دىنىي گېئوپولىتىكا (دېنىي جۇغراپىيەلىك سىياسەت) نۇقتىسىدىن ئايا سوفيا جامەسى

ئاپتورى: پىروفېسسور دوكتور ئۆزجان گۈنگۆر/ ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى

ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: سالاھىدىن كاشغەرىي / ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى  ئىسلامىي ئىلىملەر قاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى

 گېئوپولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت)؛ دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرى ئىچىدىكى ۋە خەلقئارا ساھەدىكى سىياسىي پوزىتسىيەلىرىنى جۇغراپىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ئاساسىدا چۈشىنىش ۋە شۇنداقلا كەلگۈسىنى مۆلچەرلەشنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان بىر پەندۈر. ئۇ جۇغراپىيەلىك ئورۇننى ئاساس قىلغان ھالدا، سىياسىي كۈچ ۋە كۈچ تەقسىماتىنى مەركىزى تېما قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، گېئوپولىتىكا؛ دىن ۋە سىياسەت ئاساسلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر قىلىشىدىن شەكىللەنگەن نەتىجىلەر توپلىمىدۇر. كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت قاتارلىقلار گېئوپولىتىكانىڭ ئابستراكت تەرىپىنى مەركەز قىلسا، جۇغراپىيە كونكرېت ئېلېمېنتلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

دىنىي گېئوپولىتىكا (دېنىي جۇغراپىيىلىك سىياسەت) ئۇقۇمىنى بولسا، «بىر دۆلەتنىڭ تۇرۇشلۇق رايونىدىكى ياكى دۇنيا مىقياسىدىكى دىنىي قۇرۇلمالارنى، ئىدىئولوگىيەلەرنى، شەكىللەندۈرۈلگەن تورلارنى ۋە گۇرۇپپىلارنى تەھلىل قىلىپ، ئۇلار ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت ئىشلەپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇلار ئارقىلىق كۈلتۈر، سىياسەت ۋە ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇشۇ ئارقىلىق شارائىت ھازىرلاشنىڭ لايىھەسى ۋە قۇرۇلۇشى» دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.

ئاياسوفىيانىڭ ھېكايىسى، ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ھەم خىرىستىيانلار غا نىسبەتەن «تاللانغان جاراھەت» نۇقتىسىدىن بىر دىنىي ھېكايە، ھەم تۈركلەرگە نىسبەتەن سىمۋولغا ئايلانغان تارىخى ئىستراتېگىيە ۋە ئۈمىدنىڭ سىمۋوللۇق مۇقەددەس بايلىقى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دىنىي گېئوپولىتىكالىق بىر ھادىسىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئايا سوفىياغا مۇناسىۋەتلىك ئېلىنغان قارار نە دىنىي، نە سىياسىي، نە ئىقتىسادىي، نە كۈلتۈر خاراكتېرلىق قارار ئەمەس. بەلكى «شۇلارنىڭ ھەممىسى» دېيىلسە، دەل جايىغا چۈشكەن بولىدۇ.

فەتىھنى مۇكەممەللەشتۈرگۈچى نۇقتا

دىنىي گېئوپولىتىكادا بىر جاي پەقەتلا جۇغراپىيەسى بىلەنلا مۇقەددەس بولماستىن؛ بۇ خىل جايلارغا ئاتاپ يېزىلغان ھېكايىلەر چوڭقۇر كۈلتۈر كىملىكىگە ئىگە بولغانلىقتىن ۋە خۇسۇسىي كۈلتۈر ئۈستىگە بىنا قىلىنغانلىقىدىن مۇقەددەسلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، زېمىن پەقەت جۇغراپىيەلىك بىر ئېنىقلىما ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن مىڭلىغان كىشى جان بەرگەن ۋە يەنە جان بېرىشىگە سەۋەب يارىتىدىغان بىر ۋاستە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىنمۇ زېمىننىڭ ئىنسانغا پۈۋلىگەن روھى، ئىنسان خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

