كانادا پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى

بۇ رەسىم 2019- يىلى 4- ئىيۇن قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە تارتىلغان بولۇپ، تىكەنلىك سىملار ئارقىسىدىكى خىتاي بايرىقى كۆرسىتىلگەن. 

ئوننەچچە نەپەر كانادا كېڭەش پالاتا ئەزاسى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ۋە تىبەتتە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسلىق ئەركىنلىكلەرگە دەرخلى-تەرۇز قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى باش مىنىستىر ترۇدو تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن.

23- ئىيۇن باش مىنىستىر ترۇدوغا يېزىلغان مەكتۇپتا، پارلامېنت ئەزالىرى كانادانىڭ چوقۇم خىتايغا قارشى مەيدانىنى بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇ مەكتۇپ كونسېرۋاتىپ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تەن خاي نگو ۋە لېئو خوساكوس تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، باشقا 11 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىرلەشمە ئىمزا قويغان.

مەكتۇپتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قاماپ قويۇشى، خوڭكوڭدا دېموكراتىك ھوقۇقلارنى باستۇرۇشى، تىبەتتىكى نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان زۇلۇمى ھەمدە مىشىل سپاۋور ۋە مىشېل كوۋرىڭدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر كانادالىقنى تۈرمىگە قامىشى نەقىل قىلىنغان بولۇپ، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى «ئىنسانىيەتكە ئەڭ چوڭ تەھدىت ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىككە خەۋپ» دەپ تەسۋىرلىگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى كانادانىڭ خىتاينىڭ زالىم ھەرىكەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى يولىنىڭ «سېرگېي ماگنىتسكي قانۇنى»نى ئىشلىتىپ يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىست پارتىيە ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ قانۇن ھۆكۈمەتكە خەلقئارادا ئىتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىشقا مەسئۇل بولغان ياكى شىرىك بولغان چەتئەل پۇقرالىرىغا پۇل - مۇئامىلە ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چەكلىمىلەرنى قويۇش ھوقۇقى بېرىدۇ.

بۇ قانۇن يەنە، ھۆكۈمەتكە چەتئەللىكلەرنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىپ قويۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرىنى چەكلەش ھوقۇقى بېرىدۇ. بۇ قانۇن روسىيەدىكى ئالدامچىلىقنى پاش قىلغاندىن كېيىن تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەن رۇسىيەلىك باج مەسلىھەتچىسى سېرگېي ماگنىتكينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

كانادا بۇ قانۇننى ئىشلىتىپ رۇسىيە ۋە ۋېنسۇئېلادىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كانادا بانكا سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى مەكتۇپتا مۇنداق دېگەن: «ئەپسۇسكى، خىتاينىڭ خوڭكوڭلۇقلار، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان زوراۋان قىلمىشى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئەڭ يېڭى ئەندىزىسى بولۇپ، بۇ ئاللىبۇرۇن ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئادەتكە ئايلانغان، چۈنكى ئۇ ئىزچىل ۋەھشىيلىك بىلەن باشقا توپلارغا قورقۇنچلۇق ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلارنى قىلىپ كەلگەن.»  

 مەنبە: س ب س خەۋەرلىرى