ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىي ياردەم قىلالايدىغان بەش ئىش

لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش، 2020- يىلى 5- يانۋار.

ئامېرىكىدىكى «ۋوكس خەۋەرلىرى» تورىدا 28- ئىيۇل «ئامېرىكا خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلالايدىغان بەش ئەمەلىي قەدەم» ماۋزۇلۇق ماقالە ئىلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكىدا ھەر ئىككى پارتىيەدىن بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق سادالىرى كۈچەيگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قوللىنالايدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يىللاردىن بۇيان، خىتاي غەربىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى سىستېمىلىق باستۇرۇپ كەلدى - رايوندا مىليونلىغان ئۇيغۇر “قايتا تەربىيلەش» لاگىرلىرىغا قامالغان، ئۇلار تەن جازاسى، جىنسىي پاراكەندىچىلىك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، ئائىلىسى پارچىلىنىش ۋە مېڭە يۇيۇش قاتارلىق ۋەھشىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.»

ماقالىدە، لاگىرلاردىن ئامان قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق نازارىتى ۋە چەكلىمىلىرى ئاستىدا ياشايدىغانلىقى، بۇ زۇلۇملارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھىشيلىكلىرىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ كۆپيىشى بىلەن، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى كۈچلۈك تەنقىد قىلىشقا باشلىغان ۋە سىياسىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ رەئىسى ئامى بېرا: «شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقىنى بىر ئىنسانىيەت تراگېدىيەسىدۇر. بىز بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز» دېگەن.

ماقالىدە  ۋاشىنگتوننىڭ بەزى قەدەملەرنى باسقانلىقىنى، بۇلاردىن ئەڭ مۇھىمىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۆتكەن ئايدا پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىمزاسى رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئىكەنلىكى، بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانىلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈدىغانلىقى ھەمدە پرېزىدېنتتىن «بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ تىزىملىكىنى دۆلەت مەجلىسىگە ئەۋەتىشنى» تەلەپ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ قانۇن كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو قاتارلىق تۆت خىتاي ئەمەلدارغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ، ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكلىرى توڭلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قىسمەن خادىملىرىغىمۇ ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

لېكىن، ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېمېس مىلۋارد قاتارلىق مۇتەخەسىس ۋە ئەمەلدارلار ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى يېتەرلىك دەپ قارىمايدىكەن.

ماقالىنىڭ ئاپتورى ئالېكس ۋورد توققۇز نەپەر تەتقىقاتچى، سابىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە قانۇن چىقارغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى سورىغان.

ئاپتور يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بەش تۈرلۈك تەكلىپنى خۇلاسىلەپ چىققان.

1) خەلقئارالىق ئىتتىپاق قۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش

2) خىتاي زۇلۇمدىن قول يىغقانغا قەدەر ئىقتىسادىي بەدەل تۆلىتىش

بۇلار:

ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى توختىتىش

خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان ھەر قانداق ياردەمنى توختىتىش

ئىمبارگولارنى داۋاملاشتۇرۇش

2022- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى «ئاچقۇچلۇق بېسىم ۋاستىسى» قىلىپ ئىشلىتىش

3) ئامېرىكا توپلىغان ئىستىخبارات بىلەن خىتاينى «شەرمەندە قىلىش»

4) ب د ت غا خىتايغا قارشى تۇرۇش

5) ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپىلارنى مۇمكىنقەدەر ھەممە يەردە بىۋاستە قوللاش

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئامېرىكىدا يېڭى ھاياتىنى باشلىشىغا ياردەم بېرىش ياخشى بىر باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ.

https://www.vox.com/2020/7/28/21337081/china-uighurs-muslims-trump-forced-labor-help