ئىستانبۇل تارىخى بويىچە سودا، مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاد ساھەسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆز-ئارا زەرەتلىنىشتىن مەيدانغا كەلگەن شۇنداقلا بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىدىغان زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ گېئوپولىتىكىسىنى ئىپادىلەيدىغان بىر شەھەردۇر. تۈركلەرگە نىسبەتەن بۇ ئەھمىيەتنىڭ گۆش بىلەن تىرناقتەك بىر پۈتۈنلەشكەن سىمۋوللۇق ھالى ئاياسوفيادۇر. شۇڭا ئاياسوفيا جامى بولغاندىن كېيىن، فەتىھ مۇكەممەللەشكەن، فاتىھ سۇلتان مەھمەد فەتىھنى تاجلاندۇرغان، زېمىن مۈلۈككە ئايلىنىپ، ۋىزانتىيە پادىشاھىنىڭ بۇ مۈلكى فاتىھنىڭ قولىغا ئۆتكەن ۋە ۋىزانتىيە روھى تارىخقا كۆمۈلگەن ئىدى.

دەل مۇشۇ ۋەجىدىن نازىم ھېكمەت:
«ھەق ئىشقا ئاشۇردى. ئەڭ بۈيۈك نىيازىنى (تېلىكىنى)،
قىلدى ئايا سوفيادا جۈمە نامىزىنى!
شۇ كۈندىن تۈركلەرنىڭ مۈلكى ئىستانبۇل،
باشقىسىنىڭ بولغۇچە، گۇمران بولسۇن ئىستانبۇل!»

دېگەن بولسا، سەزائىي كاراكوچ «ئاياسوفيا سەۋەب ئەمەس، بىر نەتىجىدۇر. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن ئىدى.

شۇنىسى ئىنىقكى، ئىنسانلار تارىختىن بۇيان مۇقەددەس دەپ قارىغان بايلىقلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەن. شۇنىڭدەك، جۇغراپىيە ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەنىۋى يادىكارلىقلارنىڭ تېمىسى بولغان مۇقەددەسلىك بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئىددىيەسىدە ئەسىرلەرگىچە شەكىللەندۇرگەن سىمۋوللارنىڭ بىر پۈتۈنلىكىدۇر.

دىنىي گېئوپولىتىكانىڭ مۇئەييەن مۇقەددەس جايى بولغان ئاياسوفيا جامەسى مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەندە، دەل 481 يىللىق تارىخقا ئىگە جامە ئىدى. فاتىھ سۇلتان مەھمەد خان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق پادىشاھلارنىڭ، شەيخۇل ئىسلاملارنىڭ، ۋەزىرلەرنىڭ ۋە ئۇلۇغ قوماندانلارنىڭ ھەممىسى ئەشۇ جامىدە سەجدە قىلغان ئىدى. گەرچە بەزىلەرنىڭ ئۆتمۈشنى كەلگۈسىگە دەپنە قىلىش ھەۋەسلىرى بولسىمۇ، بۇنىڭ ىەلقنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارغا ئېلىنىش مۇمكىنچىلىقى يوق ئىدى. چۈنكى ئۆتمۈش؛ زامان ۋە ماكانغا شۇنداقلا ئاڭغا سىڭگەن ھېسسىيات ۋە كىملىك ​​سۈپىتىدە ئىنسان زىھنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ.

ئىگىلىك ھوقۇقىغا تولۇق ئىگە بولۇشنىڭ جاكارسى

بەزى كىشىلەرنىڭ مىللىتىمىزنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەت قارىشىغا پىسەنت قىلماستىن، شەكىللەندۈرۈلمەكچى بولۇۋاتقان سۈنئىي تارىخ چۈشەنچىسىگە قارشى دۆلەت كېڭىشىنىڭ بۇ قارارى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قەتئىيلىكى، ئاكتىيور ۋە ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بىر دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىنى تۈرك مىللىتى نامىدىن پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغانلىقتۇر. بۇ قانداقتۇر فەتىھ ئەمەس ۋە كامالىزىم بىلەن ھېسابلىشىشمۇ ئەمەس. بۇ پەقەت مەنىۋى بىر مەنسۇپلۇق، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈنىمىز ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان شانلىق بىردەكلىك، كىملىك سۈپىتىدە بىر مەنىۋىي بايلىق، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش تۇيغۇسى، ھېسسىيات جەھەتتىن خەلق بىلەن بىر پۈتۈنلىشىش ۋە ئۆزلىك ئېڭىنىڭ جۇغلانمىسى سۈپىتىدە دۇنياغا ئېلان قىلىنغان جاكاردۇر.

