بەش مىنۇتلۇق خەۋەرگە باغلانغان بەش ئادەمنىڭ جېنى

ئەردەم

2020-08-05

مەردان غاپپارنىڭ خەۋەرلىرى ب ب س دا ئىلان قىلىنىشى بىلەن بىللە پۈتكۈل مىدىيانى دىگۈدەك ئۇنىڭ رەسىمى قاپلىدى. شۇ قاتاردا بەزى سۇئاللار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنداق بولىشىمۇ تەبىئىي، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىنگىلىزچە ئۇقۇپ كەتمەيدۇ، ئۇقۇدىغانلىرىمۇ ئۇ ئۇزۇن خەۋەرنى تولۇق ئوقۇپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭدەك، ب ب س ئىلان قىلغان خەۋەردىمۇ تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىلان قىلىنمىغان، بىر قىسمى گۇۋاھچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يېپىق قالدۇرۇلغان. خەۋەر ۋە يازمىلارغا چۈشكەن بەزى سۇئاللار مېنىڭ ۋە ئابلىكىم غاپپارنىڭ سۇنۇق كۆڭلىنى غەش قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ يازمىنى يىزىشنى توغرا كۆردۈم.

تۆۋەندە مەن بۇ خەۋەرگە باشتىن- ئاياغ بىۋاستە ئارىلاشقان، 1- قول ماتىرىياللارنى ساقلاپ، رەتلەپ، تەرجىمە قىلىپ، ب ب س مۇخبىرىغا يەتكۈزگەن، ئابلىكىم غاپپار بىلەن ب ب س ئوتتۇرىسىدا تەرجىمانلىق قىلغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئازراق ئوچۇقلىما بەرگۈم بىرەي.

مەردان غاپپار كۇچاردا تۇغۇلۇپ، ئۈرۈمچىدە چوڭ بولۇپ، گۇاڭجۇدا مودىللىق قىلىۋاتقان شاش يىگىت بولۇپ، يۈز مىڭلىغان مەستانىلىرى بار چولپان. ئۇ 2018- يىلى تۇنجى قىتىم سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئارقىدىن بىر يىرىم يىللىق كىسىلگەن. 2019- يىلى 11- ئايغا يىقىن تۈرمىدىن چىقىپ، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى يەنە قايتىدىن كۇچاردىن ساقچىلار كېلىپ تۇتۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئۇكىسى 17 ياشلىق دىليار چەتئەل توربەتلىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن 2019- يىلى 10- ئايدا تۇتۇلۇپ، بىر يىللىق كىسىلگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بوۋىسى «غاپپار» نىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىدۇ.

مەردان غاپپار 1-ئاينىڭ 15- كۈنى تۇتۇلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ خىتاي دوستى ئۇنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلغان، ئىز-دىرىكىنى قىلىش جەريانىدا مەخپى ۋىدىيوغا ئالغان. مەردان غاپپار تۇتۇپ كىتىلگەن مەزگىل دەل خىتايدا ۋىرۇس تارقاۋاتقان مەزگىل بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭغا مەرداننىڭ يۇقۇملىنىپ، ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئىيىتقان. ئەمەلىيەتتە مەردان بۇ مەزگىلدە يەنىلا تۈرمىدە ياكى لاگىردا بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم. ئۇ يازغان ئۇچۇردا 18 كۈن ساقچىخانىدا تۇرغانلىقىنى، ئاندىن بەدەن تىمپىراتۇراسى ئۆرلەپ قالغانلىقى ئۈچۈن بىر يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەركىزىدە ئايرىم سولاپ قويۇلغانلىقىنى يازغان. ئۇ 2-ئاينىڭ 29- كۈنى كىيىم ئالماشتۇرۇش باھانىسى بىلەن كىيىم ئارىسىغا تىقىۋالغان تىلىفۇنىنى ئىشلىتىپ، ئۇچۇر يوللىغان. مەرداننىڭ تاغىسى ئابلىكىم مەردانغا سىڭلىسى ئارقىلىق لاگىرنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بىرىشنى ئىيىتقاندىن كىيىن مەردان لاگىر ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىيتىپ بەرگەن، ئۆزىنىڭ قولىغا كويزا سىلىنغان ھالەتتە ۋىدىيوغا ئىلىپ ئەۋەتىپ بەرگەن. شۇڭا ۋىدىيودىكى مەنزىرە لاگىرنىڭ ئېچى ئەمەس، بىراق ۋىچەت ئۇچۇرلىرىدىكى تەسۋىرلەنگەن ئەھۋاللار لاگىر ياكى تۈرمىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى. مەردان ئۇچۇردا ئۇ جەھەننەم كەبى مۇدھىش جايدىن كىسەل سەۋەبى بىلەن بىر ئاز ئەركىنرەك مۇھىتقا چىققانلىقىنى يازىدۇ. ( بۇ ھەقتە ب ب س خەۋىرىدە ئوچۇق ئۇچۇر ۋە ئ‍ېنىقلىما بار، مەنمۇ ب ب س مۇخبىرلىرىغا ئۇ يەرنىڭ تەخمىن قىلىنغان كوردىنات ئورنىدىن تارتىپ ئەۋەتىپ بەرگەن ).

