ئەنگىلىيە يەھۇدىي ۋەكىللەر كېڭىشى: ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز

ئۇيغۇرلار ۋاگونلارغا قاچىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش.

ئەنگىلىيە يەھۇدىي ۋەكىللەر كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچلىقى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتىنى يۇرۇتۇش ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ خاتىرىسىنى شەرەپلەندۈرىدۇ دېدى. 

«ئەنگىلىيە يەھۇدىي ۋەكىللەر كېڭىشى» ئەنگىلىيەدىكى نوپۇسى ئۈچ يۈز مىڭدىن ئاشىدىغان يەھۇدىي جامائەتچىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى بولۇپ، تۆۋەندىكى ئەسەر ئۇنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تەرىپىدىن يېزىلغان. 

ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز

ئېدۋىن شۇكېر

يەھۇدىي خاتېرىلىرى تورى، 2020- يىلى 6- ئاۋغۇست

ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، خىتايدىكى بىر ئىنسانىيەت تراگېدىيەسىنىڭ پىلتىسى يېقىلدى، ئۇ مىليونلىغان كىشىگە تەسىر كۆرسىتەتتى، ئۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئۆزبەك، تاجىك، قىرغىز ۋە قازاق قاتارلىق باشقا دىنىي ئاز سانلىقلار ئىدى. 

خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىيۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 12 مىليون - لېكىن باشقا مەنبەلەر بۇ ساننى 20 بىلەن 25 مىليون ئارىسىدا دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدا ياشايدۇ، بۇ رايون ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان. 

ئۆتكەن ئون يىلدا، خىتاي دائىرىلىرى دىنىي ئىبادەت ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. بىخەتەرلىك ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىليونلىغان كىشىنى لاگىرلارغا قامىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى «كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتايدۇ، لېكىن بۇ ئورۇنلار تۈرمىلەرگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ يەرگە قامالغان مەھبۇسلا قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدۇ، قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ ۋە ئىدىيەسى ئۆزگەرتىلىدۇ. 

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، كىشىنى چۆچۈتىدۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈت قىلىشى تېخىمۇ شۇنداق. بۇ يەردە ئەلەرنىڭ ساقاللىرىنىڭ چۈشۈرۈلۈشىنىڭ، ئاياللارنىڭ مەجۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلىشىنىڭ، ئەزا يۆتكەشنىڭ، مىليونلىغان كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن باشقا ھېچ قانداق سەۋەبسىز ھالدا تەكشۈرۈلۈشى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىمىز. 

بۇ ھەقىقەتەن 21- ئەسىردە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتامدۇ؟

بۇ زۇلۇمنىڭ شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق خەير-ساخاۋەت ئورگىنى رېنېي كاسسىن تەمىنلىگەن تەتقىقاتتىن ئۆتكەن ماتېرىياللار سايىسىدە، يەھۇدىي ۋەكىللەر كېڭىشى يانۋاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرگە ئاۋام پالاتاسىدا «ئىنسانىيەتكە ئاگاھلاندۇرۇش-خىتايدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى. 

يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، بىز بۇ تېمىنى تونۇشتۇردۇق ۋە ئاۋامنىڭ تەشۋىقات پروگراممىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، FCO غا ھەمدە دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئالاھىدە ئەلچىسىگە مەكتۇپ يېزىپ، ناچار ۋە چىدىغۇسىز ئەھۋالدىن ئاگاھلاندۇردۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى جەسۇر ۋە ناتىق ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت يەھۇدىيلار جەمئىيىتىدىن كېلىدىغان بالدۇر ۋە ھالقىلىق قوللاش ھەققىدە قىزغىن سۆز قىلدى. ئۇ 20 يىل ئىلگىرى ئۆيىدىن ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن قايتمىغان ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى كۆرمىگەن.

جورج فلويىد ۋەقەسىدە بىر پارچە ئىسپات دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن ئېلىنغانلىقى مۇقەررەر دەپ قارالغان 13 توننا ئىنسان چېچىنىڭ يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئاخىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئويغىتىپ دۇنياۋى ئىنكاس پەيدا قىلدى، بۇ ئىنسانىيەت پاجىئەسى ھەققىدە سوئاللار سورىلىشقا ۋە جاۋاب تەلەپ قىلىنىشقا باشلىدى. 

بىر ھەپتە تاراتقۇلاردا كەڭ كۆلەمدە ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، يەھۇدىي ۋەكىللەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى مارىي ۋان دېر زىل خىتاي باش ئەلچىسىگە كۈچلۈك بىر ئوچۇق خەت يازدى. ئۇ ياۋروپادىكى يەھۇدىيلار كالا ھارۋىسىغا قاچىلانغان ئىنسانىيەتنىڭ قاراڭغۇ ۋاقىتلىرىدىكى سۈرەتلەرنى نەقىل قىلدى. ئۇ خېتىدە خىتاينى لاگېرلارنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئادالەت ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

بۇ يەرلىك پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش خېتى يېزىش ئارقىلىق ھەممىمىز قاتنىشالايدىغان پائالىيەت. ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا باشقا ئېتىقاد ۋە ئىرقتىكى كىشىلەر ئۈچۈن گەپ قىلىش ۋە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇش بىزنىڭ ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ، ئەكىسچە كۈچەيتىدۇ.

يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى بىلەن ئوخشاشلىقنى تىلغا ئېلىپ، دۇنيانى يوشۇرۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇنىڭ خاسلىقىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەيدۇ، ئەمما مېنىڭچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ خاتىرىسىنى شەرەپلەندۈرىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە باشلامچىلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈش ۋەكىللەر كېڭىشىنى ئۈلگىلىك ئېتىقاد گۇرۇپپىسى سۈپىتىگە ئىگە قىلدى ھەمدە يەھۇدىيلار جەمئىيىتىمىزنىڭ مەنپەئىتى ۋە پاراۋانلىقىنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈردى.

ئېدۋىن شۇكېر (Edwin Shuker) برىتانىيە يەھۇدىيلار ۋەكىللەر كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى