ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رائاب: ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېنىقلا دەپسەندە قىلىنماقتا

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب 19- ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى بىر سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتناشقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىقلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رائاب BBC نىڭ «ئاندرېۋ مار بىلەن سۆھبەت» پروگراممىسىدا مۇنداق دېدى: «ئېنىقكى، ئېغىر ۋە چېكىدىن ئاشقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى داۋاملاشماقتا، بۇ بىزنىڭ جەنۋەدە 27 ئىتتىپاقدېشىمىز بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزنىڭ سەۋەبى ... خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىش.»

خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ ئوخشاش پروگراممىدا كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ ۋە بەخت ئىچىدە ياشىيالايدىغانلىقىنى ۋە خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايدا باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

7-ئاينىڭ بېشىدا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان 49 شەخس ۋە ئورگانغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ كوللېكتىپ جازا يۈرگۈزمەستىن، مۇستەقىل ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى بولۇپ، ھېچ قانداق خىتاي ئورگىنى ياكى شەخس ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن.

لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى ۋە خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشى سەۋەبلىك، خەلقئارادا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش سادالىرى كۈچەيدى، نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى كەلگۈسىدىكى تىزىملىكتە خىتاي ئورگانلىرى ياكى شەخسلىرىنىڭ ئىسمىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

ئەنگىلىيە يېقىندا، ب د ت دا غەرب دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان 26 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ئىمزالىق مەكتۇپ ئىمزالاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.