بېلەت تاشلىشى بىلەن ماقۇللاندى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى تېخىمۇ كۈچلۈك نۇسخىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو تەرىپىدىن كېڭەش پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى يەنە بىردەك ماقۇللاندى، ئاخىرىدا 27-ماي ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ماسسى بۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم قارشى بېلەت تاشلىغان.

پرېزىدېنت ترامپ ئۇنى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرغاندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈمىد ۋە تەلەپلىرى ئەمەلگە ئاشتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يېقىندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر رەھبىرى نۇرى تۈركەلمۇ بار ئىدى. ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېنغا جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق)، شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى مەمنۇنىيەتلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ قانۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە باشقا ئورگانلارنى «يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن ش ئۇ ئا ر دىكى تۈركىي ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش، قىيناش ۋە باشقا زوراۋان قىلمىشلارغا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قاراتمىلىقى بولغان جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان. ئۇنىڭدا يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تەدبىرلەر ۋە تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى ئالاھىدە ئەيىبلەيدىغان بەلگىلىمە بار. د ئۇ ق باھا بەرگەندەك، ئۇ «ئامېرىكىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قاراتقان سىياسىتىنى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارە بىرلەشتۈرىدۇ»، «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر كرىزىسىنى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويدى.»

 «مىللەت دىن» ۋە ئىرقچىلىق

2020- يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىنىڭ دائىرىسى كەڭ ۋە مۇددىئاسى ئېنىق، چۈنكى ئۇنىڭ ماۋزۇسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ شىنجاڭدىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىنى ئەيىبلەيدىغان ھەمدە خىتاي ئىچى - سىرتىدا ئۇلارغا قارىتىلغان خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىدىغان بىر قانۇن».

ئۇ ئەمەلىيەتتە ش ئۇ ئا ر ئاھالىسىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى رايوندىكى باشقا بارلىق تۈرك پۇقرالىرىنىمۇ قوغدايدۇ. بۇ قانۇن ئاچقۇچلۇق «رايونلۇق» مەسىلىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە تەكىتلەيدۇ. 

ئالدىنقى شەرت شۇكى، دىن ھەر ۋاقت خەلق مەدەنىيىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىنسانلار توپى سۈپىتىدە تونۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ دىننىڭ پەقەت بىر مىللىي ئېلېمېنت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى دەل ئەكىسچە. مىللەت ئىنسانىيەتنى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا ئايرىيدۇ. ئىنسانلار توپى ئارىسىدا فىزىكىلىق پەرق مەۋجۇت، ئەمما ئۇلار بارلىق كىشىلەر ۋە مىللەتلەر تەۋە بولغان بىئولوگىيىلىك ۋە مەنىۋى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تاسادىپىي ئېلېمېنتلىرى. مەدەنىيەت بىزنىڭ بىر مىللەتكە بولغان تونۇشىمىزنى توغرا شەكىللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭ يادروسى بولغان دىن «ئېتنىك» گۇرۇپپىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئامىللىرى.

ج ك پ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلارنى (كۆپىنچە) مۇسۇلمانلار توپى دەپ قارايدۇ، ئەمما مۇسۇلمان ئەمەسلەر ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ج ك پ غا ئوخشاش ئاتېئىزىم پارتىيىسىنىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «مۇسۇلمان» پەقەت مەدەنىيەت ۋە مىللىي بەلگە. بالقان رايونىدا «مۇسۇلمانلار» بەزىدە «بوسنىيەلىكلەر» نىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاش خاتا ئۇسۇلدا قوللىنىلىدۇ.

ج ك پ ش ئۇ ئا ر دىكى تۈرك ئاھالىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، چۈنكى بۇ پارتىيە ئۇلارنىڭ مىللىتى ۋە دىنىنى ھەقىقىي پەرقلەندۈرمەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئوچۇق-ئاشكارە ئىرقچىلىق. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى 2020»نىڭ «شىنجاڭدىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى»نى ئەيىبلىشى ئادەتتىكى بايانات ئەمەس، بەلكى يادرولۇق مەسىلىنى كەسكىن چۈشەنگەنلىكتۇر. ج ك پ نىڭ پوزىتسىيىسى ئىرقچىلىق. بۇ تېمىغا بولغان سەزگۈرلۈك يۇقىرى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيادىكى ھۆكۈمەت، خەلقئارا ئورگان، پۇقراۋىي جەمئىيەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە جامائەت پىكىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىشى كېرەك.

 ناتسىستلارغا ئوخشاش

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى يەنە «شىنجاڭدىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى»نى ئەيىبلەش ئارقىلىق، ج ك پ نىڭ (ئەڭ يېڭى يېڭى مۇستەقىل تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا) ئۈچ مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مىڭلىغان تۈرك پۇقرالىرىنى (ئەنگىلىيە رېژىسسورى روبىن بارنۋېلنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى «خىتاينىڭ مەخپىيەتلىكى»گە ئاساسلانغاندا) كەم دېگەندە 1200 لاگېردا قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ۋە قاماپ قويۇشتا «توپىلاڭچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە تېرورچىلار»غا قارشى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان دېگەن سەپسەتىلىرىنى پاش قىلغان ۋە ئەيىبلىگەن. ئەمەلىيەتتە، خ ك پ ش ئۇ ئا ر دىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن باشقا بارلىق كىشىلەرگە «توپىلاڭچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە تېررورچىلار»غا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەمما بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنى نەزەرگە ئالغاندا بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ بۇنىڭ جاۋابى ئۇنداق ئەمەس. بىر پۈتۈن خەلققە «تېرورچى» دەپ قالپاق كىيگۈزۈش ئۇلارنى ئىنسانلىقتىن چىقىرىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. ئوخشاش سۆزلەر 1930 ۋە 1940- يىللاردا ناتسىستلار تەرىپىدىن يەھۇدىيلارنى جىسمانى جەھەتتىن يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. خۇددى ئامېرىكىنىڭ قانۇنى خىتايدىكى ئاۋام خەلق بىلەن شىنجاڭدىكى باستۇرۇشقا مەسئۇل ج ك پ رەھبەرلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن پەرقلەندۈرگەنگە ئوخشاش، ناتسىستلارنىڭ ۋەھشىيلىكىگە گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسى مەسئۇل ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىز يېڭى قانۇننى ئالقىشلايمىز، ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىمىزكى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى شىنجاڭ ياكى ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلار ج ك پ تەرىپىدىن ئىزىلگەن باشقا دىنىي ۋە ئىتنىك ئاز سانلىقلارنىمۇ نەزەردە تۇتۇشى كېرەك.

ماركو رەسپىنتى (Marco Respinti)

 ئىتالىيەلىك كەسپىي ژۇرنالىست، خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى (IFJ) نىڭ ئەزاسى، ماقالە يازغۇچى، تەرجىمان ۋە لېكتور.

تۈركىستان ۋاقتى تەرجىمىسى

2020- يىلى 22- ئىيۇن