تۈرك تەتقىقاتچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى تارقاتقان تەشۋىقات كىتابىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تارقاتقان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىلغان كىتابچە تۈرك زىيالىي ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە غۇلغۇلا قوزغىدى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئۆتكەن يىلى چىراغان مېھمانخانىسىدا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن. پائالىيەتكە بىر قىسىم تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پارتىيە ۋەكىللىرى قاتناشقان. ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي كونسۇلخانىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۈرك مېھمانلارغا «شىنجاڭدىكى تېرورلۇق، ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق تەشۋىقات كىتابچىسى تارقىتىپ بەرگەن.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى دوكتۇر ئۆمەر قۇل 27- ئىيۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا خىتاي كونسۇلخانىسى تارقاتقان 42 بەتلىك كىتابچىنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە تارىخىي رېئاللىقنى بۇرمىلاشلار بىلەن تولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىر قىسىم تۈرك تەتىقاتچى ۋە ژورنالىستلار بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يالغانچىلىقىنى، شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىياسىئونلىرىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشنى ئەيىبلىدى. 

komunist-cinden-turkiyede-buyuk-alcaklik-onlar-turk-degil-a892ac

بۇ كىتاب شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانداشلق مۇناسىۋىتىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەس، ئىككىسىنىڭ ھېچ قانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت قۇل قىلىش ۋە قۇل بولۇش مۇناسىۋىتى بار».

كىتابتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇڭغۇل يايلاقلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن مىللەت ئىكەنلىكى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانيلارنىڭ خىتاينىڭ سۇڭ سۇلالىسىگە بېقىنىپ باج تۆلىگەنىكى قاتارلىق ھېچ قانداق تارىخى ئاساسى بولمىغان ۋە تارىخنى بۇرمىلىغان سەپسەتىلەرگە يەر بېرىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۆزلىرى خالاپ ئەمەس، بەلكى قاراخانىيلارنىڭ بېىسىمى بىلەن قوبۇل قىلغانلىقى ئېيتىلغان. 

كىتابتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى مىللىي كۈرىشىنى «تېرورلۇق، ئەسەبىيلىك» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان جۈملىلەر كۆپ يەردە ئىشلىتىلگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ تەشۋىقات كىتابچىسىدىكى ساختىلىق ۋە بۇرمىلاشلارنى ئاممىۋى تاراتقۇ ھېسابىدا ئاشكارىلىغان دوكتۇر ئۆمەر قۇل پائالىيەتكە قاتناشقان تۈركلەرنىڭ بۇنىڭغا ھېچ قانداق ئىتىراز بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە ھېچقانداق مېھمان بۇ كىتابنى ئوقۇمىدى دەپ ئويلايمەن، چۈنكى ئوقۇغان بولسا، ھېچ بولمىغاندا تارىخنى چۈشىنىدىغان بەزى كىشىلەر ئىسلامنى ھاقارەتلەش ۋە تۈرك كىملىكىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان بۇ كىتابچىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولاتتى.»

خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخا ۋە كونسۇلخانىسى ھەر يىلى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈدىغان بولۇپ، ئىزچىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى ئاقلاپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ۋەتەن پارتىيسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پېرىنچەك قاتارلىقلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دائىملىق مېھىنى بولۇپ قالغان.