20200805_145945

ئابلىكىم ئۆز ئوغلىدەك چوڭ قىلغان مەرداننىڭ بۇ ئەھۋالىغا چىدىماي، 3- ئايدا ئ‍ۇ ۋىدىيولارنى فەيسبۇكتا يوللاپ گۇۋاھلىق بەرگەن. ئابلىكىم غاپپار مەرداننىڭ ۋىدىيو، ئۇچۇرلىرىنى فەيىسبۇكتا ئىلان قىلغاندىن كىيىن، بىر نەچچەيلەن ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلىپ، رەسىملەردە ۋە گۇۋاھلىقتا ئازراق مەسىلە بارلىقىنى ئىيتىپ فەيىسبۇكتىن ئۆچۈرىۋىتىشنى ئىيىتقان، ئابلىكىم غاپپار ئۆچۈرىۋەتكەن. ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىمىز تىزدىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلىمەكچى بولدۇق. مەن ئابلىكىم غاپپارغا تىلىفۇن قىلىپ پاراڭلاشقاندىن كىيىن، ئابلىكىم غاپپاردا نۇرغۇنلىغان ئاشكارىلانمىغان 1- قول قىممەتلىك ئۇچۇرلار بارلىقىنى، بىراق ئابلىكىم غاپپار خىتايچىنى بىلىپ كەتمىگەچ چۈشەنمىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ماتىرياللارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئابلىكىم غاپپارنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلدىم. ئابلىكىم غاپپار ئۆيۈمگە كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ قولىدا 1- ئايدىن باشلاپ ساقلانغان ئاۋازلىق، ۋىدىيولۇق نۇرغۇن قىممەتلىك ماتىرىياللار بارلىقىنى بايقىدىم. ئۇ ماتىرىياللار ئابلىكىم غاپپارغا 1- ئايدىلا مەرداننىڭ بىر خىتاي دوستى تەرىپىدىن يوللانغان بولۇپ، ناھايىتى جەسۇرلۇق، ئۇستۇلۇق بىلەن مەخپى ھالدا ساقچىلار بىلەن بولۇنغان سۇئال- جاۋابلار، ساقچىلارنىڭ قوپال جاۋابلىرى، تۈركۈپ ھەيدەشلىرىدىن تارتىپ ئېنىق ئىلىنغان ئىدى، يەنە كىلىپ ۋاقىت، ئورۇن شۇنداق ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلىي ئايرىلغان ئىدى. ئابلىكىم غاپپار بۇ ئۇچۇرلارنى خىتاي يوللاپ بەرگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمەي، ئۇنىڭ نەرسىلىرىنىمۇ مۇھىم كۆرمەي تاشلاپ قويغان ئىكەن. مەن دەرھال بۇ ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسىنى بىر نۇسخا كۆچۈرۈپ ساقلىۋالدىم. ئابلىكىم غاپپارنى قىسقا زىيارەت قىلغاندىن كىيىن بىر پارچە ئۇيغۇرچە خەۋەر ئىشلەپ ئىلان قىلدىم، ئىنگىلىزچىىسىنى ئاگىنتلىقتىن فاتىمە سەيياھ تەييارلىدى. بىراق بۇ خەۋەرنىڭ قىممىتى ئۇيغۇرچە خەۋەرلەر بىلەنلا توختاپ قالسا بولمايتتى، چۈنكى قاماقخانىنىڭ ئۆزىدىن بىۋاستە ئۇچۇر يىزىپ، قولىدا كىشەن بار ھالدا ۋىدىيو يوللاش، خىتاي دوستىنىڭ جىنىنى ئالقانغا ئىلىپ ئۇنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلىش جەريانىدا مەخپى تارتقان ۋىدىيولىرى، قاماقخانىدا مەردان كۆرگەن 12«- ياشتىن يۇقىرىلار ئۆزىنى پاش قىلىشى كىرەك» دىگەن خەت بار ھۆججەتلەرنىڭ قولغا چۈشۈشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى. بۇ خەۋەرنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلاتتى.

