سۆيۈملۇك ئۇيغۇرلار، قەدىرلىك ئۈرۈمچى! -"5-ئىيۇل"نىڭ يېزىلماي قالغان تەرەپلىرى

سۆيۈملۇك ئۇيغۇرلار، قەدىرلىك ئۈرۈمچى! -"5-ئىيۇل"نىڭ يېزىلماي قالغان تەرەپلىرى

( ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىگە 10 يىل بۇرۇن يېزىلغان ماقالە)

2009-يىلى 6-ئاي، توققۇزاقتىن بىرقانچە يۈز ياش شاۋگۇەندىكى ئويۇنچاق زاۋۇتىغا يېتىپ كەلدى؛ بەزىلىرى مەجبۇر، بەزىلىرى ئىختىيارى؛ ئەمما مەقسەتلىرى پەقەتلا بىر: جانلىرىنى ۋە ئائىلىسىنى بېقىش. ئەمما ھەپتە ئوتمەي تۇرۇپ؛ يەنى 26-ئىيۇن كۈنى ، ئۇلار ئۆزلىرىنى بىرقانچە مىڭ ئادەم سىياقىدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ كالتەك-توقماقلىرى ئارىسىدا كۆردى؛ مەخلۇقاتلار ئۇلارنى ياتاقلىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇردى، كارۋاتلىرىنىڭ ئاستىدىن سۆرەپ ئاچىقىپ دەسسىدى، مەيدانلاردا قوغلاپ يۈرۈپ كالتەكلىدى، قىز-ئوئۇغۇل دېمىدى، ئۆلۈك-تىرىك دېمىدى؛ ئۇلار توققۇزاقتا 2 ئادەم سوقۇشسا، 4 ئادەم كېلىپ ئاجرىتىپ قويىدىغان ئەقەللىي بىر ئىنسانىي ئەخلاقنى كۆرۈپ چوڭ بولغان ، ئەمما بۇ قورۇدا مۇنداق بىر ئىنكاسنى كۆرمىدى؛ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا تاماشىبىن ئىدى، دەرۋازىۋەندىن تارتىپ ساقچىسىغىچە! ئۇلار بەلكىم تۇنجى قېتىم، ئادەم سىيادىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئادەم ئەمەسلىكىنى تۇنجى قېتىم كوردى. ئاقكوڭۇللۇك دېگەن مانا بۇ! ساددىلىق دېگەن مانا بۇ!

قانلىق مەيدان، ئېچىنىشلىق كۆرۇنۈشلەر ئىنتەرنەت ۋە قول تېلىپونلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقالدى؛ قېنىدا ئازراقلا ئۇيغۇرلۇق دانىچىسى بولغان كىشىنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى. ئەقلىي تەپەككۇرى نورماللا بولغان ئۇيغۇر شەپكىسىنى تىزىغا قويۇپ قويۇپ ئويلاندى: ئەۋلادىمنى،پۇشتۇمنى، مانا مۇشۇ مەخلۇئاقاتلارنىڭ ئىنساپ ۋە باشقۇرۇشىغا قويۇپ كېتەرمەنمۇ؟ نەۋرىلىرىم-چەۋرىلىرىمنىڭ كېلەچىكى مانا مۇشۇ مەخلۇقاقتلارنىڭ قولىدا قالارمۇ؟ مىللىي سەگەكلىك دېگەن مانا بۇ! مىللىي ئويغۇنۇش دېگەن مانا بۇ!

توققۇزاقتىكى ئۇيغۇرنىڭ قېنى شېنجىندا ئاققاندا ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى ئاغرىدى، جېنى سېقىرىدى! توققۇزاقتىكى ئۇيغۇرنىڭ قېنى ھېساپسىز قالغاندا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى ئىسيانى كۆتۈردى. مىللىي ئاڭ دېگەن مانا بۇ!مىللىي ھىسسىيات دېگەن مانا بۇ!