بۇ قارار ھەرگىزمۇ سىياسىي ياكى دىنىي ئېھتىياج سەۋەبىدىن ئېلىنغان قارار ئەمەس. دىنىي گېئوپولىتىكا نۇقتىسىدىن ئاياسوفيا دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق تارىخى رىقابەتلەرگە تېما بولغان بىر قۇرۇلۇشتۇر. ئۇ پەقەتلا ئىبادەتخانا ۋە قۇرۇلۇش بولۇپلا قالماستىن، سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى، ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ئىپادىسى، تارىخ بىلەن بىر پۈتۈنلىشىش، پىشىپ يېتىلگەن ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ جاكارچىسى ۋە تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئىرادىنىڭ ئىپادىسى... قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگىدۇر. تۈرك خەلقى چوڭقۇر ئۆزلۈك ئېڭى بىلەن باشتىن-ئاخىر ئۆز تارىخىغا، دىنىغا، ئەنئەنىسى ۋە مىللەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە ماس كەلمەيدىغان ئىجرائاتلارغا قارشى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشنى بىلىدىغان مىللەتتۇر. ئاياسوفىيا مىللەت ۋە دۆلەت ئوتتۇرىسىغا سوقۇلماقچى بولغان تام – توساقلار بىلەن تارىخى ئۆزلۈكىنى غەرق قىلىش ئۇرىنىشىنڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇلار تازىلىنىپ، مىللەت – دۆلەت بىر پۈتۈنلۈكى تەبىئىي چوڭقۇرلىقىغا سازاۋەر بولماقتا ۋە تولۇپ تاشقان جوشقۇن كەيپىيات كەلكۈنىگە ئايلانماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە پۈتۈن دۇنيا ھەم تۈركلەرنىڭ تارىخىي كىملىكىگە قايتىشىغا شاھىت بولماقتا، ھەم خەلق، مىللىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يېنىكلىمەكتە.

«تاللانغان غەلىبە» سۈپىتىدە ئايا سوفيا

بىر خەلىققە نىسبەتەن، ئورتاق تارىخ، مەدەنىيەت، سىمۋول، كۆز قاراش ۋە ئەنئەنىلەرنى چۆرىدەپ ئۇيۇشالايدىغان بولۇش شۇ خەلقنى كۈچلۈك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ھىسابلىنىدۇ. دىنىي گىئوپولىتىكالىق نۇقتىسىدىن خەلق ئىگە بولغان دىنى ۋە مىللىي كىملىك سىمۋوللىرى شۇ خەلقتە ئىتتىپاقلىق ۋە ئىزچىللىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئوخشىمىغان خەلق ۋە مەدەنىيەتلەتلەردە ئوخشىمىغان مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلەر بولۇشى مۇقەررەر، بىراق تۈركىيە جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئاياسوفيا «ئورتاق كىملىك»، «تاللانغان غەلىبە»، «ئىگىلىك ھوقۇقى»، «ئەجدادلارغا ھۆرمەت»، «تارىخ بىلەن بىر پۈتۈنلىشىش»، «دۆلەتنىڭ خەلقى بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتنى ئورتاقلىشىشى» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالىي قىممەت قاراشلارنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ تۇيغۇلارمۇ ھەربىر شەخستە ئوخشاش ئىپادىلەنمەيدۇ ئەلۋەتتە. بۇ دەۋردە بۇنىڭدىنمۇ نورمال نەرسە بولمىسا كېرەك. لېكىن كىملىك ​​ۋە تۈركىيەدىكى ئاياسوفيانىڭ جامى بولىشىغا دائىر ئومۇملاشقان ئارزۇ بېسىمىنىڭ رەسمىيلىشىشى ۋە ھاكىم ئورۇنغا ئۆتۈشىمۇ مۇقەررەرلەشكەن ئاخىرقى باسقۇچ ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەتتۇر.