مەن ئابلىكىم غاپپارنى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كىيىن، بۇ خەۋەرنى ب ب س مۇخبىرلىرىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئابدۇۋەلى ئايۇب ئەپەندىگە تىلىفۇن قىلدىم. چۈنكى ئۇ ب ب س دىن قەشقەرگە بىرىپ خەۋەر ئىشلىگەن، تۈركىيەدە خەۋەر ئىشلىگەن كاتتا مۇخبىرنى تونۇيتتى. مەن قولۇمدا بار ماتىرىيال ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم، ئۇمۇ خەۋەرنىڭ قىممىتىنى بىلگەچ، ئاۋال ئ‍ۇيغۇرچە خەۋەرنى ئۆچۈرۈشنى ئىيتىپ، بىر نەچچە داڭدار ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۇچۇر قىلدى. ئەتىسى ئابدۇۋەلى ئايۇب ئەپەندى ئۇچۇر قىلىپ ب ب س مۇخبىرى يازماقچى بولغانلىقىنى ئىيىتتى. ئون كۈندىن كىيىن ب ب س مۇخبىرلىرى مەن بىلەن ئالاقە قىلىپ، مىنىڭ تور بوشلۇقۇمدىن ماتىرىياللارنى چۈشۈرۈپ قوللاندى. ئارىلىقتا ئابلىكىم غاپپارنىڭ سىڭلىسى ئايشەم غاپپار س ئىن ئىن مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنى ئۈچۈن 20- مارت ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ غايىب بولدى، س ئىن ئىن مۇخبىرىمۇ تەھدىتكە ئۇچراپ ئوتتۇرلۇقتىن چىكىندى. ئارىلىقتا ئابدۇۋەلى ئايۇب يەنە ب ب س مۇخبىرى بىلەن دىيىشىپ تەستە ئۇنى قايىل قىلدى. بىراق ب ب س مۇخبىرىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي ۋىرۇس سەۋەبلىك كارانتىنغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئىيتىپ، كانادانىڭ «globe and mail» مۇخبىرىغا سۇندى. ئۇ مۇخبىر گەرچە بىزنىڭ مەسىلىگە ئەڭ دەسلەپ نەزەر ئاغدۇرۇپ، ئ‍ىزچىل خەۋەر ئىشلەپ كىلىۋاتقان تىرىشچان مۇخبىر بولسىمۇ، ئارىلىقتا مۇخبىرلارنىڭ بىر نەچچە قېتىم ئالمىشىشى ئابلىكىم غاپپارنى ئەندىشىگە سالدى، مەيۈسلەندى. ئابلىكىم غاپپار دەسلەپتىلا ئۆزى ئاشكارا مەيدانغا چىقماي، مۇخبىرلارغا ئىشەنگەنلىكىگە ئۆكۈنۈشكە باشلىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئىككى جىيەن ئوغلى ۋە سىڭلىسى ئابلىكىم سەۋەبلىك تۇتۇلۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ئېغىر ۋىجدان ئازابىدا ئېدى. مەن بەرگەن تەسەللىي ئۆزۈمنىمۇ ئىشەندۈرەلمەيتتى. ئارىلىقتا مەرداننىڭ خىتاي دوستى تەھدىتكە ئۇچراپ، ئۇمۇ ئارقىغا داجىب تۇراتتى، ئۇنىڭغا تولا چىرايلىق گەپ قىلىپ، گوللاندىيەگە كەلسە مىھمان قىلىدىغانلىقىمنى ۋەدە قىلىپ قىلغان ئىشىنى يوققا چىقارماسلىققا ئۈندەيتىم، بىراق ئۇ يەنىلا تولا ئارىسالدى بولۇپ، ئاخىرىدا باش تارتتى.

