بىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيمىز؟

بىر نامايىشچى خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى خورلىشىغا قارشى نامايىشتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەڭگى ۋە سىمۋوللىرى بىلەن بېزەلگەن ماسكا تاقىۋالغان بولۇپ، خىتاي بايرىقىغا سىمۋول قىلىنغان قول ئۇنىڭ ئېغىزىنى توسۇۋالغان.

ئاننا فوتىگا (Anna Fotyga)

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋە ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسى(ECR)نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئىلگىرى ئۇ پولشانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان.

يېڭى ياۋروپا گېزىتى، 2020- يىلى 16- ئىيۇل

بۇ ھەپتە، ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسى ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىغا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ» شوئارى بىلەن ماسكا تارقىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا كومىتېتىغا ئوچۇق خەت ئەۋەتتى. خېتىمىزدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى يېقىنقى بىر قانچە يىلدا رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردۇق.

بەزىلەر ئۆتكەن يىلى ئىلھام توختىغا ساخاروف مۇكاپاتىنى بەرگەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خاتىرىسىنى ئاقلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ ئەگەر بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنى قوغدايدىغان تەشكىلات سۈپىتىدە دۇنيا سەھنىسىدە ئەھمىيەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولساق.

مەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى شىنجاڭ ئۆلكىسىدە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مەسئۇل بولغان خىتاي كومپارتىيىسىدىكى شەخسلەرگە قاراتمىلىقى بولغان جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردىم.

شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تەخمىنەن ئىككى مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇلارنىڭ پەقەت «تەربىيلەش ئورۇنلىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقتىمۇ رەسىملەر ئۇلارنىڭ ئېگىز تۆمۈر سىملىق رىشاتكا ۋە قوراللىق قوغدىغۇچىلار بىلەن قورشالغان تۈرمىگە تېخىمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 

قاماق سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، شىنجاڭدا نورمال ھاياتتىن سۆز ئېچىش قىيىن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىشى چەكلەنگەن، دىنىي توي مۇراسىملىرى چەكلەنگەن، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، ئۆز يېمەكلىكلىرىنى يېيىش مەنئى قىلىنغان ۋە دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىغا ساياھەت قىلىش چەكلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار توختىماي نازارەت ئاستىدا، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلۈپ، باشقا كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى نازارەت قىلىنىدۇ. ئەڭ يامىنى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە كومپارتىيىنىڭ ساداقەتمەنلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر بار.

ئەڭ چاتاق بولغىنى، شىنجاڭنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش مەقسىتىدە مەجبۇرىي تۇغماسلىق پروگراممىسىنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدىكى يېقىنقى خەۋەرلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل قىلمىش ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بولۇپ، بىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانغا ئوخشاش شەخسىي ئەركىنلىككە قىلىنغان ھۇجۇم.

بۇ دەرىجىدىكى كونترول قىلىش سوۋېت ئىتتىپاقى ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلەيدىغان بىر ئىش، شۇنداقتىمۇ خىتاي كومپارتىيىسى قىلمىشى ئۈچۈن  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېتەرلىك جازاسىغا ئۇچرىمىدى. ئەكسىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دىققىتىنى بېيجىڭدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا قاراتقاندەك قىلىدۇ.

 h_54854682-1

بىر ئايال ئۇيغۇرلارنى قوللاش يىغىلىشىغا قاتناشتى. شىنجاڭدا تەخمىنەن بىر مىليون ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قايتا تەربىيىلەش لاگېرى» غا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى نامەلۇم. EPA-EFE // HOTLI SIMANJUNTAK

بىز بۇنى يېتەرلىك دەپ قارىمايمىز. مەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىنى ياۋروپا كومىتېتىغا ئىمزالىق ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەشكە ۋە ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتكە قارشى بۇ جىنايەتلەرگە مەسئۇل كىشىلەرگە قاراتمىلىقى بولغان جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردىم. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدا يولغا قويۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشىدا ئامېرىكىدىن ئۈلگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ قانۇن خىتايغا قارىتا ئەڭ قاتتىق جازالارنى يولغا قويىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋىستىرالىيە، تەيۋەن ۋە ئەنگىلىيەدىكى دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك. ئەگەر بىز ئولتۇرۇپ ھېچ ئىش قىلمىساق، بىز كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە ھەرگىز نەزەرگە ئېلىنمايمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تېخىمۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، تاشقى سىياسەتتە «مېنىڭ يولۇم» ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقتىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.

مەن ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشقا ئەزالىرى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ چاقىرىقىمىزغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، شۇنداق بولغاندا بىز شىنجاڭدا ئاۋازى يوقلار ئۈچۈن سۆزلىيەلەيمىز.

تۈركىستان ۋاقتى تەرجىمىسى

2020- يىلى 18- ئىيۇل