ئايا سوفيا جامەسىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى، تۈرك تارىخىنىڭ بىر كىملىك ئىزدىنىشى ئەمەس، بەلكى بار بولغان تارىخ ئېڭىنى ۋە خاتىرىسىنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىپ ئالدىغا ئىلگىرىلەش دېگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا تۈركىيە دىنى گىئوپولىتىكاسىنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش ۋە ئوبرازلىق بىر سىياسەت ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئاچقۇچى بىر سىياسەت تىلى يارىتىش ئۈچۈن ئاياسوفيانى جامە سۈپىتىدە قايتىدىن ئاچتى. چۈنكى دىنىي ئەركىنلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا. تۈركىيەدە ياشايدىغان 180 مىڭ 854 خىرىستىيان ۋە تەخمىنەن 20 مىڭ يەھۇدىينىڭ 435 چېركاۋى ، ئىبادەتخانا ۋە سىناگوگلىرى مەۋجۇت بولۇپ، تۈركىيەدە ھەر 461 غەيرى مۇسۇلمانغا 1 ئىبادەتخان توغرا كەلسە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكادا تەخمىنەن ھەر 2000 مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدۇ. بۇ قارار ئوخشىمىغان دىنىي سالاھىيەتكە ئىگە شەخسلەرنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقى بىلەن قەتئىي مۇناسىۋەتلىك بولمىغىنىغا ئوخشاش، بۇنىڭ مەقسىتىمۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ھوقۇقى ۋە تارىخى مەسئۇلىيىتىنى مۇسۇلمانلارغا قايتىدىن ئەسلىتىش ۋە دۇنياغا سىگنال بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ سىگنال؛ ھەر تۈرلۈك ئەركىنلىك ۋە ئىگىلىك ھەق- ھوقۇقىنى كەمسىتىدىغان، ھەم مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى بەزى قورچاق رەھبەرلەرگە، ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، غۇرۇرى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئىرادىسىگە سەل قارايدىغان دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى رەھبەرلىرىگىمۇ بېرىلگەن سىگنالدۇر.

بۇ قارار دۆلەتتە پەقەتلا دىندار ۋە مىللەتچى ئەۋلادلارنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ياشلارنى ۋەقەنىڭ ئاددى ئەمەسلىكى تەرپكە جۈملىدىن ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇشنى ئاساس قىلغان ھېسسىيات دۇنياسىغا جەلپ قىلدى. بۇ ھەممىلا دۆلەت ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئارزۇ قىلىدىغان مەنىۋىي بايلىق ئاساسىدا كىشىلىك يارىتىش ئۈچۈن​​ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىلدۇر. دۆلەتنىڭ كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئېڭى ئاياسوفيانى «تاللانغان غەلىبە» دەپ كودلىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

بىر پوچتا خادىمى دوستۇمغا: «بىنالارغا قانداق كىرىپ-چىقىسەن؟» دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ ماڭا؟ «بۇ تەس ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇن ئائىلە قورو بىنالىرىنىڭ مەخپىي نومۇرى 1453» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى.
مانا بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئەسلىمىلىمىزدىكى چوڭقۇر قاتلاملىرىغا «تاللانغان غەلىبە» دەپ كودلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. نەجىپ فازىلدىن نازىم ھىكمەتكىچە، پەيامى سافادىن سازايى قاراكوچقىچە ، ئوسمان يۈكسەل سەردەنكەچتىدىن نۇرىتتىن توپچۇغىچە، بۇ مىللەتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى ئاياسوفىيانى ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ سىمۋوللۇق جامەسى دەپ قارىغانلىقىنى ۋە ئىلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلارنىڭ بىردەكلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ئوچۇق قوللىشى ياكى سۈكۈت قىلىشى كىشىلەرنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىغا ماس ھالدا داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى.

پىشىپ يېتىلگەن شارائىت

دەرۋەقە، ئاياسوفيانى مۇزېيغا ئايلاندۇرغان ئىرادە بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇستافا كامالنىڭ ئارزۇسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىشقا بولىىدۇ. چۈنكى ئۇ مۇزېي قارارىدىن ئىككى يىل كېيىن، 1936-يىلى 19-سىنتەبىردە يەر -مۈلۈكنى رۇيخەتكە ئېلىش ئورگىنىنىڭ « ئاياسوفيا كەبىر جامەئى شەرىف» (ئاياسوفيا بۈيۈك جامە شەرىفى) دەپ رۇيخەتكە ئىلىشىغا يول قويغان ئىدى.