بەشىنجى ئاي كىرىپ كەتتى، خەۋەر ئىشلەنمەيۋاتاتتى، ب ب س:«ۋىرۇس سەۋەبلىك ھەممەنىڭ دىققىتى ۋىرۇستا، بىز بۇ خەۋەرنى چوڭ خەۋەر قىلىمىز دىسەك ساقلىشىمىز كىرەك » دەيتى. مەن توختىماي سۈيلەيتىم، يىڭى ئۇچۇرلار بولسىلا ئۇلارغا يەتكۈزەتتىم. 25- ماي جورج فىلويىد ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇلار قايتىدىن مەن بىلەن ئالاقە قىلىپ مەردان بىلەن جورج فىلويىدنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۇئال سوراپ قويۇپ يەنە يوقاپ كەتتى. ئارىلىقتا مەرداننىڭ بىر نەۋرە ئۇكىسى 17 ياشلىق دىليارغا بىر يىللىق تۈرمە جازاسى كىسىلدى. 6-ئايمۇ تۈگەي دېدى، مۇخبىرلار مەندىن ئارىلاپ- ئارىلاپ سۇئال سوراپ قويغاندىن باشقا ئىلگىرلەش يوق ئ‍ىدى. ئابدۇۋەلى ئايۇب ۋە تاھىر ئىمىندىن مەسلىھەت سورىدىم، ئامالسىزلىقىنى بىلدۈردى. ئابلىكىم غاپپار تولىمۇ تېت-تېت بولۇپ، ب ب س دىن دادلايتى، باشقا مۇخبىرلارغا بەرگۈسى كىلەتتى، ئابدۇۋەلى ئايۇبنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىناتتى. بۇنى ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى چارىسىز، ئۈمىدسىز كەيپىياتىغا باغلاپ چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يەنىلا 1- قول ماتىرىياللارنى ب ب س غا سۇنغان، شۇلارمۇ زىيارەت قىلغان بولغاچ ساقلاشنى تەۋسىيە قىلاتتىم. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرى ئۇلار خەۋەرنى ئاي ئاخىرىدا ئىلان قىلىدىغانلىقىنى ئىيىتتى، قايتىدىن جانلاندۇق، ئۈمىدلەندۇق.

7-ئاي ئاخىرىدا ئۇلار ئ‍اخىرى ئابلىكىم غاپپارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى توغرۇلۇق سۆھبەت قۇردى. ئۇلار بىر نەچچە مۇخبىر بولۇپ، بىرلىكتە سۇئال سوراپ تىلىفۇندا زىيارەت قىلدى، ئوتتۇرىسىدا مەن تەرجىمان بولدۇم. زىيارەت باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئىلان قىلىنغۇچە مەن بىلەن ئابلىكىمنىڭ كۈنلىرى ئالدىراشلىق بىلەن مۇخبىر سورىغان سۇئاللارغا ئۇدۇللۇق جاۋاب بىرىش، كەم ماتىرىياللارنى توپلاش، تەرجىمە قىلىش بىلەن ئۆتتى. ۋاقىت ئاز قالغانسىرى مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرى كۆپىيىپ ماڭماقتا ئېدى. مۇخبىرلار تاكى خەۋەر ئىلان قىلىنىشقا 1 سائەت قىلغۇچە سۇئال- جاۋابنى توختاتمىدى، بىزمۇ جاۋاب بىرىپ ھارمىدۇق. ئابلىكىم غاپپار كىچىلەپ ئۇخلىمىدى، ھىيىت كۈنىمۇ تىلىفۇن، ئۇچۇر ئۈزۈلمەيتى. مەنمۇ ھىسابتا بۇ بىر ھەپتىلىك مەكتەپ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلىيەلمەي، مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان پىروجەكىتتىن چىكىندۈرۈلدۈم، ئەلەم بولدى. تاكى ب ب س خەۋەرنى ئىلان قىلغان مىنۇتقا قەدەر ئابلىكىم غاپپار بىلەن ئىككىمىز تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈق. يىرىم كىچىدە ئاخىر خەۋەر ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئاندىن ھاردۇقۇم چىقتى، ئابلىكىم غاپپارنىڭ ئالدىدا يۈزۈم يورۇق بولدى! – سۆزۈم تامام!

ئابلىكىم غاپپارنىڭ ئاخىرقى سۆزى:

بۇ بىر پارچە 5 مىنۇتلۇق خەۋەر ئۈچۈن ب ب س بەش ئاي ئ‍شىلىدى. بەش مىنۇتلۇق خەۋەر ئۈچۈن بەش ئادەمنىڭ جېنى ھەلقۇمغا يەتتى. مېنىڭ ئائىلەمدىن بەش جان: ئاچام ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەردان، سىڭلىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى دىليار، چەتئەلدىكى يىگانە مەن ئابلىكىم غاپپار بۇ بەش ئايدىن بىرى قويدەك تېپىرلاپ، يۈرىكىمىز سۇ بولدى، بىشىمىزدا ئوت كۆيدى. خەۋەر ئىلان قىلىنىش بىلەن تەڭ دۇنياۋى دڭالىق تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك بەس-بەستە تارقىلىپ، بۇ ئوتنى خىتايغا تۇتاشتۇردى. ئەگەر خىتاي يەنە ئاچا-سىڭلىم ۋە ئىككى جىيەن ئوغلۇمغا زىيانكەشلىك قىلىدىكەن، مەن قولۇمدىكى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلارنى ئاشكارىلاپ خىتتاينى رەسۋا قىلىمەن، ئۇلارنى خالىغانچە بوزەك قىلىشىغا ھەرگىز يۇۋاشلىق بىلەن قاراپ تۇرمايمەن!