ئىران ۋە خىتاينىڭ 25 يىللىق سودا ۋە ھەربىي كېلىشىمى ئاشكارىلاندى

خىتاي ۋە ئىران ئارىسىدىكى 18 بەتلىك كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئاشكارىلاندى.

خىتاي بىلەن ئىران ئارىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ۋە پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان بىر كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئاشكارىلاندى. «نيۇيورك ۋاقت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كەلگۈسى 25 يىلدا ئىرانغا 400 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ. 

بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە ئىرانغا مىلياردلاپ مەبلەغ سېلىشىغا يول ئاچىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشىگە خىرىس پەيدا قىلغان دەپ قارالغان.

«نيۇيورك ۋاقت گېزىتى» ئېرىشكەن 18 بەتلىك كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، كېلىشىمدە خىتاينىڭ ئىراندا بانكا، تېلېگراف، پورت، تۆمۈر يول ۋە باشقا ئونلىغان ئوخشاش بولمىغان تۈرلەردە تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشىغا يول ئېچىلغان. بۇنىڭغا قارشىلىق سۈپىتىدە، خىتاي كەلگۈسى 25 يىلدا مۇقىم بىر شەكىلدە باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئىران نىفىتى سېتىۋالىدۇ.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىف يېقىندا پارلامنتقا ھۆكۈمەت بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى 25 يىللىق كېلىشىمنىڭ بۇ يىل 6- ئايدا رۇھانى كابىنىتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، كېلىشىم ماددىلىرى بېكىتىلگەندىن كېيىن پۈتكۈل دۆلەتكە ئىلان قىلىنىدىغانلىقىنى، كېىشىمدە «مەخپىي مەزمۇنلار»نىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان. 

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016- يىلى 1- ئايدا ئىراننى زىيارەت قىلغاندا، بۇ كېلىشىمگە ئالاقىدار تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

كېلىشىمدە ھەربىي ھەمكارلىقنى قانداق كۈچەيتىش تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلار ئورتاق مەشىق ۋە مانىۋېر، ئورتاق تەتقىقات ۋە قورال ئىشلەپچىقىرىش، ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئىگىلىنىشىچە، كېلىشىم لايىھەسىدە مىليونلىغان ئىرانلىقنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئايرودروم، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋە مېترو قاتارلىق 100 دەك قۇرۇلۇش تۈرى بار. خىتاينىڭ ئىراندىكى شاتتۇل ئەرەبنىڭ پارس قولتۇقىغا قويۇلۇش ئېغىزىدىكى ئاباداندا ۋە كەشم ئارىلىدا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشى پىلانلانغان. كېلىشىمدە يەنە، (5G) ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتېرنېت كونترولى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقلار بار.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدىكەن.