ياش ئۇيغۇر زىيالىي خىتاي لاگىرلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى

  ئەكرەم مۇھەممەت 1986- يىلى تۇرپاننىڭ سىڭگىم ناھىيەسىدە توغۇلغان، ئالى مەكتەپنى شەرقىي تۈركىستاندا تاماملىغاندىن كېيىن 2011- يىلى تۈركىيە گە ئوقۇشقا كىلىپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستېرلىقنى تاماملىغاندىن كېيىن 2016- يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن. ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنىستىتوتىدا تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، 2018- يىلى خىتاي مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى قۇرۇپ چىققان تۇرمىدىن ۋەھشى جازا لاگىرلىرىنىڭ بىرىگە قامالغان بولۇپ، يېقىندا لاگىردا خىتاي جاللاتلىرىنىڭ قىيىن-قىستاقلىرى سەۋەبىدىن 34 يېشىدا قازا قىلغان.

 خىتاي جاللاتلىرى شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا 5 مىليۇن ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلاردىن ئىبارەت مۇسۇلمان خەلقىمىزنى جازا لاگىرلىرىغا قامىغان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان دىنىي ئۆلىما، ئىلىم ئەھلى، زىيالىلار بولۇپ، قانچىلىىغان بىگۇنا خەلقىمىزنىڭ جازا لاگىرلىرىدا زۇلۇمغا چىدىيالماي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ئائىلىسىگە بىرىلمىگەنلىكى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.

 ئاللاھتىن ئەكرەم مۇھەممەت قېرىندىشىمىزغا رەھمەت، مەغپىرەت تىلەيمىز. 


مەلۇمات مەنبەسى: نۇرىددىن ئىزباسار نىڭ فېسبۇك ھېساۋى