5-ئىيۇل كۈنى ئاساسلىقى ئىنتەرنەت مۇشتىرىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان بىرقانچە يۈز ياش ئۇيغۇر زىيالىسى كوچىغا چىقتى. بۇ مەزگىل خىتاينىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ھەيۋىسى تېخى تۈگىمىگەن ئىدى؛ ۋاڭلېچۇئەن، ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى كۈرەشنى ھايات-ماماتلىق جەڭ دەپ ئېلان قىلغىنىغا بىرقانچە ئاي ئۆتمىگەن ئىدى؛ يەنى خىتاي " بىر يەرگە توپلانساڭ سولايمەن، تەشكىللەنسەڭ ئاتىمەن" دەۋاتقان بىر مەزگىل ئىدى. دېمەك جاسارەت دېگەن مانا بۇ !تەۋەككۇلچىلىك دېگەن مانا بۇ!

نامايىشچىلار، مۈمكىن قەدەر قان تۆكۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىرادىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا قوللىرىدا قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ چىقتى. خىتايغا بۇمۇ تەسىر قىلمىدى، تەلىپىڭ نىمە دەپ سوراپ قويمىدى؛ دەردىڭ نىمە دەپ ئاڭلاپ قويمىدى؛ پەيلى بويىچە تۇتىدىغىنى تۇتتى، ئاتىدىغىنىنى ئاتتى. بىرنى تۇتسام قالغىنى چېكىنىدۇ دەپ ئويلىدى، ئىككىنى ئاتسام قالغىنى قاچىدۇ دەپ ئويلىدى؛ ئاقىۋەت ئۇنداق بولمىدى، يۈزلەپ تۇتسىمۇ ئادەم ئازايمىدى، ئونلاپ ئاتسىمۇ ئارقىغا چېكىنمىدى. غەزەپ ئوتى جەمىيەت ياشلىرىغا تۇتاشتى، تۇتۇپ كېتىلگەننىڭ ھېساۋىنى شۇ مەيداندىلا سوراشقا ، ئېتىلغاننىڭ قىساسىنى شۇ مەيداندىلا ئېلىشقا ئاتالاندى. مىللىي بىرلىك دېگەن مانا بۇ، مىللىي قېرىنداشلىق دېگەن مانا بۇ!!!

يىللاردىن بېرى مىللىي غەزەپ-نەپرەتتىن، ئوچ-ئاداۋەتتىن، قېقىلىش-سوقۇلۇشتىن ئىچلىرى خۇن بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ مەيداندا بىر ئىش قىلىۋېلىشنى نەچچە ئون يىللاپ ياشاشتىن ئۈستۈن بىلدى. قوماندانسىز قوشۇن، تەييارلىقسىز جەڭنى باشلىدى. بۇ قوماندانسىز قوشۇنغا قېنىغا پاتمىغان ياشلارمۇ، 13 ياشلىق ئۆسمۈرمۇ، نازۇك خانىم قىزلارمۇ قېتىلدى. يول گىرۋەكلىرىدىكى كېسەكلەر، ئاشخانىلاردىكى ئۈستەل ئورۇندۇقلاردىن سۇندۇرۇلغان توقماقلار، ئۇست قەۋەت بىنالاردىن تاشلاپ بېرىلگەن چەيدۇ-پىچاقلار، 60 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم كارامىتىنى كۆرسەتتى: 6-ئىيۇل سەھەردە خىتاي 167 جەسەتنى كوچىدىن تېرىۋالدى. خىتاي ئىستاتىسكىسى بويىچە ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى خىتاي! ئەگەر راست بولسا موجىزە دېگەن مانا بۇ!!!!، غالىبىيەت دېگەن مانا بۇ!

6-، 7- ئىيۇل كۇنلىرى خىتاي "نوچىلىرى" كوچىغا چىقتى، قولىدا قىزىل بايراق ئەمەس، توقماق ۋە پىچاق بىلەن؛ مەسىلىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ھۆكۇمەت يېنىدا، ئۇرۇشسا قوغدايدىغان ۋە يان باسىدىغان ئارمىيىسى ئارقىسىدا، داۋانى سورايدىغان سوتچىسى بېشىدا! ھۆكۈمىتى ۋە قانۇنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتكۈسى كەلمىدى، بۇ پۇرسەتتە نوچىلىق قىلىۋالغۇسى كەلدى، قەھرىمان بولۇۋالغۇسى كەلدى؛ دېمەك نامەرتلىك دېگەن مانا بۇ! نائەھلىلىك دېگەن مانا بۇ!!!!

