«قۇرئان كەرىم» بىرلا ۋاقىتتا ئەقىلغا ۋە ھېسسىياتقا خىتاب قىلىدىغان كىتابتۇر 

مۇھەممەد يۈسۈپ

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئەقىل بىلەن ھېسسىياتقا خىتاب قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەقىلغا خىتاب قىلىپ ئۇنى قايىل قىلىدۇ ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇ خىتاب ھېسسىياتقا تەسىر قىلىپ، ئۇنى قوزغىتىدۇ، ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ ۋە ئىچكى ئېنېرگىيىنى ئويغىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ قايىللىق بىلەن ئويغىنىش مۇستەھكەم ئىمانغا ئايلىنىدۇ. قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدىن باشقا سۆزلەر ئىنساندا بۇنداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ.

دۇنيادا كىشىلەرنى ھەر قانداق بىر پىكىرگە ياكى ئېقىمغا چاقىرىدىغانلار ئۇلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىنى قايىل قىلىدۇ. ئەمما بۇ قايىللىق قەلبتە ئورۇنلىشىپ ئىمان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئىگە بولالمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى كونترولى ئاستىغا ئالالمىغانلىقىدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇنداق قىلالىشى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولغانلىقىدىن ئىدى.

دوكتور مۇھەممەد ئابدۇللا دىراز مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئىنساندا تەپەككۇر قۇۋۋىتى ۋە ۋىجدان قۇۋۋىتى دەپ ئىككى خىل قۇۋۋەت بار بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇ ئىككىسىگە بولغان ئېھتىياجى ئايرىم_ئايرىم ئېھتىياجلاردىندۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرى ھەقىقەتنى تونۇشقا ياردەم قىلىدۇ، يەنە تەسىرات ئاتا قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ تەپەككۇر بىلەن ۋىجداندىن ئىبارەت بۇ قۇۋۋەت ئىنسانغا خۇددى قۇشلارنى ئۇپۇقلارنى پەرۋاز قىلدۇرىدىغان ئىككى قاناتقا ئوخشاش خىزمەت قىلىدۇ. بىز ئۆلىمالارنىڭ، ئەدىبلەرنىڭ ۋە شائىرلارنىڭ سۆزلىرىنى بىلىمىز. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئاشۇرۇۋەتسە، يەنە بىر تەرىەپتىن كەمچىل قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ يازغانلىرى ۋىجدانىي تەرەپتە مۇكەممەل بولسا، پىكرىي تەرەپتىن يېتەرسىز قالىدۇ. پىكرىي تەرەپتىن مۇكەممەل بولسا، ۋىجدانىي تەرەپتىن ئاجىز كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مۇكەممەل بولالمايدۇ. سىز بىرەر ئەدىپنىڭ ئەسىرىنى ياكى بىرەر شائىرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ بىرەر ئىلمىي نەزەرىيىنى ياكى بىرەر ئىشنىڭ يولىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ئەقىلنى مەركەز قىلغان ئۇسلۇب ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەگەر ئۇنىڭ كىشىلەردىن بىرە ئىشتىن نەپرەتلەندۈرۈش ياكى سۆيدۈرۈش ئۈچۈن كۈشكۈرتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ۋىجداننى مەركەز قىلغان ئۇسلۇب ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەمما بىر ئۇسلۇب ۋە بىر يۆنۈلۈشتە كېتىپ بېرىپ ھەم ئەقلىي ھەم ۋىجدانىي ھەر ئىككى تەرەپنى ئوخشاشلا مەركەز قىلغان ۋە ھەر ئىككىسىگە ئوخشاشلا خىتاب قىلغان ئۇسلۇبنى «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا ھېچبىر ئەسەردە تاپالمايسىز».

«قۇرئان كەرىم» ئەنە شۇنداق بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئەقىلنى ھەم ۋىجداننى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغان كىتابتۇر. مىسال ئۈچۈن تۆۋەندە بىرلا ئايەتنى بىرگە ئوقۇپ چىقايلى:

ئاللاھ تائالا قىساس توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ئازاد ئادەم ئۈچۈن ئازاد ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن(قىساس ئېلىنىدۇ). قاتىل ئۈچۈن قېرىندىشى(يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى) تەرىپىدىن بىر نەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا، (كەچۈرۈم قىلغۇچى قاتىلدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى، (قاتىلنىڭمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە بېرىشى لازىم. بۇ (ھۆكۈم) رەببىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن (قاتىلغا) ھۇجۇم قىلغان ئادەمگە قاتتىق ئازاب بار﴾ .

