ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بويىچە تۆت خىتاي ئەمەلدارنى جازالىدى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 9- ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۆت ئەمەلدارى ۋە شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تاراتقۇلارنىڭ قارىشىچە، 2016-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان «يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن ئىمبارگو يۈرگۈزۈش لايىھىسى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قويغانلىقىغا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشقا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنى» بويىچە ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. 

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى تەستىقلىغان ئەمەلدارلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرىتارى جۇ خەيلۈن

جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن

جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق سېكرىتارى خۇ ليۇجۈن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو يەنە چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۈن ۋە ۋاڭ مىڭشەنگەن ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. بۇ چەكلىمە ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەيدۇ. 

چېن چۈەنگو خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى. 

جۇ خەيلۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتار، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 

2020- يىلى 9- ئىيۇل