تۇتقۇن قىلىنغان بالىلىرى، ئاكىلىرى، ئىنىلىرىنىڭ ئىزدېرىكى ئۇچۇن ئانىلار ۋە قىزلار ئاتبەيگە مەيدانىدا توپلاندى. تانكىنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭغان تۇرسۇنگۇل، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇچۇپ يۈرۈپ قول شىلتىۋاتقان كوك مايكىلىق قىز دۇنيا جامائىتىنىڭ خاتىرىسىدە ئۇيغۇر ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى دېگەن نام بىلەن بىرلىكتە ئۆچمەس ئىز قالدۇردى. نەمۇنە دېگەن مانا بۇ! ئۇلگىلىك ئوبراز دېگەن مانا بۇ!

9-ئىيۇل كۇنى ئاقمەسچتتىن چىققان بىر گۇرۇپ ياش نامايىش قىلدى. نامايىش مەيدانى دۆڭكۆۋرۇك بازىرىدىكى يول ياقىسى، ۋاقتى جۈمە نامازدىن كېيىن؛ نامايىشنىڭ يېتەكچىسى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قىزى: شۇئارى " بىزگە ئادىللىق كېرەك، بىزگە ئەركىنلىك كېرەك". خىتاي ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارنى چەتەل مۇخپىرلىرىنىڭ ئالدىدىلا ئۇرۇپ-تېپىپ ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى ؛ ھىچقانداق ۋەقە چىقمىدى؛ بەزىلەر ئارزۇ قىلىۋاتقان تېنچلىقچىلىق دېگەن مانا بۇ! تەرتىپ-ئىنتىزامچانلىق دېگەن مانا بۇ!!!

13-ئىيۇل كۇنى 3 نەپەر ياش مەسچىتتە جامائەتنى جىھادقا چاقىردى، تەييارلىقىسىز جامائەت تېڭىرقىدى ياكى جۈرەت قىلالمىدى؛ ئەمما ئۈچ نەپەر ئەزىمەت پىچاق بىلەن خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى؛ ساقچىلار ئوق چىقاردى، يىقىلغان يېرىدىن، سەنتۈرۈلۈپ قوپۇپ يەنە ھۇجۇم قىلدى، دۇشمىنىگە ئېتىلىپ تۇرۇپ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. پىچاق بىلەن ئاپتۇماتقا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان بۇ 3 ياشنىڭ سىگانالى ناھايىتى ئېنىق: مەن مۇنداق شەكىلدە ئۆلىمەن!يەنى تەسلىم بولۇپ ئەمەس، بويۇن ئېگىپ ئەمەس، قارشلىق كۆرسىتۈپ تۇرۇپ ئۆلىمەن! . ئىمان دېگەن مانا بۇ ! ئېتىقاد دېگەن مانا بۇ!

سوتلار باشلاندى، ئۆلۈم جازالىرى ئىجرا بولدى؛ سوت مەيدانىدا جازانى قىلچىمۇ مەنسىتمەستىن، مەردانىلىق بىلەن قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرغان مەھكۇملار دوست ۋە دۇشمەنلىرىگە ئۇيغۇر روھىنىڭ ئوبرازىنى كۆرسۈتۇپ قويۇپ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. ئۆلۈمگە بۇ دەرىجىدە پىسەنت قىلماسلىق روھىنى ئىپادىلەش ئۇچۇن، ھولليۋوئودنىڭ ئەرتىسلىرى بەلكىم نەچچە يۈزمىڭ دوللارلىق خىراجەت بىلەن مەشق قىلىشى مۈمكىن؛ ئەمما 5 _ئىيۇل مەھكۇملىرى مەشقسىز، تەلىم-تەربىيەسىز نامايەن قىلدى. قەھرىمانلىق دېگەن مانا بۇ! ئابىدە دېگەن مانا بۇ!