ئايەتنى ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار!﴾ دېگەن خىتاب بىلەن باشلاش مۇسۇلمانلارنى ئىتائەتچانلىققا ئۈندەيدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۆزىنىڭ مۆمىنلەردىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ياكى ئېسىگە ئالغان ئادەم مۆمىنلەرگە لايىق ئىشلارنى قىلىشنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قانداقلا بىر ئەمر_پەرمانىنى جان پىدالىق بىلەن ئورۇنداش لازىملىقىنى ئەستىن چىقارمايدۇ.

ئايەتتىكى ﴿قېرىندىشى﴾ دېگەن سۆز مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بىر_بىرىنى ئۆلتۈرۈشكىچە ئېلىپ بارغان زىددىيەتلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلار دىنىي جەھەتتىن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالدۇرۇش ئارقىلىق كەچۈرۈمچانلىققا ۋە بىر_بىرىنى ئەپۇ قىلىشقا ئۈندەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يۇمشىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

ئايەتتىكى ﴿چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى﴾ دېگەن جۈملە بىلەن ﴿ياخشىلىقچە بېرىشى﴾ دېگەن جۈملىلەر ئۇدۇل ھېسسىياتقا خىتاب قىلغان جۈملىلەر بولۇپ، قىساس تەلەب قىلىنىدىغان مۇنداق قاتىللىق ۋەقەسىدە تەرەپلەرنى پەسكويىغا چۈشۈرۈش ۋە ئۇلارنى يۇمشاقلىققا ئۈندەش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئايەتنىڭ ﴿بۇ (ھۆكۈم) رەببىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر﴾ دېگەن قىسمى ئاللاھ تائالاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرچىنى خارىتىلىتىش بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنى قاتىلغا قارىتا رەھىم_شەپقەتلىك بولۇپ، ئىمكانقەدەر دىيەتنى يېنىكلىتىشكە تەشەببۇس قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالامۇ بەندىلىرىگە ھەر ئىشتا يېنىكلىتىش ۋە رەھمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىكەن، بەندىلەرمۇ بىر_بىرىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئايەتنىڭ ئاخىرى تەھدىت بىلەن ئاياقلاشقان. قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچكەنلەر ناۋادا سۆزىدىن يېنىۋېلىپ قاتىلنى ئۆلتۈرىۋەتسە ياكى قاتىل قىساستىن قۇتۇۋېلىپ ئۆزى ۋەدە قىلغان دىيەتنى بېرىشتىن باش تارتسا، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىدە ھەددىدىن ئاشقانلىق بولۇپ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ قاتتىق ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.
يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، بىرلا قىساس ئايىتىدە، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى ئويغىتىش، ئەقلىنى ئىشقا سېلىش، كۆڭلىنى يۇمشىتىش، سىلىقلىققا چاقىرىش، شەپقەت قىلىشقا ئۈندەش ۋە ئاخىرىدا تەھدىت قاتارلىق ئۇسلۇبلار بىلەن قىساس مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. بۇنداق ئېسىل ۋە تەسىرلىك باياننى ئىنسانلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن قايسىبىر ئەسەردىن تاپقىلى بولسۇن؟!

«قۇرئان كەرىم»نىڭ بىر ئاندا ئەقىل بىلەن ۋىجدان ھەر ئىككىسىگە خىتاب قىلغانلىقىنىڭ ئۆرنەكلىرى ئىنتايىن كۆپ. «قۇرئان كەرىم» ئەر_خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلىنى مەيلى ئۇنى ئوقۇغان كىشى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ھېچكىمنىڭ غۇرۇرىنى زىدىلىمەيدىغان ۋە ھەركىم راھەت ئوقۇيدىغان ئۇسۇل بىلەن بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى، سىلەر چوقۇم ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر﴾ .