ئىرېلاندىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىشتە ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بار

دۆلەت چوقۇم سۆزدىن ھالقىپ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ خىتايغا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك

دوكتور داۋىد ئوبرىئېن

ئىرېلاندىيە ۋاقىت گېزىتى، 2020-يىل 3-ئاۋغۇست

يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شەرقىي تۈركىستان-ت)دا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دېگەن قاراشلارغا قاتتىق زەربە بەردى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق دەھشەتلىك جازا لاگىرلىرى سىستېمىسىدا ھايات قالغانلارنى تۆھمەت قىلدى، ھاقارەتلىدى ۋە كەمسىتتى.

خىتاي بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ «خاتا ئىدىيە»دە بولغانلىقى ئۈچۈن سوتلانماستىن جازا لاگىرلىرىغا تاشلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى يالغانغا چىقاردى. ئۇلار ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ لاگېرلارنىڭ كىشىلەرنىڭ خىزمەت تېپىشى، قانۇننى چۈشىنىشى، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشى ۋە «تېخىمۇ ياخشى» پۇقرالارغا ئايلىنىشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ پەقەت كىشىلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش، بەك ئۇزۇن ساقال قويۇش ياكى WhatsApp ئىشلىتىش قاتارلىق «ناچار ئىدىيە»دىن تازىلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خې شياڭدوڭ يېقىندا RTÉ رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، چاچلىرى چۈشۈرۈلگەن، كۆزى باغلانغان نۇرغۇن مەھبۇسنىڭ شىنجاڭدا پويىزغا ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىگە «بىمەنە توقۇلما» دەپ قالپاق كىيدۈردى.

شۇنداقتىمۇ دەپسەندە قىلىنىش، ئائىلىسى پارچىلىنىش ۋە يېقىنلىرىنىڭ غايىب بولۇش ھېكايىلىرى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا.ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى تەسىرگە ئۇچرىماي قالمىغان. مەن شىنجاڭدا نەچچە يىل تۇرۇش شەرىپىگە نائىل بولغان ئىدىم، ئۇ يەردە ياشايدىغان نۇرغۇن ئېسىل دوستلارنى ساناپ باقتىم. مەن ھازىر بۇ دوستلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى بىلەن پەرىشان بولۇۋاتىمەن.

 image (3)

خوتەندىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرى: خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى. سۈرەت: گىللېس سابرى / نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىلان قىلىنغان دوكلاتلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قانداق قىلىپ تۇغماسلىق ئوپراتسىيەسى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى خاتىرىلەنگەن ۋە ئايرىم تەتقىقاتتا 80 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ قانداق قىلىپ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەنلىكى بايان قىلىنغان، بۇ زاۋتۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئىرېلاندىيە پارچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ تەكچىسىگە تىزىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. 

ئىشەنچلىك vs يالغان

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى «شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىنغان مۇئامىلىلەر توغرىسىدىكى ئىشەنچلىك دوكلاتلارغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى» ۋە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا شېرىكلىرى بىلەن بىرگە بۇ ئەندىشىلەرنى خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى» ئېيتتى. 

ھالبۇكى، ھۆكۈمىتىمىز بۇ دوكلاتلارنى ئىشەنچلىك دەپ قارىسا، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەن بولىدۇ. 

 image (2)

خوتەن شەھەر سودا بازىرىدىكى بىر بىر تاماقخانىدا ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئەرلىرى. ماتېرىيال رەسىم: ئېلىزابېت دالزىئېل / AP سۈرىتى

بۇ رايوننىڭ داڭلىق تارىخچىسى جامېس مىلۋارد يېقىندا مۇنداق دەپ يازدى: ئېھتىياجلىق بولغىنى خىتايغا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسى ئەمەس، بەلكى نىشانلىق ھەل قىلىش چارىسى. ئىرېلاندىيەنىڭ بۈگۈن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردا ئېھتىياتسىزلىقتىن قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشىنىش بىزنىڭ نىشانلىق ئىنكاسىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەك.

ئىرېلاندىيە پات يېقىندا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە خىتاي بىلەن بىللە ئولتۇرىدۇ، بىزنىڭ ئاۋازىمىز مەلۇم ۋاقىتتا خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئورۇن بىزگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا چوڭ مەسئۇلىيەتنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.

 image (1)

ئاقتو ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر قامالغان قايتا تەربىيىلەش لاگېرى دەپ قارالغان ئەسلىھە. ماتېرىيال رەسىم: Greg Baker / AFP / Getty

ئىرېلاندىيە سايلانغاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، ب د ت ئەزالىرى «ئىرېلاندىيەگە ئىشىنىپ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بىر ئورۇنغا ئېرىشىش شەرىپى ئاتا قىلدى. بۇندىن كېيىنكى تىنچلىق، توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ۋە ھەممەيلەننىڭ بىخەتەرلىكى نىشانلىرى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى. 

نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولۇش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش توغرىسىدا يېزىلغان بايانلار يېتەرلىك ئەمەس. ئەگەر بۇ نىشانلارنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج كىشىلەر توپى بار بولسا، ئۇ ئۇيغۇر خەلقى.

تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 90 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار. ئۇ بىر پۈتۈنلۈك ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىگە ئوخشاش نۇقتىدىن قارىمايدىغان شەخسلەردىن تەركىب تاپقان. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ توردا ئىلان قىلىنغان «خىتاي ھۆججەتلىرى» قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلارغا ئاشكارىلانغان سەزگۈر ماتېرىياللار پارتىيىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ شىنجاڭدا قىلىنىۋاتقان ئىشلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

 image

خىتاي يىغىۋېلىش لاگىرى قۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈرۈلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئىلگىرى بۇ ئارالدا بۇنى ئاڭلاپ باقمىدۇقمۇ؟ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئۆزىمىزنىڭ توقۇنۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەن 4000 غا يېقىن كىشىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىز بۇ سۆزنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق دەۋرى بىلەن ئىككى تەرەپتىكى ئاشقۇنلارنىڭ قولىدا رول ئوينىغانلىقىنى بىلىمىز.

ئىرېلاندىيەنىڭ تەسىر كۈچى ۋە تەجرىبىسىنى ئىشلىتىپ، بۇ دەھشەتلىك زىيانكەشلىك ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بار. نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولۇش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش توغرىسىدىكى قولدا يېزىلغان بايانلار يېتەرلىك ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ شىنجاڭدا قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ئىسپاتى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ يەردە مۈجمەللىك بولمايدۇ - خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى بىزنى ئەخلاق مەجبۇرىيىتىمىزدىن ۋاز كېچىشكە يېتەكلىيەلمەيدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساق، كەلگۈسى ئەۋلادلار بىزنى كەچۈرمەيدۇ.

دوكتور داۋىد ئوبرىئېن (Dr David O’Brien) گېرمانىيە بوچۇم رۇر ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ شىنجاڭدىكى مىللىي كىملىكنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە يازىدۇ.