ئەڭ مۇھىمى ، بۇ يەردىكى قەھرىمانلىق ، يۇز يىللىق بىر ئاسارەتتىن كېيىن ؛دۈشمەننىڭ توختىماي قىرىش ۋە چېپىشلىرىدىن كېيىن ، بولۇپمۇ دۈشمەن " مەن دۇنياغا خوجا بولۇمەن " دەۋاتقان بىر پۇرسەتتە ئىپادىلىنىۋاتقان قەھرىمانلىق!بۇ يەردىكى مىللىي ئاڭ، بۇ يەردىكى مىللىي ھىسسىيات دەۋرلەپ-دەۋرلەپ كومۇنىستىك تەربىيەدىن، دەۋرلەپ-دەۋرلەپ نادان قالدۇرۇلۇشتىن كېيىن ساقلىنىپ قېلىۋاتقان ۋە پارتىلاپ چىقىۋاتقان ئاڭ ۋە ھىسسىياتتۇر. مىللىي مەۋجۇتلۇق دېگەن مانا بۇ! مىللىي ھاياتي كۇچ دېگەن مانا بۇ!

" مانا بۇ!"لارنىڭ ھەممىسى "5-ئىيۇل" دېگەن ئىبارىنى ئەسلىگىنىمدە قەلبىمدە مۇنداق بىر سادا پەيدا قىلىدۇ: سويۇملۇك ئۇيغۇرلار! قەدىرلىك ئۇرۇمچى!

106986746_3300394013325387_1508292899533930434_n

خاتىمە:

ئەلۋەتتە پوپۇلەرىزىمگە( قۇلاققا خوش ياقىدىغان گەپلەرنى قىلىشقا) ھىچقانداق ئېھتىياجىم يوق؛

ئەمما يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ مىللىتىمىزگە تۇتىۋاتقان " سەن يارامسىز، سەن چارىسىز، بىر تال مويىمىزنىمۇ تەۋرىتەلميەسەن" دېگەن پوزىسىيەسىدىكى كەمسىتىش سىياسىتىدىن پۇچىلانغان قەلبىمگە؛

بىر قىسىم چەتەللىك دوستلارنىڭ ، "بىر مىلياردلىق بىر نوپۇسقا، دۇنيانىڭ بىر سۇپەر كۇچىگە قارشى باش كوتۇرۇش مۇمكىنمۇ" دەيدىغان سوغۇق سۇلىرىدىن ئازار يېگەن دىلىمغا ؛

ئوز ئىچىمىزدىكى بەزىلەرنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ، چارىسىزلىقلىرىنى "رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش" ياكى "ئىللەتنى تۈزەش" نامى ئاستىدا مەسخىرىلىك تەنقىد قىلىشلىرىدىن؛ ھەتتا مىللىتىمىزنىڭ مۇبارەك نامىنىڭ ئاخىرىغا ئەيمەنمەي "ئەك" دېگەن كەمسىتىش قوشۇمچىسىنى قېتىپ مازاق قىلىپ ئاتاشلىرىدىن؛ ھەتتا قېنىمىزدىن قۇسۇر ئىزدەپ قەبرىستانلىقتىكى ئەجداتلىرىمزىنىمۇ تارتىپ ئاچىقىپ سۆكۈشلىرىدىن؛ قىسقىسى، خالىغانچە كەمسىتىلىۋاتقان، سۆكۇلىۋاتقان، مەسخىرە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇ تائىپىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئازاپلانغان يۇرىكىمگە تەسەللي تېپىش ئىھتىياجىم بار؛ شۇنىڭ ئۇچۇن ماڭا مانا مۇشۇ تەسەللىي پۇرسىتىنى بەرگەن"- 5-ئىيۇل"دىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ھەركەتتە رول ئالغان، يېتەكچىلىك قىلغان، ۋاستىلىلىك ياكى بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن بارلىق ۋەتەنداشلىرىمغا، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ھورمەت بىلدۇرىمەن ۋە يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن: سويۇملۇك ئۇيغۇرلار! قەدىرلىك ئۇرۇمچى!

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php…