خىتاي ئامېرىكىنى بېيجىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى ۋە پومپېئونى «زىيارەتكە» تەكلىپ قىلدى

خىتاي مايك پومپېئونى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئونىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ئۇنى شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلدى. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 16- ئىيۇل پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا جەڭ ئىلان قىلىش ياكى ئورنىنى ئېلىش نىيىتى يوقلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن ھەمدە ئامېرىكىنى خىتايغا ئوبېيكتىپ قاراشقا ۋە بېيجىڭغا قاراتقان سىياسىتىدە ئەقلىيلىككە قايتىشقا چاقىرغان. 

 خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئامېرىكا خىتاي قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىسا، ئۇ ھالدا بۇ خىل پوزىتسىيە ئۆزلىكىدىن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.»

خۇا چۈنيىڭ يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئونى «خىتايغا كېلىشكە ۋە شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە» تەكلىپ قىلغان. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ئىزچىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى ئاشكارە تىلغا ئېلىپ، خىتاينى تەنقىد قىلىپ كىلىۋاتقان بىر سىياسىئون. ئۇ ئۆتكەن يىلى كۆپ قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىكى ناتسىست گىرمانىيىسىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئەسىرنىڭ يۈزىدىكى داغ» دەپ ئاتىغان ئىدى.

پومپېئو 14- ئىيۇل بايانات ئىلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا چېتىشلىق خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە خىتاي تېخنىكا ماگناتى خۇاۋېيمۇ بار بولۇپ، پومپېيو باياناتىدا خۇاۋېينىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكىنى، ئۆكتىچىلەرنى كۆزىتىش ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگىرلىرى قۇرۇشقا ياردەملەشكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.