ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرشىكە چاقىردى

بىر تۈركۈم ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا خەت ئەۋەتىپ، خىتاي زۇلمىدىن قاچقان ۋە ئەنگىلىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارغا ئاپتوماتىك ھالدا مۇساپىر سالاھىيىتى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى تەرىپىدىن يېزىلغان مەكتۇپنى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى، ئىشچىلار پارتىيىسى، شوتلاندىيە مىللىي پارتىيىسى (SNP) ۋە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ 44 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە سىياسىئونلار ئىمزالىغان بولۇپ، مەكتۇپتا ھۆكۈمەتنى «خىتاي دۆلىتىنىڭ دىنىي زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ كەلگەن بارلىق ئۇيغۇرغا ئاپتوماتىك ھالدا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشكە» چاقىرغان. 

 ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگىلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇتنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بارغانسىرى كۆپ دەلىللەر «ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا» ئىشارەت قىلغان. 

2020-يىلى 7- ئاۋغۇست