ئۇ دەۋرنىڭ سىياسىي شارائىتىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، بۇنىڭ يالغۇز كىشىلىك قارار ئەمەسلىكى مۇقەررەر. ھەممىگە ئايانكى، تۈركلەرنىڭ بۇ جۇغراپىيەدە كۈچسىز دەپ قارالغانلىقى ۋە نيۇ-يورك، پارىژ، رىم، موسكۋا، ئافىنا ۋە لوندون ھۆكۈمەتلىرىرى تەرەپىدىن ئاياسوفىيا ئۈچۈن ھەر دائىم ئالاھىدە بېسىم ۋە دۇئالارنىڭ قىلىنغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. مەزكۈر قارار بىر دۆلەت ئەقلى ۋە شۇ دەۋر ئۈچۈن كىرەكلىك بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلىش چارىسى بولىشىمۇ مۇمكىن. كەلگۈسىدە شارائىت ئۆزگىرىپ، كۈچ تەڭپۇڭلۇقى بىزگە پايدىلىق ھالغا كەلگەندە، بۇ قارارنى يېڭىلاش ئۈچۈن چىقىش يولى قويۇپ قويۇلغان. لېكىن كوللىكتىپ ئاڭدا ئاياسوفيانىڭ جامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەنلىكى بىر ھەقىقەتتۇر.

ئەمدىكى چاغدا بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى ياكى يامان غەرىزىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، جەمئىيەتتىكى بارلىق سىياسىي چۈشەنچىدىكىلەرنىڭ بۇ قارارنى قوللىشى ئەسلىدىكى يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. باشتا دېيىلگەندەك، دىنىي گېئوپولىتىكىلىق سىياسەت ئۆزىنى ئەسلىمە، سىمۋول، ھېكايە، ئازاب ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن خەلىقكە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ ۋە تارىخى، كىملىكى، كىشىلىك خاراكتېرى ۋە دۇنياغا بېرىلىغان سىگنالىنىڭ جىمجىت ئىپادىسى بولىدۇ.

ئاخىرىدا سۆز ئۇستاز نۇرىتتىن توپچۇنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ ئۆتەي؛ ئۇ جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى خىل فەتىھ بارلىقىنى ئۇتتۇرغا قويىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، فەتىھ ماددى فەتىھتىن رۇھىي فەتھكە ئۆرلىگەن چاغدىلا ئاندىن ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ فاتىھ سۇلتان مەھمەد مانا مۇشۇنداق رۇھىي فەتىھنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ تالانت ئىگىسىدۇر.

«چۈنكى ئاسمىنىدا پەقەتلا تۈرك بايرىقى لەپىلدىسۇن دەپ ئەمەس، ھاۋاسىدا ئۇلۇغ روھلار يىتىشىپ چىقسۇن دەپ فەتىھ قىلىنغان شەھەردۇر ئىستانبۇل. ئەمدىلىكتە رۇھقا، ئۆزىلىكىگە، كىملىكىگە ۋە قىممەت قارىشىغا كۆچۈش پۇرسىتىنىڭ بۇ ماددى ھەرىكىتى، يەنى مەنىۋىيەت، ئەركىنلىك، كىشىلىك ئوبراز، ئىلىم-پەن ۋە ئىنسانىيەتكە يىڭىچە دۇنيا تەمىنلەشنى نىشان قىلغان ئۇزۇن بىر سەپەردۇر. چۈنكى ھېچكىمنىڭ بۇ قاراردىن «ئازابلىنىشغا»، «ئۈمىدسىزلىنىشىگە»، «ئەركىنلىكتىن ئەنسىرەشىگە» ھاجەت يوق. 500 يىلدىن بۇيان، بۇ مۇقەددەس مابەت، جامە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ساقلاپ قالغىنىدەك، باشقا دىندىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئۇنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇپ كەلدى. ئەمما بىرلا شەرت بىلەن، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن ئىگىلىك ھوقوقىنىڭ ھەر ۋاقىت مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ قولىدا بولىشى كىرەكلىكىدۇر.